جۈپ تاللاش كۆڭلەك تاللاشمۇ؟

ئائىلىدىن دادلىنىپ يېزىلغان مەكتۇپلارنى ئوقۇغاندا ، ئۆزلىرى خالاپ تۇرمۇش قۇرغان ، نەچچە – نەچچە يىل ئارلىشىپ توي قىلىشقان ، بىراق كېيىنچىلىك ئاسانلا ئاجرىشىپ كەتكەنلىك ھەققىدىكى  پاراڭلارنى ئاڭلىغاندا ، كىشى كۆڭلىنى غەم باسىدۇ ، بىئارام بولىدۇ . ئاجراشقان ئاتا – ئانا ئوتتۇردا سەبى بالىلارنىڭ سەرسان بولۋاتقىنى بولسا ئېچىنىشلىق ئەڭ ئېغىر پاجىئەدۇر !
بۇنداق تۇرمۇش ئاتا- ئانىنىڭ زورلىشى بىلەن بولغاندىغۇ ، ھەممىسىنى ئۇلارغا دۆڭگەپ قويساق بولاتتى . ئەمما ، بۈگۈنكى دەۋر بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ . شۇڭا ئەمدى بولسا « ئالتۇن دەپ تاللىغىنىم مىس چىقىپ قالدى » دەپ بارچە گۇناھنى جۈپتىمىزگە ئارتىشقا كۆنۈپ كەتكەنمىز . كىشى كىيدىغان كېيىمنىمۇ ئوبدان كۆرۈپ قانداق چىقىشىنى دەڭسەپ بېقىپ ئالىدۇ . جۈپ تاللاش كۆڭلەك تاللاش ئەمەسقۇ ! ئۇ ئۆمۈرنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىغا قەدەر بىرگە ياشايدىغان جۈپتۇر ! 20،30،40،50،60……يېشىڭنىڭ يىگانە يەلىكدىشى ۋە ھامىيسىدۇر ! سەن جۈپ تاللاشتا ئۇنىڭ قەددى – قامىتىگە ، ئاتا – ئانىسىنىڭ مال – دۇنياسىغا ياكى جۈپتىڭنىڭ قەسەم – ۋەدىلىرىگە قاراپ ئىش كۆردۈڭمۇ ۋە ياكى باھا بەردىڭمۇ بۇنىڭ ئىسمى « سۆيگۈ» بولدىمۇ دەيلى ، تاللىغان ئادىمىڭ سەن ئارزۇ قىلغان ئىنسان ئەمەس ئىكەن ، كېيىنكى تۇرمۇش ھاياتىڭ مۇجۇمەل !
سەن قانداق ئويلىغان ئىدىڭ ؟ جۈپتىڭنىڭ تاشقى قىياپىتى ، سەن بىلەن ئۇچرىرىش ۋە كۆرشۈشلەردىكى ساختىلىقىنى ھەرگىزمۇ ئويلاپ باقمىغان بولغىيتىڭ . مۇكەممەل ، قۇيما ئىنسانلار ھېچقاچان ئانىدىن تەييارلا يارالمايدىغۇ ؟

شۇنداق ، ئەزىزەم ، ئائىلە ___ ئىستىراھەت بېغى ئەمەس . ئۇنىڭدا پەقەت گۈل كۆتۈرۈپ ، ناخشىنى دۆڭ توۋلاپ قولتۇقلۇشۇپ يۈرمەيدۇ . خەلىق ھەقنى ئېيتىدۇ :« روزغار___ بۇ غار !» دەپ ! ئۆزۈڭنى بۇلبويى خۇددى شام كەبى يېقىپ بارساڭلا ، ئەتراپىڭ يورۇپ ، چىرايلىق شەكىلگە كىرىپ بارىدۇ . ئائىلە_____ ئەرگىمۇ ، ئايالغىمۇ ، بىر – بىرىگە مۇناسىپ بولۇش ئۈچۈن بىر ئكمۈر ئۆزىنى ئۆزى قايتا تەربىيلەيدىغان مەيدان !

بىز ھەممىمىز ئاتا- ئانا بولغۇچى . پەرزەنتلىرمىزنىڭ بەختلىك بولىشىنى ھەممىدىن بەك خالايمىز ، ھازىر بەزىلىرمىز بەك كىچىكلا تۇرمۇش قۇردىغان بوپ قالدۇق ……..
بۈگۈنكى تۇرمۇش قۇرۇش ھارپىسىدىكى قىز – يىگىتلەرگە قانداق ئىلىم بىرەلىدۇق ؟ ئەر تۇتۇش ، خوتۇن تۇتۇش ، ئۆي تۇتۇش ، قېيىن ئانا ، قېين ئاتىلارغا مۇئامىلە قىلىشنىڭ بىر يۈكسەك بۇرچ ۋە مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى ئۈگەتتىقمۇ ؟! ئۈگەندىقمۇ ؟ ! بىراۋغا يىقىش ، بىراۋنى ياقتۇرۇش سىرلىرىنى ئۈگەنمىگۈچە ئائىلىنىڭ ھالقىىسىنى تۇتماسلىق كېرەكلىكىنى بىلدۇردۇقمۇ ؟ بىلدىمۇ ئۇلار ؟! ئۆزىدىن ئۆتكىننى ئۆزى ھەم ياراتقۇچى بىلىپ تۇرۇپتۇ – يۇ پىشمىغان يىگىت ۋە غورا قىزدىن نېمىنى كۈتۈش مۈمكىن ئاخىر ؟!

ئائىلە قۇرۇش بوسۇغىسىدا تۇرغان قىز – يىگىتلەر ، شۇنى ھەرگىز ئۇنۇتماڭكى ، ئائىلە ئەر بىلەن خوتۇننىڭ داۋاملىق ئىتىپاقىدۇر . ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە نېپى تەگمىسە ، روھەن تىرەكلىكى ، كېرەكلىكى بولمىسا ، بىر – بىرىگە كۆيىنىش ، ھۆرمەت ، ساداقەت ، ئەپۇ  بولمىسا  تۇرمۇشنىڭ چىرىغى زىنھار يانمايدۇ ، ئەلۋەتتە ! نۆۋىتىدە شۇنى دەپ ئۆتۈش زۆرۈلكى ، ياخشىلىقنى ، مېھىرنى بىر ئۆمۈر سەن بىلەن ياشايدىغان كىشىگە قىلىسەن ، شۇنداق ئىكەن ، بەزى كەيپىڭ ئۇچقان ۋاقىتلاردا ، ئەر – خوتۇن بىر – بىرلىرىگە « پالان ۋاقىتتا ساڭا ئۇنداق قىلغانمەن ، مۇنداق قىلغانمەن شۇنى بىلمىدىڭ …» دېييشى ، قىلغان ياخشىلىقلىرىنى بىر – بىر ساناپ كۆرسىتىشى مىننەتدۇر ! ئۆز يۈزىگە قارا سۇۋاش بىلەن تەڭدۇر ! ئەر _ خوتۇن ئارسىدىكى ئەڭ نازۇك تارىلارنىڭ ئۈزىلىشىدۇر ! ئەمدى ئۇلار مىننەت قىلدى ، مىننەت ___ زەھەر ! ئەر – خوتۇن شىرىن دۈشمەنگە ئايلىنىشقا يول تۇتتى . زەھەرنى بولسا پەقەت دۈشمەنلەرلا بىر – بىرىگە راۋا كۆرىدۇ ! بىز ئاتا – ئانا بولۇشتەك بۈيۈكلىك ۋە پىدايىلىقنىڭ ھۆددىسىدىن چىققۇچىلارمىز . گاھى ئەر ، گاھى ئايال ئادىشىپ قالسا ، تەدبىركار بولايلى ، مەسئۇلىياتچان بولايلى ! قۇسۇرغا ، نالايىق ، نامۇۋاپىق ، مۇجۇمەل ئىشلارغا ، كېيىنچە كىشىنى پۇشمانغا ، خۇرسىنىشقا سەۋەپ بولدىغان ئىشلاردىن قەتتى ساقلىنايلى . مىننەتكە تىلىمىز بارمىسۇن ! ئاجرىشىشلاردىن نارىسىدىلەرنىڭ يۈركى تىترىمىسۇن ! سەبىلەرنىڭ تىرىك يېتىملىق زارىدىن زېمىن تىترىمىسۇن !

، شەبنەم تورى، مەنبە : يېنىڭدىكى بەخت

ئارقامغا ياكى ئالدىمغا قارىغىم يوق، چۈنكى ئارقامدا غەمكىنلىك ۋە پۇشايمان، ئالدىمدا، تەشۋىش، ئەنسىرەش بار.يەنىلا ئۈستىگە قاراشنى لايىق تاپتىم، چۈنكى ئۇ يەردە ھەقىقىي بەخىت ۋە خۇشاللىق بىرىدىغان رەببىم بار.

0 comments

پىكىر بايان يوق