ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! لايىق ئىزدەش، دوست ۋە ياكى يىتەكچى تېپىشىڭىزغا ياردەم بېرىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان قالقان گۇرۇپپىمىزدىن سىزگە ئوتلۇق سالام!
تىزىملىتىشتىن بۇرۇن تۆۋەندىكىلەرنى تولۇق ئوقۇپ قوشۇلىشىڭىز شەرت، ئەگەر قوشۇلمىسىڭىز تىزىملىتىشتىن ۋاز كەچسىڭىز بولىدۇ.
- شەخسىيەت: سىزنىڭ شەخىسي ئۇچۇرلىرىڭىز ئۆزىڭىزگىلا تەۋە، باشقىلارنىڭ شەخسىيتىگىمۇ سىز ھۆرمەت قىلىشىڭىز شەرت.
- ئالاقە: تورىمىزدىكى بىرى بىلەن ئالاقە قىلغىنىڭىزدا مەدەنىيتىمىز، ئۆرپ-ئادىتىمىز، تىلىمىز ۋە دىنىمىزغا زىت، زىددىيەت تېرىيدىغان ياكى باشقىلارنىڭ شەخسىيتىگە تېگىدىغان ھەرقانداق ئۇچۇر-ئالاقە چەكلىنىدۇ.
- مەسئۇلىيتىڭىز: سىز ئۇچۇرلارنىڭ ئىشەنچلىك ۋە توغرا بولۇشىغا ئۆزىڭىز مەسئۇل. بىز پەقەت ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تۇغۇلغان يىلى، جىنسى ۋە تۇرۇشلۇق دۆلىتىنى تەستىقلاپ شۇلارغا كاپالەتلىك قىلىمىز(شەخىس ئارخىبىنىڭ تەستىقتىن ئۆتكەن ياكى ئۆتمىگەنلىكىگە قارىسىڭىز بولىدۇ)، باشقا ئۇچۇرلىرىغا شەخىسنىڭ ئۆزى مەسئۇل. ئىسىڭىزدە بولسۇن: دوستلۇق، لايىق ئۈچۈن سەمىمىيەت ۋە راستچىللىق تۈۋرۈكلۈك رولىغا ئىگە، ئۇنىڭسىز قۇرۇلغان ئائىلە ياكى دوستلۇق غۇلاپ چۈشىدۇ.
- بىر ئەر بىر ئايال: گۇرۇپپىمىز بىر ئەر بىر ئاياللىق نىكاھ تۈزۈمىنى قوللايدۇ، شۇڭا توي قىلىپ نىكاھتا بولغانلارنىڭ يېڭى لايىق ئىزدىشىگە قارشى تۇرىمىز. لايىق ئىزدەش ئۈچۈن توي قىلمىغان ياكى توي قىلىپ ئاجراشقان، توي قىلىش يېشىغا توشقان بولۇشى شەرت.
- باشقۇرۇش: تۈزۈملەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، زىيانلىق بولغان ھەرقانداق ئۇچۇر مەزمۇنلار بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، مەسىلەن: مەزمۇنلىرىنى ئۆچۈرۈش،ئاگاھلاندۇرۇش، ھېساباتىنى توڭلىتىش دېگەندەك.