Uighur
تىزىملىتىڭ
كىرىڭ
تىزىملىتىڭ
كىرىڭ
سىز مۇسۇلمانمۇ ئۇيغۇرمۇ؟
24/01/2025
0 comments
بىر چاغلاردا قايسىدۇر بىر مۇنبەردە «سىز مۇسۇلمانمۇ ئۇيغۇرمۇ؟» دىگەن بىر مۇنازىرە تىمىسىنى كۆرگەنلىگىم ئىسىمدە ،ئۇنىڭدىكى ھەرخىل ئىنكاسلارنى كۆرۈپ قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىسىم مەسىلىسىدە ئويلىغانلىرىغا مەسلىگىم كەلگەن ئىدى ،ئەلۋەتتە ئۇ پەقەت توردىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش بولۇپ ئۇنىڭ رىئاللىقتىكى ئىپادىسىنى كۉرمىگەچكە ئانچە پەرۋا قلىپ كەتمىگەن ئىدىم. لىكىن بىر قىتىملىق سورۇندا يەنە شۇ سۇئالغا دۈچ كىلىپ قالدۇق،مۇنازىرىلەشكۅچىلەر ئۇدۇلمۇ –ئۇدۇل ئولتۇرعان بۇ مۇنازىرە سورۇننى بۇزۇپلا قالماستىن سورۇنداشلارنى ئىككىگە ئايرىدى،بىز ئەزەلدىن مەۋجۇت بولمىغان تەھدىتلەرگە قارشى سەپ تۇزدۇق،ئۇيەردە ئىلمى مۇنازىرە بولماي قالدى.قارىسام بىر تۈركۈم كىشىلەر مىللىتىدىن ،بىر قىسىملىرىىمىز ئىتقادىمىزدىن كىچىشكە تەييار بولۇپ قالدى.بىر قىسىم كىشىلەر بىر قىسىم كىشلەرنى مۇستاپا كامالنى دوراپ دىڭىزعا تاشلىماقچى بولسا ،يەنە بەزىلەر بەزىلەرنى كاللىسىنى ئالمىعۇچە ئوڭشالمايدىعانلار دىگەن يەكۇننىمۇ چىقىرىپ ئۅلگۅرۅشتى.ھەممىنىڭ مەقسىدى مىللىتىنىڭ مەنپەئەتى بولسىمۇ لىكىن ئاشۇ مەنپەئەتكە قانداق ئىرىشىشتە نىشانى ئوحشىمىعانلىقتىن كىلىپ چىققان عەۋعانى كۉرۅپ شۇ سۇئالنى سورۇنعا كۉتۅرۅپ چىققۇچىعا حىيالىمدا حەت يىزىشقا تۇتۇندۇم.
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان “الله” نىڭ ئىسىمى بىلەن باشلايمەن.
سىز مۇسۇلمانمۇ ياكى ئۇيغۇرمۇ؟
بۇ ئەجەپ بىر سۇئال. سىز بۇ سۇئالنى شۇنداق ئۇشتۇمتۇت قويدىڭىزكى مەن تەمتىرەپ قانداق جاۋاپ بىرىشىمنى بىلمەيلا قالدىم.ئىنىقىنى ئىيتسام دەرمەھەل تەڭقىسلىقتا قالدىم.
كۆپ ئويلىنىشلار ئارقىلىق ئاران دىگەندە مەن ھەم مۇسۇلمان ھەم ئۇيغۇر دىگەن جاۋاپنى بىرەلىدىم- دە، ئۇھ دىدىم .لىكىن سىز،- كىشىلەرنىڭ ئىددىيىسنى ماھىرلىق بىلەن يىتەكلىيەلەيدىغان ماھارەتلىك سوراقچى – بىر پاي ئوقنى ئىتىپ بولۇپ ئىككىنچى پاي ئوقنى بەتلەپ ئۈلگۈرگەن ئىكەنسىز،
دىمەكچىمەنكى سىز بىرىنچىدىن ئۇيغۇرمۇ بىرىنچىدىن مۇسۇلمانمۇ.؟
بۇ سۇئالىڭىز مىنى ئەمدى راستىنلا گاڭگىرىتىپ قويدى.
بۇ ئاددىلا سۇئال بولماستىن بەلكى سىزنىڭ بۇ سۇئال ئارقىلىق مىنىڭ ئىيمان ئىتقادىمنى تارازىغا سىلىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىغىڭىز بىلىنىپلا تۇراتتى.
سىزنىڭ سىز بىرىنچىدىن مۇسۇلمانمۇ ياكى ئۇيغۇرمۇ دەپ سورىشىڭىز پەقەت ئورۇن ياكى زامان جەھەتتىن رەتكە تۇرغۇزۇش بولسا ئاددى ئىش ئىدى. مەن ئەگەر بولدىلا مەن بىرىنچىدىن ئۇيغۇر ئىككىنچىدىن مۇسۇلمان دىسەم سۇئال ئاخىرلىشىدىغان بولسىا ئاددىلا سىز قانائەتلەنگۈدەك جاۋاپنى بىرەتتىم دە كۈلۈپ ئۆتكۈزىۋىتەتتۇق،لىكىن دىققەت قىلسام بۇ يەردە بىر گەپ ئويۇنى باردەك . مۇنازىرىمىزنىڭ داۋامىدىن مەقسەتنىڭ ئورۇن زامان جەھەتتىن رەتكە تۇرغۇزۇش ئەمەس قىممەت جەھەتتىن رەتكە تۇرغۇزۇش ئىكەنلىگى كۆرۈپ يەتتىم.
گىپىڭىزنىڭ ئورامىدىن قارىسام سىز ماڭا، سىز مىللىتىڭىزنى بىرىنچى ئورۇنغا قويامسىز ياكى ئىتقادىڭىزنىمۇ دىمەكچىدەك تۇرۇسىز.
ئەگەر مەن بىرنچىدىن مۇسۇلمان دىسەم سىز ئۇ چاغدا .،ھەي كالۋا سەن تۇغۇلغاندا ئۇيغۇر تۇغۇلۇپ ئاندىن مۇسۇلمان بولغانسەن ،دەيسىز –دە زامان جەھەتتىكى تەرتىپ ئارقىلىق ئاغزىمنى تۇۋاقلىماقچى بولسىز، ھالبۇكى ھەر بىر جان تۇغۇلغاندا “الله”نى تونۇيدىغان ساپ قەلىب بىلەن تۇغۇلىدۇ،پەقەت ئەتراپتىكى مۇھىت( ئاتا-ئانا) ئۇنىڭ “الله”نى ئۇدۇل تونۇشىغا توسالغۇ بولىدۇ ياكى “الله”نى تونۇشقا يىتەكلەيدۇ،(سىزنىڭ بۇنى ئىتراپ قىلشىڭىزدىن گۇمانلىنىمەن )
ئەگەر بىرىىنچىدىن ئۈيغۇر دىسەم (ئەلۋەتتە بۇ سىزنىڭ مەندىن كۈتىدىغىنىڭىز) ئۇنداقتا تەبىئىلام ئۆز – ئۆزۈمگە، مەن بىرىنچىدىن ئۇيغۇر بولغانكەنمەن مەن ئۈچۈن ئىسلامنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىدىنمۇ مىللەت مەنپەئەتى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇشى كىرەك دىگەن يەكۈننى چىقىرىشىم تەبىئى .
ئۇنداقتا ئىسلامنىڭ مەنپەئەتى بىلەن ئۈيغۇرنىڭ مەنپەئەتى توقۇنۇشۇپ قالسا قايسىغا تۇرىسەن ، ؟ سىنىڭ قەلبىڭدە ئەقىدەڭگە (“الله”قا )بولغان مۇھەببەت ئۈستۈن تۇرامدۇ ياكى مىللەتكە بولغان مۇھەببەتمۇ ،؟ ئەگەر ۋاختى كىلىپ ۋاز كىچىشكە توغرا كەلسە ئىيمانىڭغا تۇرامسەن ئۇيغۇرلۇقۇڭغىمۇ ؟ دىگەندەك قەلىب سۇئاللىرىغا جاۋاپ بىرىشىم كىرەك. چۈنكى سىز سۇئالىڭىزنىڭ بىشىدىلا ئۇيغۇرلۇقنى ئايرىم كاتۇگۇرىيە سۈپىتىدە تىلغا ئالدىڭىز.
بۇ يەردە سىزنىڭ «سىز ئۇيغۇرمۇ مۇسۇلمانمۇ؟» دىگەن سۇئالىڭزغا جاۋاپ بىرىشتىن بۇرۇن سىزگە بىر سۇئال قويغۇم كىلىدۇ. سىزنىڭ سۇئالىڭىزدا نەزەردە تۇتۇلغان ئۈيغۇرلۇق پەقەت ناخشا سەنئەت ۋە بىر نەچچە خىل كىيىم تۇرلىرى ، ۋە تاماق تۈرى، تىل ئالاھىدىلىگى ياشاش مۇھىتى پەرقىمىزنىلا كۆزدە تۇتقان ئۇيغۇرلۇقمۇ ؟ياكى بولمىسا يۇقارقىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا دىن بىلەن قان بىلەن گۆشتەك يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن ئويغۇرلۇقمۇ؟
ئەگەر دىمەكچى بولغىنىڭىز كىينكىسى بولسا سۇئالنى يۇقارقى تەرىزدە قويشىڭىز خاتا. ئەگەر ئالدىنقىسى بولسا مىنىڭ بۇ ماقالىنى يىزىپ ئولتۇرۇشۇم ئارتۇقچە ئىش بولىدۇ.بىز ئوخشاش قاراشتا ئىكەنمىز.
بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇر بولىشى ئۇنىڭ كىيم كىچەك تىل سەنئەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئىلىپ مىللەتنىڭ مەۋجۇت ئىتقادىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىسا ياكى ئىتقاددىن ئايرىم نەرسە دەپ دەپ قارالسا ، بەلكى مىللەتنىڭ ئىتقادىغا زىت نەرسە دەپ قارالسا ئۇنداقتا بۇ بىزنى قايىل قىلالمايدۇ.
بىر مۇسۇلمانغا نىسبەتەن ئۇنىڭدا ئىتقادىدىن قەدىرلىك نىمە بار ،؟ ئەگەر ئۇ ،قەلبىمدە شۇ مىللىتمىنى مىللەت قىلغان ، ئۇنىڭغا ئاستى كان ئۈستى بوستان مۇنبەت زىمىن ،ھاياتلىقتا مەۋجۈت بولۇش شارائىتىنى بەرگەن “الله”دىنمۇ ھۆرمەتلىك “الله”دىنمۇ ياخشى كۆرىدىغان يەنە بىرى بار دەپ قارىسا ( ياراتقۇچى- خالىقتىن مەخلۇقنى ئۈستۈن بىلسە ياكى بەكرەك ياخشى كۆرسە) ئۇ ئۆزىنى يەنە مەن مۇسۇلمان دىيەلەمدۇ.؟
ئۆز دەۋرىدىكى مىللەتپەرۋەر ئوقومۇشلۇق زات، مىللەتنى ئويغىتىش ئۈچۈن ھاياتىنى پىدا قىلغان ئۇيغۇر ئوغلانى دىنى ئۆلىما مەرھەم ئابدۇقادىر داموللام ئۆزىنىڭ كىتاۋىنىڭ بىرىچى جۈملىسىنى «ۋەكەلىمەتۇللاھى ھىيەل ئۇليا» يەنى “الله”تائالانىڭ سۆزى ھەممە سۆزدىن بەلەن ۋە ئۈستۈندۇر،دەپ باشلىمىغانمىدى.ئۇنىڭ ئۈيغۇرلىغى مۇسۇلمانلىغىغا ، مۇسۇلمانلىغى ئۇيغۇرلىغىغا توسالغۇ بولمىغانغۇ.؟ئۇ بىرلا ۋاقىتتا ھەم ئىسلامنىڭ ھەم ئۈيغۇرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن كۆرەش قىلغانغۇ.؟
چاك چىگرىنى چوقوم ئىنىق ئاجرىتىش كىرەك دىيىشىڭىز ،مىللىتىمنى ئىسلام پەرۋەر ، مىللەت پەرۋەر دەپ ئىككىگە ئايرىل دىگەنلىكمۇ قانداق.؟
مىللىتىم پەرزەنتلىرنىڭ قەلىبلىرى ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سىپىلى سوقمىسىڭىز قانداق.؟!!
بۇنى ئىنىقلاشنىڭ نىمە ئەھمىيتى ،بۇ بىر ئەھمىيەتسىز سۇئال،بۇنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ياكى مىللەتنىڭ ئۆملۈك ئتتىپاقلىغىغا پايدىلىق ئەمەس ياكى سانائەت تەرەققىياتىغا تۈرۈتكىسى يوق، ياكى ھەق ناھەقنى ئايدىڭلاشتۇرۇشمۇ ئەمەس.
مىللەتنىڭ ئىتقادىنى مىللەت بىلەن زىت ئورۇنغا تىزىش نىمە ئۈچۈن شۇنچە ئۈزۈن تارىخدىن بىرى تىلغا ئىلىنماي بۈگۈن ئوتتۇرىغا چىقىپ قالدى.بۇ مىللى مەنپەئەت نوقتىسىدىن ئەمەس ئاللىقانداق كەلگۈندى قايما ئىددىيەلەرنىڭ زەھەرلىك تەسىرى ۋەسۋەسىسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغانمۇ قانداق.؟!!!
مىللى مەدەنىيەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ مىللىتىمنى ئۆز ئالاھىدىلىگىگە ئىگە قىلغان.مىڭ يىللاردىن كۆپرەك تارىخىمىزدا مىللىتىمىز ئۈچۈن بولغان بارلىق كۆرەشلەردە مىللەتنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشنىڭ شۇئارى، ئىگىز كۆتىىردىغان بايرىغى بولۇپ غالىپ بولغانلارغا ئىززەت ،شەھىد بولغانلارغا بەختىيارلىق ئاتا قىلغان .ئەسىرلەردىن بىرى زىنا ئارقىلىق نەسەبىنى بۇلغاشتىن ،ئىچىملىك چىكىملىك ئارقىلىق جىسمىنى ۋەيران قىلشتىن ، قىمار ئارقلىق ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلىشتىن .ئاشنىا ئاداش ئويناش ئارقىلىق بالىلارنى يىتىم قىلشىتىن مىللىتىمنى توسۇپ كەلگەن ئىسلام دىينى بۈگۈنكى كۈندە قايسى جەھەتتىن مىللىتىمنىڭ مەنپەئەتىگە زىت كىلىپ قىلىشى مۈمكىن .؟ قايسى بىر ئىشلاردا مەن ئىككىدىن بىرىنى تاللاشقا دۇچ كىلەرمەن.؟ بۇ خۇددى يۈرۈگۈڭ بىلەن ھاياتىڭدىن بىرنى تاللاش توغرا كەلسە قايسىغا تۇرۇسەن دىگەندەك بىر سۇئالغۇ بۇ.؟!
پەقەت ……….كىشىلەرلا مۇشۇنداق سۇئالنى قويۇشى مۈمكىن.
كاللامغا بىر سۇئال كەلدى .
كىچىك بالىنى دادىسى بىلەن ئانىسىنىڭ ئارىسىدا تۇرغۇزۇپ سەن داداڭغا ئامراقمۇ ئاناڭغىمۇ دەپ سوراش پەقەت ئۇنى تەڭقىسلىقتا قالدۇرۇش ھىساپلىنىدۇ،ئۇنىڭ قەلبىدە ئاللىبۇرۇن بۇ توغرىدا خۇلاسە چىقىرىپ بولغان ( مەيلى ئۇ دادىسى ئەپ بەرگەن كەمپۇتكە ئاساسەن ، ياكى ئانىسىنىڭ مىھرى بىلەن قۇچاقلىشىغا ئاساسەن چىقىرىغان بولسۇن ).لىكىن ئۇنى ئىغىزدىن چىقىرىش باشقا گەپ.
بۇ سۇئالنى قويغۇچى پەقەت بالىنىڭ جاۋابى ئارقىلىق كۆڭۈل ئاچماقچى بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا چاقچاق قىلماقچى بولسىمۇ بالىغا نسبەتەن ئۇ نۇرغۇن بىسملەردىن دىرەك بىرىدۇ،
ئەگەر ئۇ ئەقلى تولغان بالاغەتكە يەتكەن بالا بولسا ئۇنىڭ بەرگەن جاۋابى ئائىلىدىكى نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقتىن دىرەك بەرمەيدۇ دىيەلمەيمىز.
كۆپىنچە ئەقىللىق بالىلار ھەر ئىككىسىنى ياخشى كۆرىمەن دەپ قۇتۇلىدۇ،ئەمما سۇئال قويغۇچى بۇنىڭ بىلەن بولدى قىلمايدۇ، ئاناڭنى بەكرەك ياخشى كۆرەمسەن داداڭنىمۇ،؟بۇ چاغدا بالا تاللاشقا مەجبۇر بولىدۇ، ئۇنىڭ تاللىشى پەقەت چاقچاق بىلەن ئاخىرلاشسىغۇ بىز بۇ سۇئالنى قويغۇچىنى دوس بولغاچقا ئوينىشىپ قويدى دىسەك بولىدۇ، داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان ئائىلەردە بالىللارغا بۇنداق سۇئالنى قويۇش ئوت ئۈستىگە ياغ چىچىش بولۇپ بالىغا مەيدانىڭنى ئىنىقلا دىيش پەقەت دۈشمەنلەرنىڭ قىلىدىغان قىلىغى خالاس.
قىرىندىشىم ،سۇئالىڭىزغا زادى جاۋاپ بەرمىسەم بولمامدۇ.؟
مىنىڭ ئىتقادىمىنى سورىسىڭىز مۇسۇلمان ،مىللىتىمنى سورۇسىڭىز مەن ئۇيغۇر.مەن مۇسۇلمان شۇنداقلا ئۇيغۇر، ھەم ئۇيغۇر بالىسى،ھەم ئىسلام پەرزەندى. ھەم ئاتا ، ھەم ئەر ،ھەم ئىتقادمەن ھەم مىللەتپەرۋەر.ھەم شىنجاڭلىق ھەم قەشقەرلىك. بىرلا ۋاقتتا ھەم پالانى مەھەللە ،پالانى كوچا ، پالانى ئۆيلۈك.
سىز مەندىن سەن ئاۋال پالانى سائەتتە پالانى كارۋاتتا تۇغۇلغان ، ئۇنداق بولغاندىكىن سەن بىرنچى بولۇپ كارۋاتلىق .ئىككىنچىدىن پالانى ئۆيلۈك . ئۈچنچدىن پالانى مەھەللىلىك ،توتىنچىدىن پالانى يۇرتلۇق،بەشىنچىدىن………. دەپ رەتكە تۇرغۇزىشىڭ شۇنڭغا ئاساسەن پەرىقلىق مۇئامىلە قلىشىڭ كىرەك دىمەيدىغانسىز،؟.
ئەگەر ۋاختى كەلسە سەن قايسىغا تۇرۇسەن دىسىڭىز مەن ھەممىگە تۇرۇمەن.چۈنكى ئۇلار مىنىڭ بارلىقىم ،ھاياتىمنىڭ تۈنجى سائەتلىرى بىلەن كىينكى سائەتلىرى مەن ئۈچۈن ئوخشاشلا قەدىرلىك.
ئاخىرىدا مۇجىمەن سۇئالدىن مەنمۇ بىرنى سوراپ قوياي.
تاغىل ئات ئەسلى ئاق بولۇپ قارا سىزىقلار كىيىن سىزىلغانمۇ ياكى ئەسلى قارا بولۇپ ئاق سىزىقلار كىيىن سىزىلغانمۇ.؟
ئاپتورى :- چىندىل
2004-يىلى 4-11-كۈنى ئۈرۇمچىدە يىزىلدى
0 comments
پىكىر بايان يوق
سەھىپە
ئىقتىساد ۋە بايلىق
نىكاھ ۋە ئائىلە
پىسخىكا ۋە ساغلاملىق
يېقىنقى يازمىلار
ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ
ھاياتتىكى ئۈچ خۇرجۇن
ھەسەتخورلۇق-ئەڭ يىرگىنىشلىك ئادەتتۇر
جۈپ تاللاش كۆڭلەك تاللاشمۇ؟
ﻣﯘﯞەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﺩﻩﺳﺘﯘﺭﻯ
0 comments