نىكاھ قىلىنغۇچى قىز – يىگىت مىجەز – خۇلقى جەھەتتە بىر – بىرىگە مۇۋاپىق بولىشى كېرەك. بىر – بىرىنىڭ مىجەز – خۇلقىنى ياقتۇرمىغان ئادەملەر بىر چاقىرىم يەرگىمۇ بىللە بارالمايدۇ. ئۇنداقتا، مىجەز – خۇلقى بىر – بىرىگە مۇۋاپىق بولمىغان قىز بىلەن يىگىت قانداق قىلىپ ھاياتلىق سەپىرىنى بىللە باسالىسۇن ۋە قانداق قىلىپ بىر جان، بىر تەن بولالىسۇن؟
بىر قېتىم يۈزلىرىنى، بويىنى كۆرۈش بىلەن قىز – يىگىت بىر – بىرىنىڭ مىجەز – خۇلقىنى پۈتۈنلەي بېلىپ ۋە سىناپ بولالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ ئەتراپلىق چۈشىنىشكە، كۆپرەك بىلىشكە تىرىشىش زۆرۈر.
سۈتىنى سېغىپ ئىچىش ئۈچۈن سىيىر ئالغان ئادەممۇ ئۇزاق ۋاقىت ئالماقچى بولغان سىيىر ھەققىدە بىلگەنلەردىن سۈرۈشتۈرىدۇ……. شۇنداق ئىكەن ئۆمۈر بويى بىللە تۇرىدىغان ۋە بىللە ياشايدىغان ئادەم ھەققىدە كۆپ چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش – ئۇنىڭدىنمۇ مىڭ ھەسسە مۇھىمدۇر.
مىجەز – خۇلقىنىڭ ئوخشاشلىقىنى بىلىشنىڭ ئورنىغا بولغۇسى ئەرنىڭ مېلىنى، كىيىم – كېچەك، ئۆي جاھازلىرىنى، ئاتا – ئانىسىنى تەكشۈرۈش بىلەنلا قانائەتلەنسە، بۇنداق نىكاھ تولىمۇ بىچارە نىكاھتۇر، ئاخىرى بىر ئۆمۈر پۇشايمان قىلار ۋە ئۆز – ئۆزىنى قاغاپ ئۆتەر.
مىجەز – خۇلقى مۇۋاپىق بولمىغان ئەھۋالدا يالغۇز مال – بايلىققا قىزىقىپ، شۆھرەت ئىزدەپ قىزلىرىنى نىكاھ قىلغۇچىلار ئادەم بالىسى سودىسى قىلغۇچىلاردۇر. چۈنكى، بۇنداق نىكاھ ھەقىقىي مەنىدىكى نىكاھ ئەمەس.
مەنبە: « ئەدەپ – ئەخلاق مىزانلىرى »
0 comments