ھەقىقى مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىز؟

ھاياتلىقتىن ماماتلىققا قەدەر ھايات-مامات ئالمىشىپ تۇرىدۇ، تۇرمۇشتىن بىزار بولغان كىشىلەر:”تۇرمۇشنىڭ ھېچقانداق قىززىقى يوق”دەيدۇ، تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدىغانلار:”ھايات نېمە دېگەن گۈزەل”دەيدۇ، تۇرمۇشنى تىزگىنلىۋالغان كىشىلەر بولسا:”ياشىدۇق، مۇھەببەتلەشتۇق، تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى سۈردۇق”دەيدۇ.
تۇرمۇش_سۆيۈش دېمەكتۇر. ھەقىقى سۆيگۈگە ئېرىشكەن كىشىلەر ئەلۋەتتە تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدۇ. مۇھەببەت مەڭگۈلۈك تېما، كىشىلەرنى مەست قىلىدۇ، قوغلىتىدۇ ۋە ئىنتىلدۈرىدۇ. شىكىسپىر:”مۇھەببەت_گۈللەرنىڭ دالدىسىدىكى تاتلىق پىچىرلاش ئەمەس، شاپتۇلزارلىقلاردىكى شېرىن-شېكەر سۆزلەرمۇ ئەمەس، ئاسان تۆكۈلىدىغان كۆز يېشىمۇ ئەمەس، مەجبۇرى بويسۇندۇرۇش تېخىمۇ ئەمەس، مۇھەببەت ئورتاق ئاساسقا قۇرۇلىدىغان ھېسسىيات”دېگەن.
ھەر قانداق بىر ئىنسان مۇھەببەتكە تەشنا. شۇنداقلا ھەقىقى مۇھەببەتكە ئېرىشىشكە ھەقلىق. ئۇنداقتا ھەقىقى مۇھەببەت دېگەن نېمە؟ ھەقىقى مۇھەببەت_ئاتا قىلىش ۋە كۆڭۈل بۆلۈش؛ ھەقىقى مۇھەببەت_ئادەمنى ئۆزىگە ئىشەندۈرۈش ۋە مۇستەقىل قىلىش؛ ھەقىقى مۇھەببەت_كەڭ قورساقلىق ۋە چۈشىنىش؛ ھەقىقى مۇھەببەت_ھۆرمەت قىلىش؛ ھەقىقى مۇھەببەت_تۇراقلىق بولۇشتىن ئىبارەت. مانا مۇشۇنداق ھەقىقى مۇھەببەتلا ئادەمنى چىن دىلىدىن كۈلدۈرىدۇ، خۇشال قىلىدۇ، بەخىتلىك قىلىدۇ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ، ئازاب-ئوقۇبەتتىمۇ، مۇۋەپپىقىيەتلەردىمۇ بىللە بولۇپ، مۇھەببەت ئاتا قىلىش_بۇ سىلەرنىڭ كىشلىك تۇرمۇشۇڭلار ۋە ھاياتىڭلارنىڭ پۈتكۈل ئەھمىيىتى.
نىكاھ تەڭلىمىسىدىكى تەڭسىزلىك:
ئاياللار ئەرلەرنى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن چىن دىلىدىن سۆيىدۇ، لېكىن ئەرلەر ئاياللارنى بىپەرۋالىق بىلەن سۆيىدۇ.
بىرىنى سۆيۈش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بۇ ئۇنىڭ بەختى ئۈچۈن خۇشال بولۇش، ئۇنى تېخىمۇ خۇشال قىلىش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ھەممە ئىشلارنى قىلىش ۋە بۇنىڭدىن خۇشاللىققا ئېرىشىشتىن دېرەك بېرىدۇ.
_چېرنىشىۋېسكى
ئىشىق بىلەن تىرىك بۇ ئالەم،
ئىشىق بولمىسا بولماستى ئالەم.
_قۇتبى
مەنبە:خوتۇنلارغا 101 تەكلىپ

0 comments

پىكىر بايان يوق