چىرايلىق بولغاندىن كۆرە ، چىرايىلىق ياشاڭ

بۇ يازما ئادىلە تەرپىدىن نادىرلاندى(2007-09-22)

ھەر قانداق ۋاقىتتا بولسۇن ، بىلىملىك ، ساپالىق ، مەدىنيەتلىك ، ئەدەپلىك ، كەڭ قورساقلىق بۇلۇش ، شۇنداقلا مۇھەببەتكە تولغان قەلبى بولۇش بىر ئايالنىڭ چىرايلىق ياشىشى ، ھەتتا ئىسىل ياشىشى ئۈچۈن يىتەرلىكتۇر .
ئايال كىشىنىڭ ئىسىللىكى چۇقۇم باي ئائىلىدىن كىلىپ چىقىشى ياكى مەرتىۋىسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ ، بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان ئىسىللىق روھى ھالىتىنىڭ قانداقلىقىنى كۆرسىتىدۇ .
ئەرلەر شاللاق ، روھى ھالىتى رەزىل ئاياللاردىن ئەڭ بىزار .
تۇرمۇشتا ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئاسرىغۇچ ئەلچىسى ، لىكىن ئەرلەر ئاياللارغا بىر تۇلىك ئىىشەنىچ ئاتا قىلىشى – بۇ خىل ئىشەنىچ ئەرلەرنى خاتىرجەم قىلىپ ، سىزگە ئۆز مۇھەببىتىنى خۇشاللىق بىلەن ئاتا قىلىدىغان بولىشى كىرەك .
كىچىك ديۇمانىڭ ئەسىرى << چوغلۇق قىز >> دىكى خوجايىن مىجەزى ئىسىل ھەم تۇلۇپ تاشقان ئاياللىق خاسلىقىغا ئىگە ئايال چاكارنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ .
بۇنداق ئاياللار كۆپۈنچە ئەرلەرگە تۇرمۇشتا ئىشەنىچ – غەيرەت ئاتا قىلىدۇ ، چۇنكى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتا ئەرلەرنىڭ روھىنى پاكلايدىغان ، ئەرلەرنىڭ جاسارىتىنى ئۇرغۇتىدىغان بىر خىل سىھرى كۈچ بار .
ھازىرقى زامان ئاياللىرى ئېزىتقۇ ، قارىغۇلارچە ئەگەشكەك ، تېشى پال – پال ئىچى غال – غال بولمىسىلار ئەرلەر ھەسسىلەپ زوقلانغۇدەك شۇنداقلا مىجەزى ئىسىل ئاياللاردىن بولالايدۇ .
ھەممىلا يەر رىقابەتكە تولغان بۇ جەمئىيەتتە ، ئەرلەر ئاياللارنىڭ خوجايىنى ، ئاياللارمۇ ئەرلەرنىڭ بىقىندىسى بولماي قالدى .
<< ئەرلەرنىڭ قوغلىشىدىغىنى مۇۋاپقىيەت ، ئاياللارنىڭ قوغلىشىدىغىنى بەخىت >> دەيدىغان ھېكىمەتمۇ كۈنسىرى سۇسلىشىشقا باشلىدى .
ئاياللار ئۆز – ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ۋە ئۆز – ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۇرۇشنىڭ مەڭگۈ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىگىنى بىلۋالدى .
بىر ياش ئايال مۇخبىر مۇخبىرلىق سېپىغا قۇشۇلۇشتىن ئىلگىرى پەقەت ناھايىتى ئاددى بىر دىھقان ئائىلىسىدىن ئىدى ، ئۇ ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىگەندىن كىيىن چۇشكۇنلەشمەي ، تىرىشىپ قېتىرقىنىپ ئۆگۈنۈپ ، بىر چوڭ گىزىتخانىغا كىلىپ ئۆز – ئۆزىنى كۆرسىتىپ مىنىڭ مۇخبىر بولغۇم بار ، بىر تىيىن ھەق ئالمايمەن ، يېزىقچىلىققا تايىنىپ كۈن كەچۇرمەن ، دىگەن . بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئۇ ناھايىتى داڭلىق مۇخبىر بۇلۇپ قالغان .
ئەرلەر مۇشۇنداق ئۈمۈتۋار ، ئۆز – ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئاياللارنى ياخشى كۆرىدۇ .
بۇ دۇنيادا كۈشلۈك مۇستەقىل ئاياللار كۆپ بولىدىكەن ، ئەرلەر ئۆز ئۈستىگە ئالدىغان روھى بېسىممۇ بىر قەدەر ئاز بولىىدۇ .
بىر ئەر پەقەت كىيىم -كىچەك ، يىمەك – ئىچمەك بىلەنلە قانائەت تاپمايدىغان ئايال بىلەن بىرگە ئۆتسە تۇرمۇشى يېڭىلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ ، بۇزۇلمايدۇ .
ئەرلەر ئەلۋەتتە ئاياللارنىڭ مۇيلايىملىقىنى ياخىش كۆرىدۇ . چۇنكى ئاياللارنىڭ مۇلايىملىقى ئەرلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتىدۇ .
شۇنداقلا ، مۇلايىملىق بەزى چاغلاردا بىر تۇرلىك پىرىنسىپسىز مۇھەببەتتۇر . بىر ئايال مۇلايىملىق قىلىشقا ئەرزىمەيدىغان بىر ئەرگە مۇھەببەت ئاتا قىلسا ، مەلۇم نوقتىدىن ئالغاندا بۇ شۇ ئەرنىڭ جىنايىتىنى قوللىغانلىق .
مۇھەببەتنىڭمۇ چېكى بولىشى ، شۇنداقلا ياخشىلىققا يۈزلەنگەن بولىشى كىرەك .
شۇڭا ، ياخشى ئاياللار ئەرلەرگە نىسپەتەن ياخشى نىيەتتە بولسىلا كۇپايە .
ئەقىللىق ۋە ئۇمۇتۋار ئاياللار كۆپۈنچە ئۆز قەلبىنى چۇشۈنىشكە تىرىشىپ ، مۇھەببەتنى ئاددىيلىقتىن مۇستەھكەم ۋە مەڭگۈلۈك قىلىشقا ئۇرنىدۇ .
بىر مەمۇمەتلىق ئايال ئۆز ئېرىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىكەن . لىكىن ، ئۇ ئېرىنى ياخشى كۆرگەندە ئۆزىنى قەدىرلەشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىغان . ئۇنىڭ يولدىشى دائىم سىرىتتا سودا قىلىدىكەن ، شۇنداقتىمۇ ئۇلار ناھايىتى ئىناق ئۆتكەن ، ھېچقانداق دەز كۆرۈلمىگەن . بىرسى ئۇ ئايالدىن: سىز ئۇنۇڭ سىرىتتتا  باشقا بىرسىنى تېپۋېلشىدىن ئەنسىرمەمسىز ؟دەپ سورىغان.
ئۇ ئايال:بىزنىڭ ئارمىزدىكى مۇھەببەت ئەزەلدىن باراۋەر بۇلۇپ كەلگەن.
ئۇنۇڭ مۇھەببىتىنى قۇبۇل قىلغان كۈندىن تارتىپ، مەن ئۇنۇڭغا ئىشەنچ ئاتا قىلدىم ، مەن ئۇنى سۆيمەن، لىكىن ئۇنۇڭغا بەك قاتتىق تەلەپ قۇيمەن. مەن ئۇنۇڭ مۇۋاپىقىيەت قازنىشىنى ، مۇكەممەل بۇلشىنى ئۈمۈت قىلىمەن، لىكىن مەن ئەزەلدىن ئۇنۇڭغا بارلىقىمنى گۆرۆگە قۇيۇپ باقمىدىم.
مەن نىمىدىن ئەنسىرگىدەكمەن؟ بەزى ۋاقىتلاردا ھېسيات دىگەن نەرسىنى ئۆزڭىزنى قويۋېتىپ ئويلاپ باقسىڭىز، ئەمەليەتتە بىر تۈرلۈك ئەڭ ياخشى ئىگىلەشتىنلا ئىبارەت.
بەزى ئاياللار ئۆزىنى دەسلىپىدىلا ھېسيات تىلەمچىسى ئورنىغا قويۇپ قويدۇ ،پاجەنىڭ يىلتىزى كۆپۈنچى مۇشۇنۇڭدا بۇلدۇ: سىز ئۆزڭىزگىمۇ ئىشەنمىسىڭىز، باشقىلار سىزنى قانداقمۇ ئەتىۋارلىسۇن؟
شۇڭا، ھېسياتتا ئەڭ مۇھىمى ھۆرمەت قىلىش ۋە باراۋەرلىك… دىگەن.
شۈبھىسىزكى ، ئەرلەر مۇشۇنداق تۇنۇش ۋە قەلىبكە ئىگە ئاياللارنىڭ سۆيۈملۈكلىكىنى تەبئىلا ھېس قىلالايدۇ.
چۈنكى ئەرلەر بىر ئايالنى ياخشى كۈرۈپ قېلىشنىڭ چەكلىمىسى ئۆز دۇنياسىنىڭ يەنە بىر تەرپىنى يوق قىلۋېتشنى خالىمايدۇ.
ئەرلەر مۇھەببەتتە چىقشىش ، كەڭ قورساقلىق ۋە چۈشنۈشكە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ.
چۈنكى بۇنداق مۇھەببەت ئەرلەرنىڭ كىشلىك ھاياتىنى ئەركى ـ ئازادە بېسىپ ئۆتشىگە توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ.
دەرۋەقە، ئەرلەرنىڭ نەزرىدە مۇھەببەت پۈتكۈل كىشلىك ھاياتقا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.
ئۆتمۈشتە ئاياللار تالاق قىلىنسا، ئامالسىز دەرت ئەلەمدە يىغلىغان پېتى ئانسىنىڭ ئۆيگە كېتىپ قالاتتى.
لىكىن ھازىر، ئايالىنى تاشلېۋېتىش دىگەننىڭ ئۇنداق تراگىدىيلىك مەنىسى يوق.
تاشلانغان ئايال بۇلۇش قوقۇنۇچلۇق ئەمەس، قورقۇنچلۇقى تاشلىۋېتىلگەندىن كىيىن چۈشكۈنلشۈپ بىر ئۆمۈر رايى قايتىپ كىتىشتۇر.
تاشلىۋېتىلگەن ئايال چۈشكۈنلەشمەي داۋاملىق ياششى كېرەك. ئەنە شۇ چاغدا ئۆز قەدىرىيىتىنى داۋاملىق ھېس قىلىپ ماڭالايدۇ،ئۆمۈرۋايەت ھاياتلىقنىڭ تام چىرقى. ئۇ نۇرغۇنلىغان بەخىتنى پەيدا قىلغۇچى سەۋەبلەر ئىچىدە تولىمۇ مۇھىم سەۋەب پىسخولوگلارنىڭ تەھلىل قىلىشچە، ئاياللارنىڭ ھېسياتى ئەقلىنى بېسىپ كىتىدۇ، دوستلۇق، كەسىپ ،نىكاھقا مۇئامىلە قىلغاندىمۇ شۇنداق، بۇ ئاياللارنىڭ تەرەققى قىلشىغا توسالغۇ بولۋاتقان ئەجەللىك كەمچىللىك، شىنجىندا ئىشلەيدىغان بىر قىز بار بۇلۇپ، باشقا ئىشلەمچى قىزلار زامانىۋى شەھەرلەرنىڭ يىنىك ۋە ئاۋاتلىقى ئىچىدە ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويۋاتقان ۋاقىتتا، ئۇ يەنلا ئۆزنىڭ پاك دىھقان قىزلىق خاراكتىرىنى ساقلاپ قالغان .
ئۇنۇڭ ياتقىدىكى باشقا قىزلارنىڭ ھەممىسنىڭ دىگۈدەك مۇھەببىتى بار، پەقەت ئۇلا << سالتاڭ >> ئۇ يۇرتىدىكى بىر قىزنىڭ دوستىغا مەن شىنجىندىكى ئەرلەرنى ياخشى كۆرمەيمەن، چۈنكى مىنىڭ يىلتىزىم شىنجىندا ئەمەس.
مىنىڭ بۇ يەرگە كىلشىم پەقەت پۇل تېپىپ ، يېرمىنى ئۆيدىكىلەرگە ئەۋەتىپ بېرىپ، يېرمىنى ئۆزۈمنىڭ تويلىقى ئۈچۈن ئىشلىتىش ئۈچۈندۇ. مەن بۇندىن كىيىن چۇقۇم يىگىت تاپمىسام بولمايدۇ. لېكىم مەن يۇرۇتقا قايتىپ قائىدە ـ يوسۇنلۇق يىگىت تاپىمەن .
ماڭا ئوخشاش بۇ ئاچا ـ سىڭىللارنىڭ بەزىللىرى زىيان تارتىشنى خالىمايدۇ ، ئامال بار پۇلدارنى تاپسام دەيدۇ،
ئۇلار مەڭگۈ بەخىتلىك بولالامدۇ؟
مەن ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ تىرشىپ پۇل تېپىپ، يۇرۇتقا قايتىپ خاتىرجەم كۈن ئۆتكۈزسەم دەيمەن… شۈبھىسىزكى، بۇنداق رېئانلىق ئۈستىدە تۇرۇپ سەگەك ھالدا ئۆزىنى تەكشۈرەلەيدىغان ، مۇستەققىل كۆز قارشى بار ئاياللارمۇ ئەرلەرنىڭ نەزرىدە يەنلا سۈيۈملۈكتۇر .


بىر ئايال تۇغۇلۇشدا چىرايلىق بولمىسىمۇ ، لىكىن چۇقۇم چىرايلىق ياششى كېرەك.
چىرايلىق ياشغاندىمۇ ، بىرخىل روھ، بىرخىل پەزىلەت ، بىرخىل سەمىمىيلىك بىلەن قالتىس ياششى كېرەك……………


=====================
مەنبە: ھاياتلق ژورنىلىدىن ئېلىندى.

0 comments

پىكىر بايان يوق