قىز – ئاياللارغا نەسىھەت

 
    ئۆز – ئۆزىنى چۈشەنگەن ھاياتىنى تەھلىل قىلالىغان، ھەقىقەت پەللىسىگە ئۆرلەشنى ئۆزىنىڭ دائىملىق نىشانى قىلغان ئىنسانلار ھەر ۋاقىت ھاياتقا كۈلۈپ باقىدۇ، ئەڭ ئازاپلىق مىنۇتلارنىمۇ ئوخشاشلا تەمكىنلىك بىلەن ئۆتكۈزەلەيدۇ، ئۆزىگە ۋە ئۆزگىگە كېلىۋاتقان پايدا زىياننى ئوبدان بىلىدۇ، قاچان ئۆزىگە جان كۆيدۈرۈش ۋە قاچان ئۆزگىگە كۆيۈنۈش مەسىلىسىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىدۇ. 
    ھاياتنىڭ لەززىتى ۋە گۈزەللىكى ، بەختنىڭ قىممىتى ۋە ئۇنىڭ ۋايىغا يېتىشى پەقەت ئىنساننىڭ توغرا ئېتىقادنى تاللىيالىشى ۋە ھايات مۇساپىسىنى شۇ ئېتىقادنىڭ تەقەززاسى بويىچە توغرا بېسىشىغا باغلىق .  
      ھايات ئەنە شۇنداق قىممەتلىك ۋە قىسقا بولغاچقا ، بۇ ھاياتنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش ۋە ئۆزىگە لايىق قىممەت يارىتىش ئۈچۈن، ھەر بىر ئادەمدە مەلۇم نىشان، بۇ نىشانغا يەتكۈزىدىغان يول، ئۇ يولنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۈندەيدىغان ئىرادە ۋە ئارزۇ بولىشى كېرەك. بۇ ئاددىي رىسالىدە ئەمەلىي تۇرمۇشىڭىزدا سىزنى توغرا يولغا يىتەكلەيدىغان بىر قانچە ھەقىقەتلەرنى دەستە گۈل قىلىپ سىزگە سۇندۇم، بۇ قەقىقەتلەرنى ئەمەلىيىتىڭىزگە تەتبىقلىسىڭىز، ھاياتىىزدا زور ئۆزگىرىشلەر بولۇپ ئارامسىز كۈنلىرىڭىز راھەتكە، جاپالىق كۈنلىرىڭىز سائادەتكە ئايلانغۇسى. ئىشىنىمەنكى، بايانلىرىمنى ئەستە تۇتۇپ، تۇرمۇشىڭىزغا ئۆزلەشتۈرسىڭىز، ھاياتىڭىزدا يېڭىچە بىر تەم تاپىسىز، دۇنياغا كۈلۈپ باقىسىز. 
      1. تولا گەپ قىلىپ كوتۇلداشتىن ھەزەر ئەيلەڭ.  ئورۇنسىز ئىشلار ئۈچۈن كوتۇلداپ ئائىلىسىنى ۋەيران قىلغان ئاياللار ئاز ئەمەس، ئۇلارنىڭ ھىكايىسىنى تەكرارلاش ھاجەتسىز. شۇنىڭ ئورنىغا سىز ھەل قىلماقچى بولغان مەسىلە ھەققىدە كۆپرەك ئويلىنىڭ. 
    2. ئۆزىڭىزنىڭ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەيدىغان ۋە ھايات يولىڭىزنى كۆرسىتىپ بېرىدىن ياخشى كۆرىدىغان كىتاپلارنى كۆپ ئوقۇڭ. پايدىسىز كىتاپلارنى ئوقۇش بىلەن ۋاقتىڭىزنى زايە قىلماڭ. بىلىملىك كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىڭ، سۆھبەت جەريانىدا ئاز سۆزلەپ كۆپرەك ئاڭلاڭ. 
  3. ئاڭلىغان گەپ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنىلا باشقىلارغا سۆزلەپ يۈرۈش ياخشى ئادەت ئەمەس، بۇنداق ئىش كۆپ بولۇپ كەتسە ، سىزدە يالغانچىلىق ئادەت شەكىللىنىپ قالىدۇ – دە، باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمەيسىز. 
  4. كىشىلەر ئالدىدا بىلەرمەنلىك قىلىپ ئۆز – ئۆزىڭزىنى ماختىماڭ، ئۇنداق بولمايدىكەن ئويلىمغان يەردىن ئۇياتقا قالىسىز. 
  5. يۇقۇرى ئاۋاز، قاتتىق تەلەپپۇز بىلەن ۋارقىراپ تۇرۇپ سۆزلىمەڭ. شۇنى ئېسىڭىزدن چىقارماڭكى سىز بىر ئايال، ئەگەر سىز ئاۋازىڭىزنى بارىچە قويىۋېتىپ، قوپاللىق بىلەن سۆزلىسىڭىز ئاياللارغا خاس جەلىپكارلىغىڭىزنى يوقىتىپ قويىسىز.  
  6. ئۇلۇغلارنىڭ سۆزلەش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ سۆزلەڭ. ياخشى مەنپەئەت؛ىك گەپ بولسا قىلىڭ، بولمىسا شۈك تۇرۇڭ. 
  7. ھەرگىز باشقىلارنىڭ سۆزىنى بۆلمەڭ، سۆھبەتدىشىڭىزنىڭ سۆزلىرىگە ئەدەپ بىلەن قۇلاق سېلىڭ. باشقىلار سۆزلەپ بولغاندا ئەڭ ياخشى ئۇسلوب بىلەن گەپ باشلاڭ، سىزنىڭ گەپنى قانداق باشلىغانلىقىڭىز ، گاھىدا سىزنىڭ خارەكتىرىڭىزنى ئېچىپ بېرىدۇ. 
  8. باشقىلارنى دوراپ مەسخىرە قىلىپ گەپ قىلماڭ. شۇنى بىلىڭكى ئاينىڭ ئونبەشى قاراڭغۇ بولسا ، ئونبەشى ئايدىڭ بولىدۇ. << كىشىگە سانىساڭ ئۆزگە، قاشقا سانىساڭ كۆزگە>> دېگەن گپ بار. بىر كۈنلەردە ھايات سىزنى ، پەرزەنتىڭىزنى ياكى قېرىنداشلىرىڭىزنى سىز مەسخىرە قىلغان كىشىلەرنىڭ تەقدىرىگە دۇچار قىلىپ قويسا قانداق قىلىسىز؟  
  9. گەپ قىلىشتىن ئىلگىرى قىلماقچى بولغان سۆزىڭىزنىڭ سالمىقىنى دەڭسەپ بېقىڭ. سۆز قىلىشتا مەسئۇلىيەت بولۇشى كېرەك. سۆزلىرىڭىزدىن ياخشىلىق تېمىپ تۇرسۇنكى ، رەزىللىكنىڭ ھىدى زادىلا پۇرىمىسۇن. ئۇلۇغ ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ << سۆز ئېغىزدن چىقىشتىن ئىلگىرى ئالتۇن، چىقىپ بولغاندىن كېيىن مىس بولىدۇ>> دېگەنىكەن. 
  10. بىلىم ئېگىلەش ياخشى ئىش ۋە ئۇلۇغ يول، بارلىق ئىمكانىيەتلىرىڭىز بىلەن بىلىم ئىگىلەڭ.  11. بىلىمى يوق، مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى ئوقۇيالمىغان قۇرداشلىرىڭىزنى مەسخىرە قىلىشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەڭ. كەمتەرلىك بىلەن ئۇلارغا ياردەم قىلىڭ. 

 
 مەنبە:  شىنجاڭ ئاياللىرى ژورنىلىدىن ئېلىندى.

0 comments

پىكىر بايان يوق