ئەرلەر نىمىشقا ئاسانلا تالاغا قارپ قالىدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن ،ناۋادا مۇھەببەتنى يىتىلدۇرۇشكە دىققەت قىلمىسا ئەر -ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى تېتىقسىز تۇرمۇش كۇندىن كۇنگە داۋاملىشىۋەرسە بەزى ئەرلەردە قايناق ھىسىياتىنى قۇغلىشىدىغان ھەۋەس پەيدا بولۇپ قېلىشى ،ھەتتا تالاغا قاراپ قالىدىغان ئەھۋاللارنىڭ كىلىپ چىقىشى مۇمكىن .تەلەيمۇ ياكى باخىتسىزلىكمۇ ،ئەرلەر خىزمەت ئۇرۇنلىرىغا بارغاندا ،ھامان بىر قىسىم قىزلار ئۇلارنىڭ ئەتىراپىدا پەرۋانە بولۇپ تۇردۇ .ئۇلارنىڭ گۇزەل جامالى ،كىلىشكەن تەقى -تۇرقىغا قارپ ئەرلەر ھەۋەسلەنمەي تۇرالمايدۇ .
      ئەرلەر كوپ ھاللاردا مۇئەييەن ئۇرۇنغا ئىگە بولغان بولىدۇ ،ئادەتتە ئۇلار باشلىقلىق سالاھىتى بىلەن ياش ،خىزمەت تەجىربىسى كەمچىل بولغان ئاياللارنى باشقۇردۇ .بۇ خىل ھەم باشقۇرۇش ھەم قانات ئاستىغا ئېلىشتەك خىزمەت مۇناسىۋىتى جەريانىدا ئۇلار ئوتتۇرسىدا تاشقىرى يېقىنچىلىق مۇناسىۋەت ئاخىر بېرىپ سۇيگۇ -مۇھەببىتنى كەلتۇرۇپ چىقىردۇ .
      ئەرلەرنىڭ ھەممىسى شىركەت ۋە ئىدارىدە كۇچكە تولغان ھەم مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۇستىگە ئالغان بولۇپ ئۇلار ئويگە قايتىقان ئەھۋھلدىمۇ تاماق يىيىش ،ئۇخلاشتىن باشقا ھىچقانداق ئىش قىلمايدۇ .يەنە ئەتىسى تاڭ ئاتا -ئاتمايلا قۇرسىقىنى تويغۇزۇپ ئىدارىسىغا ۋا ئىشىغا ماڭىدۇ .شۇڭا ئۇلارنىڭ ئايالى بىلەن بىرگە بولىدىغان چاغلىرى بىرگە ئىشلەيدىغان ياش چۇكانلارغا قارغاندا كوپ ئاز بولىدۇ .ئۇزۇن مەزگىل بىللە ئىشلەش نەتىجىسىدە ئۇلار ئارسىدا تەبى ھالدىلا مۇھەببەت شەكىللىنىپ قالىدۇ .
      ئۇنىڭ ئۇستىگە بالىلىق بولغان كۇپىنچە ئاياللار بالا بېقىش ،بالا تەربىلەش ،ئاش -تاماق ئىتىش ،كىر -قات يۇيۇش قاتارلىق ئائىلە ئىشلىرى بىلەن بولۇپ كىتىپ ،ئوزىنى ياساشقا ئانچە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ .ئەرلەر بولسا ئويدە ھىچ ئىش قىلماي قېتىپ ياسىنىپ يۇرگەچكە شىركەت ۋە ئىدارىدىكى ئاياللارنىڭ زوقىنى كەلتۇردۇ ،ھەمدە مۇھەببىتىگە سازاۋەر بولىدۇ .شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ياش چۇكانلار ئىشقا كەلگەندە ،چىرايلىق ياسىنىپ كىلىدۇ ،ئادەتتە قول ئاستىدىكى ئاياللارنىڭ ئازراقلا  جەلىپ قىلىش كۇچى بولىدىكەن كوپ ساندىكى ئەرلەر ئۇلارنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ .
      بەزى ئەرلەرنىڭ مەنىۋى دۇنياسىدا ئۇرۇنسىز-ئاياللار مۇناسىۋىتى ئېلىپ بېرىشتىكى باھانە -سەۋەبلەر ئىنتايىن تۇلۇق ،شۇڭا مۇناسىۋەتلىك ئاياللاردا ئوخشاش ئويى بولسىلا شىركەت ياكى ئىدارىدا ،بۇنداق ئەر باشقلار بىلەن مۇھەببەتنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى ئېرىققا سۇ ئاققاندەكلا تەبى بولىدۇ .
      ئەرلەرنىڭ تالاغا قارپ قېلىشنىڭ سەۋەبى ناھايىتى كوپ ،ئۇسۇلىمۇ نۇرغۇن ،ئالاھىدىلىكىمۇ ھەر خىل .يۇقۇرى تۇۋەنلىك مۇناسىۋەت بولغانكەن ،ئۇ ھالدا ئەرلەر ئىشتىن چۇشكەندىن كىيىن ئايال خىزمەتچىلەر بىلەن بىرگە رىستۇراندا بىللە تاماق يەپ كىلىشكە تەكلىپ قىلىشمۇ نورمال ئەھۋال .گاھىدا تاماق يىگەندە ،ئاز تولا ھاراق ئىچىدىغان گەپ.ھاراقتىن كىيىن قىززىپ قالىدىغان گەپ .قىزىغاندىن كىيىن باشقا ئىشلارمۇ بولىدىغان گەپ ئەلۋەتتە .
      شۇڭا ئاياللار ئەرلىرى بىلەن كوپلەپ بىرگە بولىشى ،ھەمسۆھبەتتە بولىشى ،چىرايلىق ياسىنىپ يۇرشى ، ياخشى سوز -ھەركەتلەر بىلەن يولدىشىنى قارشى ئېلىشى ، پاكىزە مۇھىت يارتىپ بىرىشى قاتارلىقلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك .

مەنبە:ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا بىلدۇرۇشكە خالىمايدىغان سىرلىرى دىگەن كىتاپتىن قىسقارتىلىپ ئېلىندى

0 comments

پىكىر بايان يوق