ئائىلىدىكى يۇمۇرىستىك دىيالوگلار

     بىر كۈنى ئايالى ئېرىدىن :
    _ سۆيۈملۈكۈم ، مېنى ياخشى كۈرەمسىز ؟ _ دەپ سوراپتۇ .
    _ ناھايىتى ياخشى كۈرىمەن _ دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ ئېرى .
    _ ئۇنداقتا مەن ئۈچۈن قۇربان بىرەلەمسىز ؟  
    _  بىرەلەيمەن ، بىراق ئۇنداق قىلىش خاتالىق ،مەن قۇربان بەرسەم كىم سىزنى ياخشى كۈرىدۇ ؟
    _ باشقىلار ئايالىنى «قۇياشىم »دەپ ئەركىلىتىدىكەن ، مەن نېمىڭىز ؟
   _ قول چىرىغىم .
   _ نېمە ؟ قۇياش بولالمامدىمەن ؟
   _ قۇياش بولسىڭىز بولمايدۇ ، قۇياش ھەممە ئەرلەرگە ئورتاق ،سىز پەقەت ماڭىلا نۇر بەرسىڭىز بولىدۇ ،
  ئېرىنىڭ جاۋابىدىن سۆيۈنگەن ئايال يەنە سوراپتۇ :
    _ نېمىشقا ماڭا ھەر قاچان شۈنچە ياخشى مۇئامىلە قىلىسىز  ، خاتالىقىم _ كەمچىلىكىم يوقمۇ ؟
   _ تويدىن ئىلگىرى ئاتامدىن « ئانام بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغىنىڭلارنى كۆرمۈدۈم ، مەنمۇ شۇنداق ئۈتەلەرمەنمۇ ؟» دەپ سورىغانتىم ، ئۇ «ئايالىڭنىڭ خاتالىقى ۋە كەمچىلىكىنى ئەيىپلەپ يۈرمە ،چۈنكى شۈنچە گۈزەل قىز قىسمەن كەمچىلىكلىرى بولغاچقىلا سەندىنمۇ ياخشى ئەرنى تاپالماي ساڭا تەگمەكچى ، ئاناڭمۇ ئوخشاش » دىگەن ،
ئايال گەپنى باشقا ياققا بۇراش ئۈچۈن :
  _ ئاڭلىسام غېنى باي لايىقىدىن ئايرىلىپ قىلىپ ، ئەلەمدە «باي بولىمەن » دەپ قەسەم ئىچىپتىكەن ، قاراڭ ،ھازىر ئۇلارنىڭ ئائىلىسى نېمە دىگەن باياشات-ھە _ دەپتۇ .
   _ ئەينى يىللىرى سىزمۇ مېنى تاشلاپ ، بىرە بايۋەچچە بىلەن كىتىپ قالغان بولسىڭىز ، بەلكىم مەنمۇ غېنى بايدىنمۇ بەكرەك بىيىپ كىتەر بولغىيىتتىم .
     ئايال توي قىلغانلىغىنىڭ ئون يىللىق خاتىرە كۈنى پولۇ ئىتىپتۇ ، ئەمما ئاشقا ئىس ئۆتۈپ قاپتۇ ،ئېرى ئۆيگە كىرىپلا نېمە ئىش بولغانلىغىنى بىلىپتۇ-دە ئايالنى باغرىغا چىڭ بىسىۋاپتۇ ،
     _ نېمە قىلىۋاتىسىز ؟ ئادەمنىڭ خۇيى تۇتۇپ تۇرغاندا _ دەپتۇ ئايال .
    _ ھا…..ھا…..ھا……خاتىرە كۈن دىگەن مۇنداق بولمامدۇ ، يىڭى توي قىلغان چاغدىكىدەك پولۇ ئىتىپسىز ، شۇڭا سىزنى كىلىنچەكتەك قۇچاقلىۋالغۇم كەلدى ،_ دەپتۇ ئەر .
     ئايالنىڭ كۆزلىرىدىن ھاياجان ياشلىرى تاراملاپتۇ .

                            مەنبە  : «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گىزىتى »

0 comments

پىكىر بايان يوق