نىكاھتىن ئاجىرىشىش قىسمەتلىرى ۋە دەيدىغانلىرىم ،ئويلايدىغانلىرىم.  

ئالدىنقى ھەپتە بىر كۈنى توساتتىن تېلفۇنۇمغا خەنزۇچە كۈندىلىك ئۇچۇر مۇلازىمەت مەركىزىدىن كەلگەن، ئۇچۇر دىكى <ئاجرىشىش نىسپىتى داۋاملىق تىز سۈرئەتتە ئشىۋاتىدۇ> دىگەن ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ ،كۆڭلۈم بىر قىسىم بۇلۇپ قالدى،ياخشى ئىش ئەمەستە بۇ…
شەخسەن پىقىرمۇ بۇ ئىشتىن مۇستەسنا ئەمەس،مەن بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلار ۋە خىزمەتداشلىرىمنىڭ بېشىدىن ،دوسىت –بۇرادەرلەرنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن نىكاھ تۇرمۇشى توغرىدىدىكى بۇ ھەقتكى نۇرغۇن ئىشلارنى ئاڭلىدىم ۋە دوسىتلارنىڭ كۈڭۈللۈك ،خاتېرجەم ئائىلە تۇرمۇشى قۇرۇش ئۈچۈن نىمىلەرگە دىققەت قىلىشى توغرىسىدا ئاز-تولا پايدىسى بۇلۇپ قالار دەپ بۇ تىمىنى يوللاشنى خىيال قىلىپ قالدىم …  
ئۆزەممۇ كىينكى تۇرمۇشۇمدا مۇشۇ نوقتىلارغا بەكىرەك دىققەت قىلسام بولغىدەك دەپ ئويلاپ قالدىم.<دېمىسىمۇ ئىشەك جېنىدا بىر قېتىم پۇتى كىرگەن يەرگە ئىككىنچى دەسسىمەيدۇ>دىگەن گەپ بار.   
مەن ھىس قىلغان ،دىققەت قىلىشقا ،ئويلىنىشقا ۋە ياخشى بىر تەرەپ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار تۆۋەندىكىچە دەپ قارىدىم …   
نىكاھتىن ئاجرىشىتىكى مەن ھىس قىلغان ،ئۇمۇميۈزلۈك يامراۋاتقان سەۋەبلەر.  
1. ئائىلىدىكى مەسئۇلىيەت ئەردە ،ھوقۇق ئايالدا بولۇش(قانۇندىكى باراۋەرلىكنى ئاياللارنىڭ مۇتلەق ھىمايە قىلىپ،شۇ بويىچە ئاڭ شەكىللىنىپ قېلىشى)  
ئايال بولسىڭىز ،ئىشەنمىسىڭىز، ئويلىنىپ كۈرۈڭ،ئەل –جامائەت بىلەن ئارلىشىپ ،تۈرلۈك پائالىيەتلەردە،ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىنى قامداشتا ،باشقا كۈن چۈشكەندە،ئۆيدە كىلىشمەسلىك كەلگەندە …تۈرلۈك ئىشلاردا قانداق بىر تەرەپ قىلىش ئەرنىڭ زىممىسىدە،ئۆيدىكى يوق نەرسىلەر،تۇرمۇشقا لازىمەتلىكلەر…ئەرنىڭ زىممىسىدە…مەسلەن شۇ مەسئۇلىيەتلەرنىڭ ھۆددىسىدىن ئايال چىقالامدۇ؟ئەردەك قىلالامدۇ؟……..   
شۇلارنى ئويلىسىڭىز يەنە تەڭ تۇرۇشقا پېتىنالامسىز…<كۈندە ساڭزا يەيدىغان ھېيىت بولمىغاندەك ،ياخشى كۈنلەردە،يامان كۈنلەرنىڭمۇ كېلىدىغان ،بولىدىغانلقىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك،ئەرلەرمۇ بۇ مەسئۇلىيەتتىن ھەرگىز قاچماسلىق كېرەك…  
2. باراۋەرلىكنى قوغلىشىش ،ئايال بولسىڭىز ئويلىنىپ كۈرۈڭ،سىز باراۋەرلىكنى تەشەببۇس قىلىپ قەيەرگە بارماقچى،ئەرلەر نىڭ ياشاش مۇھىتى ۋە كۆرگەن –بىلگەنلىرى،نەزەر دائېرىسى ئەلۋەتتە سىزدىن كۆپ بولىدۇ،شۇڭا ئۇلار ئائىلىنى باشقۇرۇلايدۇ دەپ قارالغان،لىكىن سىز بۇ ھۇقۇققا تاجاۋۇز قىلىپ نىمىگە ئىرىشەلەرسىز ،ئەلۋەتتە ئىرىشكىنىڭىز ساختىلىق ،يوقاتقىنىڭىز ھەقىقى بەخىت …  
مەن مۇنداق بىرگەپنى ئاڭلىغان ،ھەم مەڭگۈ يادىمدىن چىقمايدۇ<ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى بولمىش ئەرلەر،بۇسۇغىدا بىچارىلەرچە ئۆي ئىچىگە تەلمۈرگەن چاغدا ،ئائىلىڭىز ئاللىقاچان زاۋاللىققا يۈز تۇتۇپ بولغان بولىدۇ>،چۈنكى بۇ بىر ئەر ئۈچۈن ئەڭ چوڭ يوقىتىش ،يەنى روھ يوقىتىش،پۇلنىڭ ئىشى بۇنىڭ ئالدىدا ئانچە چوڭ مەسلە ئەمەس،چۈنكى ھىچكىم ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن پۇل بىلەن چۈشمىگەن.  
3. ئائىلىۋى تۇرمۇشتا ئايالنىڭ ئەرگە ھەددىدىن زىيادە تاينىۋېلىشى.
مەسىلەن بىر ئائىلىدە ئەرنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ،ئايالنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلىرى ئايرىم بولىدۇ،لىكىن بۇلار بىرلىشىپ كىتىدىغان ئەھۋاللار كۆپ ،لىكىن يەنىلا <قۇشقاچ بولسىمۇ ،قاسساپ سويسا ياخشى>،<ئەرلەرنىڭ ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىپ بىرىشى ماھىيەتتە ئائىلىگە كۈيۈنگەنلىك ،نىكاھ تۇرمۇشنى مۇستەھكەملىگەنلىك >دەپ مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان بولىسىمۇ لىكىن <ئادەتكە ئايلانغان ئىشلارنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغانلىقىنى> ئۇنۇتماسلىق كېرەك.
ئەرلەر كەتمەن چاپسا چاپسۇنكى ،قارا ئىش قىلسا قىلسۇنكى ،ئۇششاق ئائىلە ئىشلىرىنى تەڭ قىلدۇرۇشقا ئانچە كۈچەپ كەتمەڭ.ئىرىم بىكار تۇرامدۇ دەپ ھەرگىز ئويلىماڭ ،قىلغۇزغىڭىز كىلىپ كەتسە ئەرگە خاس ئىشلاردىن تېپىپ بىرىڭ.   
4. ئەرلىرىنى ھە دىسىلا پۇل تاپقان ،يول تاپقان ئەرلەرگە سېلىشتۇرۇپ ،ئۆزىنى ھە دىسىلا مودا كىيىنگەن ،ئىرىگە ئىتائەت قىلمايدىغان ،ھە دىسىلا ئائىلە ئىشلىرىغا تازا سالىدىغان ،ھەتتا ئەخلاقسىز ئاياللارغا سېلىشتۇردىغان ئىشلارنى قىلىشتىن قاتتىق ساقلانماق لازىم ،<چۈنكى ئاغىينەڭ قاغا بولسا ،يىيىشىڭ پوق>دىگەن گەپ بىكار ئېيتىلمىغان ،ماھىيەتتە ئۆزىنى يامان خۇيدىكى كىشىلەرگە سېلىشتۇرۇش نەتىنجىسدە ئۈلگە ئالىدىغان ئىشلار مۇقەررەر شەكىللىنىپ قالىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئېنىقكى ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ.  
5. قانۇننىڭ ،ئاياللار تەشكىلاتى قاتارلىق ئۇرۇنلارنىڭ ئۆزىنى قانداق قوغدايدىغانلىقىنى بىلىۋېلىپ ،ھە دىسىلا قانۇننى قورال قىلىشنى ئويلاش،بۇنىڭدىن سىز ئايال بولسىڭىز ئەڭ ياخشىسى ئاتا –بوۋىلىرىمىز قوللىنىپ كەلگەن ئىسىل ئەخلاقنى،كۈيۈمچانلىقنى ،كەچۈرۈشنى قورال قىلىڭ،چۈنكى <دۆلىتىمىزمۇ پۇقرالارنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتىن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا ئۆتەيلى >دەۋاتقىلى نىكەم.سىز قانۇننى قورال قىلىپ ئىرىڭىزگە تېتىپ قويماقچى بولغاندا ئىرىڭىزنىڭ نىمىلەرنى ئويلايدىغانلىقىنى بىلەمسىز ،ھىچ بولمىغانداسىزدىن ۋاز كىچىشنى،شۇ قانۇندىن قانداق پايدىلىنىشنى ئۇلارمۇ ئويلاپ يەتكەن بولىدۇ…  
6. شەخسىيەتچىلىكنى چىكىدىن ئاشۇرۋېتىش.  
كۆپ ساندىكى ئاياللار توي قىلسىمۇ يەنىلا قېيىن –ئاتا –ئانسىنىنىڭ مىجەزىگە كۈنەلمەي ،يات كۈرۈپ كېلىدۇ ،ئۆز-ئاتا-ئانىسىغا قىلغاندەك قىلىپ بولالمايدۇ،ھەر شەنبىلىككە ئۆزىنىڭ ئۆيىگە بېرىشنى ئويلايدۇ،بارىدۇ،ئەمما ئەرنىڭ ئاتا –ئانىسىنىڭمۇ ئۆيىگە چۇقۇم يەكشەنبىنى ياكى شۇ شەنبىنىڭ يېرىمىنى ئېلىپ قويۇشنى ،ھەر ئىككى ئائىلىدىكىلەرگە ئورتاق قاراشنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك.
چۈنكى ئىرىڭىزنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ ،سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىزدەك ئۇنى شۇنداق جاپادا بېقىپ قاتارغا قېتىپ ،يەنە سىنى ۋە بالىلارنى بېقىپ ،بۇ ھاياتلىقنى ئۆزيولىدا داۋام ئەتتۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرغان،قانداقلا بولمىسۇن ،قانداقلا قىلمىسۇن ئۇلاردىن ئاغرىنىشقا باھانە تېپىشنىڭ ئۆزى ئۆزىنىڭ نىكاھ دەرىخىنىڭ ھۇلىغا پالتا ئۇرغانلىق ،ئىسىڭىزدە بولسۇنكى ،ھەر قانداق يامان ئادەمنىڭمۇ ياخشى تەرىپىنى ئويلانساقلا تاپالايمىز.
7. قەتئى ئىسىڭىزدە بولسۇنكى <باشقىلارغا قىلغان ياخشىلىقىڭىزنى ئۇنتۇشقا بولىدۇكى ،ئەمما يامانلىقنى كەچۈرۈشنى ئۆگىنىپ قويۇڭ>،باشقىلاردىن كۆرگەن ياخشىلىقنى ئۇنۇتماڭ،ئىتىڭىز سىزنى چىشلىۋالغان تەقدىردىمۇ ،ئۇنىڭ تالاي كېچىلەر سىزنىڭ ئۆيىڭىزنى قوغداپ بەرگەنلىكىگىمۇ كۆز يۇمماڭ.
8. ئەرلەرنىڭ غۇرۇرىغا قاتتىق ھۆرمەت قىلىڭ،چۈنكى شۇ غۇرۇرى بولغاچقا شۇ ئىرىڭىز نۇرغۇن سىناق ۋە مۇشاققەتلەردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتەلەيدۇ،ئۆزىنى تۇتۋالالايدۇ،ئەگەر بويسۇىندۇرۇپ ئۇلارنىڭ غۇرۇرىنى يەرگە ئۇرۇن بويسۇندۇرۋالدىمۇ دەيلى ،ئۇ چاغدا ۋىجدان ۋە غۇرۇرى نىمجان بولغان ئەردىن چۇقۇم بىر كۈنى بىزار بولىسىز ،ھەم شۇ ئەرمۇ ئۆزىگە ئىشەنىچ ئاتا قىلالايدىغان بىرىنى تاپقاندا ،ھىچ ئىككىلەنمەي سىزدىن يۈز ئۈرۈشكە تەييارلانغان بولىدۇ.
(ماڭا تەسىر قىلغان ئۇنتۇلماس ئەمەلىي مىساللار سېلىشتۇرمىسى:  
مەن ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا بىر قېتىم خەنزۇچە ئۆگىنىش كۇرسىدا بىر خەنزۇ ئايال ئوقۇتقۇچمىز(باشلانغۇچنىڭ)مۇنداق بىىر دەرىسلىك مەزمۇنىغامۇناسىۋەتلىك بىر مىسالنى كەلتۈرگەن.
1-مىسال<ھەپتىدە ئۈچ كۈن مەن تاماق ئىتىپ ،قاچا يۇيۇپ ،كىر يۇيىمەن،ھەپتىدە ئۈچ كۈن ئىرىم شۇنداق قىلىدۇ،يەكشەنبە بىر كۈن تازا ئۇخلايمىز ،تاماقنى بازاردىن يەيمىز>دىگەندە ،نۇرغۇن قىز –ئاياللار دەردىنى سۆزلەپ ھەۋەسلىنىپ كەتكەن.بىر ئەر خىزمەتدىشىم نۇرغۇن مىساللارنى كەلتۈرۈپ رەددىيە بەرسە شۇلار ئەيىپلىشىپ كەتكەن ،ئاندىن بىر نەچچىمىز سىنىپنى تاشلاپ چىقىپ كەتكىلى تاس قالغان ،شۇ سىنىپتا 6`7چە ئەر ،30 دىن ئارتۇق قىز- ئايال بار ئىدى.
2-مىسال<شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرسىتىدا بىلىم ئاشۇرۋاتقاندا بىر ئايال ئوقۇتقۇچىمىز بولىدىغان 40 ياشلار ئەتراپىدا ،شۇنداق تەبئىي يۈرۈيدىغان ،ھەم چىرايلىق.ئۇمۇ شۇنداق بىر مىسال كەلتۈرۈپ قىز-ئاياللارنى ھەيران قالدۇرغان :<ئويلىسام ئۆيدىكى ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسىنى مەن قىلىدىكەنمەن،چۈنكى كۆپىنچىسى مىنىڭ ئىشىمكەن ،ئىرىم ياردەملىشەيمۇ دەيدۇ ،بالىنى ئوينىتىپ كىرىڭ،تاماق پىشقىچە ئايلىنىپ كىرىڭ دەيمەن،ئىرىم ئاچچىقى كەلسە ئۇرۇپمۇ قويىدۇ،تەڭ تۇرمايمەن شۇڭا بەك ئۇرۇشمايمىز،لىكىن مەندىن كەچۈرۈم سورىمايدۇ ،بەلكىم سەۋەپسىز ئۇردۇم دىمەيدىغاندۇ،ئەمما ئىرىمدىن پەخىرلىنىمەن ،چۈنكى ئەركەك مىجەزى بار،غۇرۇرى كۈچلۈك ،ئۆيدە مەن گىپىنى ئاڭلاپ دىگىنىنى قىلغاچقا ،تالادىكى نۇرغۇن قۇشقاچلارمۇ ئازدۇرالمايدۇ…ھاھاھاھا>دەپ بۇمۇ تۇرمۇش ،مەنىلىك تۇرمۇش،ئاخىرى ياخشى چىقىدىغان تۇرمۇش ،ئەقىللىق تورداشلىرىم ئەمدىكى چۇڭقۇر ئويلىنىش ،تاللاش ۋە تۇلۇقلاش سىزگە قالدى ،تور دۇنيارىمىزدا مۇشۇنداق مەنىلىك سۆھبەتلەر ئارقىلىق روھىيتىمىزنى ساپلاشتۇرۇپ ،ئەقىل بۇلىقىمىزنى ،كۆزىمىزنى روشەنلەشتۈرشىمىزنى ئۈمىىد قىلىمەن.   
مىسرانىم تورى مەنبە:ئۆزەمنىڭ ئويلىغانلىرى

0 comments

پىكىر بايان يوق