بىر قېتىم سەكسەن ياشقا بېرىپ قالغان ئادەم ھەققىدە گەپ بولىدى، مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئادەم يالغۇز ياشاپ كېلىۋىتىپتۇ. بەش ئوغلى بارئىكەنۇ، لېكىن بىرەرىمۇ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمايدىكەن. شۇ ھەقتە سۆز قىلۋاتقان ئادەم بۇ بىۋاپا پەرزەنتىلەردىن رەنجىپ قايناپ كەتتى.
ئاتىنىڭ ھالىنىڭ غېرىبىلىقى، ئوغۇللىرىنىڭ بولسا باغرى تاشلىقى راسىت، لېكىن شۇ تاپتا كۆڭۈلۈمدىن كەچكەن گەپنى ئاچچىق بولسىمۇ ئېيتاي_ مەن شۇ مويسىپتقا يۈرىكىمدىن ئىچىندىم. بەش ئوغۇلنىڭ ھەممىسى قاچان يامان بولۇپ ئۈلگۈردى؟ باغرى تاشلىق ئۇلارغا يا نەسىلىدىن ئۆتكەن، يا ئۇلار باغرى تاشلارنى كۆرۈپ، ئەندىشىسز ھاياتىنى باشتىن كەچۈرۈپ چوڭ بولغان ياكى ھەردائىم بۇ ئۆيدە ئۇلارنى ئاتا بىزار قىلغان، ئۆي بىزار قىلغان، پەقەت ئۆزلىرى بىلىدىغان ناخۇش ۋەزىيەت مەۋجۇت. بۇ ھەقتە مۇنازىرە بولىۋاتىدۇ-يۇ، مېڭەمگە بىر پىكىر ئۇرۇلۇۋەردى: نېمە ئۈچۈن ھايات ئۇ كىشىگە شۇ خىل تەقدىرىنى ئاتا قىلدى؟ بۇ نېمىنىڭ جاۋابى، نېمىنىڭ ئەكس ساداسى؟ ئۇ ئۆزىمۇ ياشلىقىدا ئاتا-ئانىسىغا بىمېھىر ئۆتكەنمىكىن؟ بالىلىرىنى ھالاللىق بىلەن باقمىدىمىكىن؟
مۈشۈكمۇ بالىسنى باقىدۇ، بۇ بۈيۈكلۈك ئەمەس. ھەقىقىي ئاتا-ئانىلىق بۇرچى پەرزەنتىنى مېھىر ۋە ئىخلاس بىلەن چوڭ قىلىشتۇر. ئاتا-ئانا بولغاندا ئىبىرەتلىك ھالال يولىنى تۇتماس ئىكەنمىز، ئەتىكى كۈنىمىز خەتەرلىك بولىدۇ، <<تىككىنىڭنى ئورىسەن>>، <<قىلمىش-قىدىرمىش>> دېگەن خەلق ھېكىمىتى بىكار ئېيتىلغان ئەمەس. دەرھەقىقەت، دىلئازار ئادەمنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ۋاپادار بولغىنىنى، بىراۋلارنىڭ ھەققى ھېسابىغا بېيىغان كىشىنىڭ ئۆيىدە خاتىرجەملىك بولغىنىنى، ئەپلەپ-سەپلەپ ئىش كۆرىدىغان مەنسەپپەرەسلەرنىڭ ئۇزاق ۋاقىت ئەل ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغىنىنى ھېچقاچان كۆرگەن ئەمەسمەن….
زەئىپ ئادەم خاتانى باشقىلاردىن ئىزدەيدۇ، قولى، ئايىغى، كۆزى، بېشى ئامان تۇرۇپ، كۆز يېشىنى يامغۇردەك تۆكۈپ ھاياتتىن، ئامەتسىزلىكتىن نالە قىلىدىغان، ھەممىدىن جاپا كۆردۈم دەپ، ماڭا ھېچكىم شەپقەت قىلمايدۇ دەپ ئۆزىنى ئەڭ غېرىپ، ئەڭ بەخىتسز سانايدىغانلار ئېچىنىشقا لايىق ئەمەستۇر.
ھەزرىتى ناۋائىينىڭ ھەربىرىمىزنىڭ ھايات دەستۇرىمىز بولۇشقا لايىق شۇنداق بىر سۆزى بار؛ <<سەن بىراۋلارغا قىلغان ياخشىلقىڭنى ئۇنۇت، بىراۋنىڭ ساڭا قىلغان يامانلىقىنىمۇ ئۇنۇت، ئەمما، ئۆزۈڭنىڭ بىراۋغا قىلغان يامانلىقىڭنى، بىراۋلارنىڭ ساڭا قىلغان ياخشىلىقىنى بولسا ئۇنتۇما.>> ھەدەپ قىلغان ياخشىلقىمىزنى پەش قىلۋەرمەي، خاتالىرىمىزنى تۈزىتىشكە تۇتۇنساق، ئاساسىي ۋەزىپىمىزنى كۆڭۈل ئېلىش دەپ بىلسەك، ھاياتىي ئىسپات شۇكى، پەرزەنتلىرىمىز چوقۇم سالىھ پەرزەنت بولغاي!
تۇرسۇنئاي سادىقۇۋا
0 comments