ئەرلەر بۆرىدەك ياشىشى كېرەك

تېخى بالا چاغلىرىمدا، باشقىلار دائىملا ماڭا ”بۆرە ــ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك، ئەڭ ۋەھشى مەخلۇق………“ دەپ بېرەتتى.
ئەمما، ئاستا- ئاستا چوڭ بولۇپ بۇ دۇنيانى چۈشەنگەندىن كېيىن، بۇ گەپنىڭ ئادىل بولمىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئەمەلىيەتتە بۆرە ئىرقى ــ مۇنەۋۋەر ئىرق، بۆرىدىكى ئېسىل پەزىلەتنىڭ كۆپلۈكى ئۆزىمىزنى بارچە مەۋجۇداتتىن ئۈستۈن چاغلايدىغان بىز ئىنسانلارنى خېجالەتتە قالدۇرىدۇ.
بۆرە ــ ئىچى بىلەن تېشى بىردەك ھايۋان. بۇ دۇنيادا قوي تېرىسىگە ئورۇنۇۋالغان بۆرە ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس، چۈنكى بۇ ئۇلار ئۈچۈن بېھاجەت، ئۇلار ياشاش ئۈچۈن قورساقنى توقلاشقا ئېھتىياجلىق، قورساقنى توقلاشتا ئولجىسىنى يېيىش كېرەك. ئۇلار ئولجىسىنى ئۆلتۈرۈشتىن بۇرۇن ھەرگىزمۇ يالغاندىن دۇئا قىلىپ يۈرمەيدۇ، بەلكى ئولجىسىنىڭ بوينىنى بىر چىشلەپلا ئۈزۈۋېتىدۇ.
بۆرە ــ تېجەشلىك ھايۋان. ئۇلار ھەر قېتىملىق ئولجىسىنى پاك- پاكىزە يەپ تۈگىتىدۇ. بىز ”نان ــ يەردىن، تەردىن كېلىدۇ“ غانلىقىنى كىچىكىمىزدىنلا بىلىمىز، ئەمما، زادى قانچىلىك ئادەم ھەر قېتىملىق تاماقتا قاچىسىنى پاكىزلىيالايدۇ؟ ھەتتا بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، تاماق شىرەسىدىكى قورۇمىلارنىڭ ئېشىپ قېلىشى ــ باياشادلىقنىڭ سىمۋولىمىش. بەلكىم بۇ ماددىي باياشادلىقنىڭ سىمۋولىدۇر، ئەمما، بۇنداقلارنىڭ مەنىۋىيىتى چوقۇملا قۇپ- قۇرۇق.
بۆرە ــ كوللىكتىپ روھى ئەڭ باي ھايۋان. ئۆزىدىن كۈچلۈك دۈشمەن ئالدىدا، بۆرە توپىنىڭ بىر نىيەتتە كوللىكتىپ ماسلىشىش ئارقىلىق، كۈچلۈك دۈشمەندىن غالىپ كېلىدىغانلىقى بۇ نۇقتىنى ئۈزۈل- كېسىل يېشىپ بېرەلەيدۇ. ھەر بىر بۆرە بۆرە شاھنىڭ بۇيرۇقىنى قەتئىي ئىجىرا قىلىدۇ، قۇربان بىرىشكە توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ، بىرمۇ بۆرە غىپپىدە تىكىۋەتمەيدۇ. ھالبۇكى، بۆرە شاھ مۇقەررەر بۆرە توپىنى باشلاپ سەپنىڭ ئەڭ ئالدىدا ماڭىدۇ!
بۆرە ــ ئۆزىنى بىلىدىغان ھايۋان. ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ بىلسە، ھېچقانداق جەڭدە مەغلۇپ بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ. شۇڭلاشقا، بۆرە ھەر قېتىملىق ئوۋدىن بۇرۇن رەقىبىنى ئىنچىكە كۈزىتىپ، رەقىبى بىلەن ئۆزىنىڭ كۈچىنى دەڭسەپ كۆرۈپ، جەڭ قىلىش ياكى قىلماسلىقنى ئاندىن قارار قىلىدۇ. ھەرگىزمۇ بىر دەملىك قىزىققانلىق بىلەن ئىش قىلىپ، ئۆزىدىن كۈچلۈك دۈشمەنگە ئېتىلمايدۇ. چۈنكى، بۆرە ئۆز توپىنى زورايتىشتا ئەڭ كىچىك بەدەل بىلەن ئەڭ زور ھاسىلاتقا ئېرىشىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەكلىكىنى بىلىدۇ.
بۆرە ــ ئاشىق ھايۋان. ئەركەك بۆرىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك، چىشى بۆرە بوغاز بولغاندىن كېيىن، ئەركەك بۆرە ئۇنى ئىزچىل قوغدايدۇ. بۆرە كۈچۈكلىرىنىمۇ تۇغۇلغاندىن باشلاپ تاكى مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانغا قەدەر قوغدايدۇ. ئۇ بېلىق بولۇشنىڭ بېلىقچى بولۇشقا يەتمەيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭلاشقا، بالىلىرى مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ھامان قوغداشنى توختىتىپ، ئۆز ئالدىغا چېنىقىشقا قويۇۋېتىدۇ.
بۆرە ــ بوشاشماس ھايۋان. بەزى بۆرىلەر ياش ۋاقتىدىلا بۆرە توپىدىن ئايرىلىپ، يالغۇز جاھان كېزىپ، تەنھا بۆرىگە ئايلىنىدۇ. تەنھا بۆرە ئوۋ جەريانىدا سەپداشلىرىنىڭ يارىدىمى بولمىغاچقا، سەرپ قىلىدىغان تىرىشچانلىقى بۆرە توپىنىڭكىدىن بەكلا زور بولسىمۇ، كۆپىنچە قۇرۇق قول قايتىدۇ، ھەتتا بەزىدە بەدىنىنىڭ ھەممىلا يېرى جاراھەت بىلەن تولىدۇ. ئەمما، ئۇ بەل قويۇۋەتمەيدۇ، داۋاملىق تېرىشىدۇ، داۋاملىق ماھارىتىنى چېنىقتۇرىدۇ. مۇنداق بۆرە ئەڭ ئاخىرىدا بۆرە توپىنىڭ يېڭى باشلامچىسى بولىدۇ. مۇشۇنداق چېنىققان بۆرە چوقۇم مۇنەۋۋەر بۆرە شاھ بولۇپ چىقىدۇ.
بۆرە ــ ئەركىنلىكنى قىزغىن سۆيىدىغان ھايۋان. بۆرە ھەرگىزمۇ مىننەتلىك ئاش ئۈچۈن ئېگىسىگە قۇيرۇق شىپاڭلاتمايدۇ. چۈنكى، بۆرە تەكەببۇرلۇق قىلسا ئەسلا بولمايدىغانلىقى، ئەمما جىگىرى بولمىسا تېخىمۇ بولمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇلار ئاشۇنداق ياۋايى ئەركىنلىككە ئىچ- ئىچىدىن تەشنا. شۇڭلاشقا، ئاي تولغان كېچىسى تىك ياردا تۇرۇپ، تولۇنئايغا قاراپ ھۇۋلايدۇ. بۇ نەقەدەر بىمالال كۆرۈنۈش- ھە؟!

0 comments

پىكىر بايان يوق