ئەر سىتىش ئىلانى

 يىقىندا  ئاياللار ئۆزى ئەر تاللاپ سىتىۋالسا بولىدىغان دۇكان  ئىچىلدى دىگەن ئىلان چىقىرىلغان دۇكان پەيدا بولدى. ئىلان مەزمۇنى  تۆۋەندىكىچە.  1  -سىز بۇ دۇكانغا پەقەت بىر قىتىم كىرەلەيسىز.-2دۇكىنىمىز ئالتە  قەۋەتتىن تەركىپ تاپقان،سىز يۇقۇرى قەۋەتكە ئۆرلىگەنسىرى ،ئەرلەرنىڭمۇ سۈپىتى ئىشىپ بارىدۇ،3 -سىز خالىغان قەۋەتتىن  خالىغان ئەرنى تاللاش،ياكى يۇقۇرى قەۋەتكە ئۆرلەش ھوقوقۇڭىز بار.4-  تۆۋەنكى قەۋەتكە يىنىپ چۈشۈش مەنئى قىلىنىدۇ.       بىر ئايال ئۆزىگە ئۆمۈر يولداشى تاللاش ئۈچۈن دۇكانغا كىرىپتۇ.

بىرىنچى قەۋەتتىكى(   ھۈنەر كەسپى بار ئەرلەر    )    دىگەن پىلاكاتنى كۆرۈپ ئىككىنچى قەۋەتكە چىقىپتۇ.ئىككىنچى قەۋەتتىمۇ (ھۈنەر كەسپى بار بالىنى ياخشى كۆرىدىغان ئەرلەر )دىگەن پىلاكاتنى كۆرۈپ ئۈچىنچى قەۋەتكە كۆتۈرلۈپتۇ .ئۇ قەۋەتتىمۇ (ھۈنەر كەسپى بار بالىلارنى ياخشى كۆرىدىغان ۋە ناھايىتى كىلىشكەن ئەرلەر)دىگەننى كۆرۈپ ئەھە دەپ قويۇپ تۆتىنچى قەۋەتكە چىقىپتۇ.تۆتىنچى قەۋەتتە(ناھايىتى ئىشچان بالىلارنى ياخشى كۆردىغان ۋە ئۆي ئىشلىرنى قىلالايدىغان ناھايىتى كىلىشكەن)       دىگەننى كۆرۈپ ياخشى گەپ  دىگىنىچە  بەشىنچى  قەۋەتكە چىقىپتۇ . بەشىنچى  قەۋەتتە(ھۈنەر كەسپى بار بالىلارنى ياخشى كۆردىغان  ئۆي ئىشلىرنى قىلالايدىغان  ناھايىتى كىلىشكەن ۋە رومانتىك ئەرلەر)     دىگەننى كۆرۈپ ئۆزىگە ئەڭ ماس كىلىدىغان ئەرنى تىپىش ئۈچۈن ئاخىرقى قەۋەتكە چىقىپتۇ. ئاخىرقى قەۋەتتە بولسا  سىز بۇ يەرگە چىققان 31456012چىنچى ئايال بۇ قەۋەتتە سىز ئىزدىگەن ئەر مەۋجۇت ئەمەس، بۇ قەۋەت بولسا ئاياللارنى ھايات ھەققىدە  ئويلاشقا. ھاياتتا بولسا مۇكەممەل ئەرنى تىپىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ،ھەر قانداق تۇرمۇشتا بولسا ئختىلاپلارنىڭ بولىشىغا ئىشەندۈرۈش ئۈچۈندۇر.دۇكىنىمىزغا  قەدەم تەشرىفىڭىز  ئۈچۈن تەشەككۈر!!    

  مەيلى سىز ئەر بولۇڭ ياكى ئايال بولۇڭ،ئەر ئايال ئوتتۇرسىدىكى ئىختىلاپلاردىن خالىي جۈپلىكنى خالىسىڭىز، پۈتۈن ئۆمرىڭىزنى شىرىن ئايدەك ئۆتكۈزۇشنى ئويلىسىڭىز، رومىئو جۇلىتادەك رومانتىك ھاياتنى ئويلىسىڭىز، لەيلى مەجنۇننىڭ سۆيگۇسىدەك ھايات كۆچۈرۇشنى ئويلىسىڭىز، بۇ خىيالىڭىز بولمايدۇ ھەم بولۇش مۇمكىن ئەمەس 

0 comments

پىكىر بايان يوق