مۇھەببەت ئەسلى ياشانغاندا يېتىلىدۇ .
ھەقىقى مۇھەببەتتە مۇزدا قىزىلگۈل ئۈنىدۇ ، تاشمۇ مىۋە بىرىدۇ . بۇنداق مۇھەببەتتىن گۈلدۈرماما مۇزىكىغا ئايلىنىدۇ ، چاقماق مەڭگۈلۈك يۇرۇقلۇق بىرىدۇ .
بالىنىڭ ئۆگىيى بولىدۇ ئەمما ئايالنىڭ ئۆگىيى بولمايدۇ .
ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن ، ئەرنى يەر قىلغانمۇ خوتۇن .
مۇھەببەت – دۇتار ، ئېھتىيات قىلىپ تۇتمىساڭ ، تارىسى ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ .
تەشەببۇسكارلىق ئەركەكتىن باشلىنىشى كېرەك ، چۈنكى بۇلبۇلنىڭمۇ ئەركىكى سايرايدۇ – دە .
ئەر كىشى قايسى چاغدا كوچىغا چىقىپ كېتىدۇ ؟ – ئەگەر ئىزدىگىنىنى ئۆيدىن تاپالمىسا .
ئەردىن كالتەك يىگىنىڭدە جېنىڭ بىلەن دىلىڭ ئاغرىيدۇ .
ئەر – خوتۇن ئوتتۇرسىدا پەردە بولۇشى كېرەك ، مانا بۇ پەردىنىڭ كۆتۈرۈلمەسلىگى ئۈچۈن ، ئەر -خوتۇن ھەرىكەت قىلىشى كېرەك . پەردە كۆتۈرۈلدىمۇ – بەس ، ھاياتقا دەز كېتىدۇ .
ئەر -خوتۇن سەن – پەن دىيىشىپ قالغان چاغلاردا ، ئەرمۇ ، ئايالمۇ يېقىن ئادەملىرىگە كۆڭلىنى بوشۇتۇشقا مايىل بولغانلىقى ئۈچۈن ، قىزىپ كېتىپ ئائىلىنىڭ سىرىنى پاش قىلىپ قويۇپ ، كېيىن پۇشايمانغا قالىدۇ …
ئۆزبالىڭىزغا … بىرىنچى قېتىم قول كۆتىرشىڭىز قىيىن ، بىر شاپىلاق ئۇردىڭىزمۇ – بولدى ، ئىككىنجى قېتىم قولىڭىز ئۈزلۈكسىز كۆتۈرلىرۋىرىدۇ ، ئائىلىدىمۇ شۇنداق ، ‹‹ سەن – پەن ›› دىيىشتىڭىزلەرمۇ ، ئەتىسىگە ياقىلىشىش ، ئاندىن كېيىن ئاجىرشىش ھېچ گەپ ئەمەس .
مەنبە : ‹‹ لەززەت سىرلىرى ›› ناملىق كىتاپ
0 comments