تەتقىقاتتا ئېنىقلىنىشچە، كۈلۈش جىسمانىي ۋە روھى ساغلاملىقنى ئاشۇردىكەن. كۈلگەندە جاۋغاي بىلەن ياڭاق سۆڭەكتىكى مۇسكۇللار ھەركەتلىنىپ، ئېغىز ۋە كۆزنى يۇقىرىغا كۆتىرىدىكەن. يۈز قىسمىنى بۇنداق ئۇۋۇلاش يۈز تېرىسىنىڭ بوشۇشۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن . بىر قېتىملىق كۈلكە 17 مۇسكۇلغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن، بىر قېتىملىق قاقاقلاپ تېلىقىپ كۈلۈشنىڭ رولى 15 مىنۇت بەدەن چېنىقتۇرغاندىنمۇ چوڭ بولىدىكەن . بىر مىنۇتلۇق كۈلكە 45 مىنۇتلۇق بوشاشتۇرۇش ھەركىتىگە تەڭ ئىكەن. ئادەم خۇشاللىقتىن كۈلگەندە، خۇشاللىق ماددىسى ئاجىرتىپ چىقىرىدىكەن، بۇ ماددا « خۇشاللىق ھورمىنى » دەپ ئاتىلىدىكەن. ئۇ ئادەم بەدىنىدىكى ئىچكى مەنبەلىك ماددىنىڭ ھاسىلاتى بولۇپ، ئۇ نېرىۋا ، نەپەسلىنىش، ئايلىنىش، ھەزىم قىلىش قاتارلىق سىستېمىلارنى تەڭشەپ، يۈرەك مۇسكۇلىنى قان بىلەن تەمىنلەشنى ياخشىلايدىكەن ھەم چوڭ مېڭنىڭ ئېندورفىن ئاجىرتىپ چىقىرىشىغا تۈرۈتكە بولۇپ، ئادەم روھىنى كۆتىرەڭگۈ قىلىدىكەن. مەنبە : « شىنجاڭ ياشانغانلار گېزىتى » 2012 – يىلى 8-ئىيۇن |
كۈلۈش- ھەقسىز ھۆسىن دورىسى
پىكىر بايان يوق
0 comments