ساغلام ئائىلىنڭ ئۆلچىمى

        ساغلام ئائىلە كىشىنى شاد-خوراملىققا، جۇشقۇنلۇققا، ئىجادچانلىققا ئىگە قىلىدۇ. ساغلام ئائىلە تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:
  1- ئائىلە ئەزالىرى ناھايىتى ئىناق ئۆتۈشى، ئۆز- ئارا ئىشىنىشى، بىر – بىرىگە تايىنىشى كېرەك.
  2- ئائىلە ئەزالىرى ئائىلە ئەمگىكىنى  ئاكتىپ ھەم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشى، بىر- بىرىگە ئىتتىرمەسلىكى كېرەك.
3- ئەر- خوتۇن ئۆز-ئارا ھۆرمەرلىشىشى ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇشى، ئۆز ئارا مۇئەييەنلەشتۈرشى ۋە قوللىشى  كېرەك.
  4- ئائىلىدە خۇشاللىق، يۇمۇرلۇق كەيپىيات بولۇشى، كىشىگە ئازادە ۋە جۇشقۇنلۇق تۇيغۇسى بېردىغان مۇھىت يارتىلىشى كېرەك.
  5- ئائىلە ئەزالىرى سۆز- ھەركەتتە بىردەك بولۇشى، گەپ- سۆز ۋە يۈرۈش- تۇرۇشتە مەدەنىيەتلىك بولۇشى كېرەك.
  6- ئائىلە ئەزالىرى باراۋەر بولۇشى كېرەك.
  7- بالا تەربىيەلەشتە ئۆزى ئۈلگە بولۇشى، ئىلمى تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى، بالىنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
  8- قىيىنچىلىققا يولۇققاندا  بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ  قىيىن ئۆتكەلدىن ئورتاق ئوتۈشى، قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرماسلىقى، ئۆز ئارا ئاغرىنماسلىقى كېرەك.
  9- ئائىلىدە ئارام ئالغاندا ئۆز ئارا پكىر ئالماشتۇرۇش، ھەر خىل مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ تۇرۇشى كېرەك.
  10-  ئائىلە ئەزالىرى بىر بىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك.
مەنبە : « شىنجاڭ ياشانغانلار گېزىتى »  2012 –يىلى 21- سېنتەبىر

0 comments

پىكىر بايان يوق