خەلقئارا مۇسۇلمان ئالىملار ئىتتىپاقى رەئىيسى پەزىلەت ساھىبى يېتۈك ئالىم دوكتۇر يۇسۇف قەرزاۋىي مۇنداق بىر سوئالنى تاپشۇرۇۋالدى : بۇ يەردە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا كېلىدىغان بىر سوئال بار: بىر قىسىم سەۋەبلەر ۋە ئاقلاشلاردىن بىلگىنىمىزدەك ، تالاق قېلىش ئەرنىڭ قولىدا بولغان بولسا ،ئۇنداقتا شەرىئەت نېمىنى ئايالنىڭ قولىدا قىلدى؟ ھەمدە ناۋادا ئۇ ئېرىنىڭ ئەسكى مىجەزى ،ياكى ناچار ئەخلاقى ياكى ھەق-ھوقۇقلىرىغا ئۇنىڭ روشەن سەل قارىشى ، ياكى بەدەن ياكى ئىقتىسادى ئاجىزلىق سەۋەبلىك ئۇنىڭ بۇ ھەق-ھوقۇقلارنى ئادا قىلماسلىقى ، ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ياقتۇرمىسا ، ئۇنىڭ ئەرنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلۇشتىكى يولى قايسى ؟
ئۇنىڭغا جاۋابەن ، يېتۈك ئالىم قەرزاۋىي مۇنداق دېدى :
ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن، مەدھىيە ئاللاھقىدۇر ، ئۇنىڭ ئالقىشى ۋە ئامانلىق ئاللاھ ئەلچىسى مۇھەممەدكە بولسۇن ۋە دەيمەنكى:
ھەممىدىن دانا قانۇن بېكىتكۈچى (ئاللاھ) ئايالغا بىر نەچچە چىقىش يولى بېكىتكەن بولۇپ، ئايال ئۇلاردىن بىرى ئارقىلىق قېيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلالايدۇ:
1-نىكاھ كېلىشىمىدە تالاقنىڭ ئۆز قولىدا بولۇشنى شەرت قېلىش ، بۇ بولسا ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە ۋە ئەھمەدنىڭ قارىشىدا دۇرۇستۇر . ھەمدە سەھىيھتە باركى:« ئادا قىلىشىڭلارغا ئەڭ ھەقلىق شەرت بولسا سىلەر فەرجلەر(جىنسىي ئەزاسى)نى ئۇ ئارقىلىق ھالاللىغان نېمىدۇر .» بىردەكلىك بولۇنغان، ئۇقبەھ بىن ئامىر ھەدىيسىنىڭ بىر قىسمى ؛ لالە ۋە مارجان : 2 / 894 .
2-خۇلئە قېلىش : يەنى، ئېرىنى ياقتۇرمايدىغان ئايالنىڭ، ئالغان تويلۇق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نېمىلەرنى ئېرىگە قايتۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئۇنىڭدىن ئازاد قېلىشتۇر؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئايرىلىش ۋە ئەر-خوتۇنلۇق ئۇۋىسىنى بۇزۇشنى خالىشى ، ھەمدە ئەرنىڭ بولسا بىردىنبىر زىيان تارتقۇچى بولۇشى ئادىللىق ئەمەس. ئاللاھ مۇنداق دىگەن:« ئۇنداقتا ناۋادا سىلەر ئۇ ئىككىسىنىڭ ئاللاھنىڭ چەكلىمىلىرىگە رىئايە قىلالماسلىقىدىن ئەنسىرىسەڭلار ، ئۇنداقتا ئۇ ئايالنىڭ (خۇلئە قېلىش ئۈچۈن) قايتۇرۇپ بەرگەن نېمىسى ھەققىدە ھەر ئىككىلىسىگە گۇناھ يوقتۇر.» بەقەرە: 229
ھەمدە سۈننەتتە باركى : سابىت بىن قەيسنىڭ ئايالى ئاللاھ ئەلچىسىگە-ئاللاھ ئۇنىڭغا ئالقىش ۋە ئېسەنلىك بەرسۇن-ئېرىگە قاتتىق ئۆچلۈكىنى شىكايەت قىلىۋېدى ،ئۇ ئۇنىڭغا :« بېغىنى قايتۇرۇپ بېرەمسىز؟ » دېدى_ باغ بولسا ئۇنىڭ مەھرى ئىدى_ ئۇ : ھەئە، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئەلچىسى-ئاللاھ ئۇنىڭغا ئالقىش ۋە ئېسەنلىك بەرسۇن- سابىتقا ئۇنىڭدىن بېغىنى قايتۇرۇپ ئېلىش ھەمدە ئوشۇق ئالماسلىققا بۇيرىدى. بۇخارىي6 \170،تالاق بۆلۈمى ،12-بابتا ئىبنۇ ئابباستىن نەقىل قىلغان.
3-ئەپ ئۆتەلمىسە ئىككى ھۆكۈم قىلغۇچىنىڭ ئايرىۋېتىشى. ئۇلۇغ ئاللاھ مۇنداق دىگەن : « ھەمدە ئەگەر ئۇ ئىككىسىنىڭ ئەپ ئۆتەلمەسلىكىدىن ئەنسىرىسەڭلار ،ئۇنداقتا ئۇ(ئەر)نىڭ ئائىلىسىدىن بىر ھۆكۈم قىلغۇچى ۋە ئۇ(ئايال)نىڭ ئائىلىسىدىن بىر ھۆكۈم قىلغۇچىنى ئەۋەتىڭلار ،ئەگەر ئۇ ئىككەيلەن ياخشىلاشنى خالىسا ،ئاللاھ ئۇ ئىككىسىنى ياراشتۇرۇپ قويىدۇ.» [نىسا : 35 ] قۇرئاننىڭ بۇ ئائىلە مەجلىسىنى ئىككى ھۆكۈم قىلغۇچى دەپ ئاتىشى ،ئۇ ئىككىيلەننىڭ ھۆكۈم قېلىش ۋە ئايرىش ھوقۇقى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ .
ھەمدە بىر قىسىم ساھابىلەر مەزكۇر ئىككى ھۆكۈم قىلغۇچىلارغا : كېلىشتۈرۈشنى خالىساڭلار كېلىشتۈرۈڭلار ، ۋە ئەگەر ئايرىۋېتىشنى خالىساڭلار ئايرىۋېتىڭلار ، دىگەن..
4-جىنسىي ئەيىبلەر سەۋەبلىك ئايرىۋېتىش… ئەگەر ئەردە بىر ئەيىب بار بولۇپ ،ئۇ ئۇنى جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئاجىز قىلىپ قويسا ، شۇ سەۋەبلىك ئايال، ئىشىنى سوتقا سۇنغان بولسا، ئۇنداقتا سوت ئايالنى زىياندىن توسۇش ئۈچۈن، ئىككىسىنى ئايرىۋېتىشكە ھۆكۈم قىلىدۇ . چۈنكى ئىسلامدا زىيانمۇ يوق ،زىيان سېلىشمۇ يوق .
5-خوتۇنغا زىيان يەتكۈزگەنلىكتىن مەجبۇرى ئاجراشتۇرۇش(تالاق قىلدۇرۇش )… ئەگەر ئەر خوتۇنىغا زىيان يەتكۈزگەن، ئۇنىڭغا ئازار بەرگەن ۋە ئۇنىڭغا خىراجەت قىلىشتىن باش تارتىشقا ئوخشاش ،زالىملارچە ئۇنى تەس كۈنگە قويغان بولسا ، شۇنىڭ بىلەن ئايال قازىي(سوتچى)دىن ئاجراشتۇرۇش(تالاق قىلدۇرۇش)نى تەلەپ قىلسا ، ئۇنداقتا ئۇنىڭدىن زىياننى ۋە زۇلۇمنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ، ئۇنى مەجبۇرىي ئاجراشتۇرىدۇ (تالاق قىلدۇرىدۇ). ئۇلۇغ ئاللاھ مۇنداق دىگەن : «زۇلۇم قىلىش مەقسىتىدە زىيان يەتكۈزۈپ ئۇلارنى يېنىڭلاردا تۇتماڭلار.» [ بەقەرە :231 ] يەنە مۇنداق دىگەن: « ئۇنىڭدىن كېيىن (خوتۇنىنى) چىرايلىقچە يېنىدا تۇتۇش، ياكى ياخشىلىق بىلەن (يەنى زۇلۇم قىلماي، يامان گېپىنى قىلماي، كىشىلەرنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرماي) قويۇۋېتىش لازىم.» [ بەقەرە : 229 ] ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزۈشلەردىن بىرى بولسا ئۇنى ناھەق ئۇرۇشتۇر.
بەلكى بەزى ئىماملار: ئېغىر قەرزدار ئېرى ئۇنىڭ خىراجىتىنى قىلالمىسا، ھەمدە ئايال ئۇنى تەلەپ قىلسا، ئۇ ئىككىسىنى ئايرىۋېتىشكە بولىدۇ دىگەن؛ چۈنكى ئايال ئۇنى ئەقىدىگە ۋاپا قېلىش ۋە گۈزەل ئەخلاق قاتارىدا قوبۇل قىلمىغانلا بولسا، شەرىئەت ئۇنىڭغا نامرات ئەر بىلەن ئاچلىققا چىداشنى يۈكلىمىدى.
مانا بۇ چىقىش يوللىرى ئارقىلىق ئىسلام ئايالغا بىر قىسىم ئەرلەرنىڭ زوراۋانلىقىدىن ، ھەمدە ئۇلارنىڭ ناھەق باشقۇرۇشىدىن قۇتۇلۇشقا بىر نەچچە ئىشىكلەرنى ئېچىپ بەردى .
«ھازىرقى زامان فەتىۋالىرى» ناملىق كىتابىمنىڭ ئېرىنى ياقتۇرمايدىغان خوتۇننىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى 2 / 361 – 366 گە قاراڭ .
ئەرلەر تۈزىۋالغان قانۇنلار، ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قېلىشتىن خالىي ئەمەس، لېكىن ئەر ۋە ئايالنى ياراتقۇچى ۋە ئىككىسىنىڭ پەرۋەردىگارى تۈزگەن قانۇن بولسا ئۇنىڭدا نە دەپسەندە قېلىش ، نە ئۈستۈن كۆرۈش يوق بولۇپ ، ئۇنىڭ قانۇنى پۈتۈنلەي ئادىلدۇر. «(ئاللاھقا) چىن ئىشىنىدىغان خەلقكە ھۆكۈمدە ئاللاھتىنمۇ ئادىل كىم بار ؟» [ مائىدە(داستىخان) : 50]
ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلگۈچىدۇر
مەنبە:ھەق دىن ئىسلام.
0 comments