ئەقىللىق مايمۇن

بۇرۇن بىر چىغ قالپاق ساتىدىغان ئادەم ئۆتكەنىكەن. ئۇ ھەر كۈنى ناھايىتى تىرىشىپ تىجارەت قىلىدىكەن. بىر كۈنى، ھېرىپ-ئېچىپ ئۆيىگە مېڭىپتۇ ۋە بىردەم ھاردۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن بىر تۈپ دەرەخنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قاپتۇ. ئويغىنىپ قارىسا قالپاقلىرى يوق. دەرەخنىڭ ئۈستىگە قارىسا، بىر توپ مايمۇن ھەر بىرى بىردىن قالپاقنى كىيىپ ھەييارلىق بىلەن ھېجىيىشىپ تۇرغىدەك. ئۇ ئادەم مايمۇننىڭ دورامچى مەخلۇقلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ بېشىدىكى قالپاقنى يەرگە ئاتقانىكەن، مايمۇنلارنىڭ ھەممىسى بېشىدىكى قالپاقنى يەرگە ئېتىپتۇ، ئۇ قالپاقلارنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيىگە قايتىپتۇ ۋە بولغان قىزىق ئىشنى بالا-چاقىلىرىغا ھېكايە قىلىپ بېرىپتۇ.
نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن ئۇنىڭ نەۋرىسى بوۋىسىنىڭ كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپتۇ. بىر كۈنى، ئۇ قالپاق سېتىپ ھېرىپ كېتىپ يول بويىدىكى دەرەخ تۈۋىدە ئۇخلاپ قېلىپ بوۋىسى ئۇچرىغان ئىشنىڭ نەق ئۆزىگە يولۇقۇپتۇ. ئۇ بوۋىسىنىڭ دەپ بەرگىنى بويىچە قالپاقنى بېشىدىن چۆرۈپ ئېتىپتۇ. ئەمما قارىسا مايمۇنلار جىممىدە قارىشىپ تۇرغىدەك. ئۇ ھەيران بولۇپ تۇرسا، دەرەخنىڭ كەينىدىن بىر قېرى مايمۇن چىقىپتۇ ۋە:<< نېمە؟ مېنىڭلا بوۋام بار دەپ ئويلاپ قالغانمىدىڭ؟ بىزنىمۇ بوش چاغلىما!>> دەپتۇ.
ھېكمەت:
ئۆتمۈشتىكى مۇۋەپپەقىيەت تەجرىبىلىرى بەزى ھاللاردا بۈگۈننىڭ مەغلۇبىيىتىگە ئۇرۇق سېلىپ بېرىدۇ.
مەنبە: <<بايقىساڭ توپىمۇ ئالتۇن>> دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.

0 comments

پىكىر بايان يوق