جەمئىيتىمىزدە بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇشىغا قارىتا ئوخشىمىغان چۈشەنچىلەر مەۋجۇت. گەرچە ئىلىم-پەن ساھەسىدە بالىنىڭ جېنسىنىڭ قانداق بەلگىلىنىدىغانلىقى ئايدىڭلاشقىلى نەچچە ئون يىللار بولغان بولسىمۇ، لىكىن ئۇيغۇر جەمئىيتىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇنىڭدىن خەۋەرسىز قېلىشى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئانىنىڭ قىز تۇغۇشى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ ئىناقلىقىنىڭ بۇزۇلغانلىقى ھەتتا ۋەيران بولغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. يېقىندا دوستلۇرۇم پەرزەنتلىك بولغانلىقىمنى تەبرىكلەپ ماڭا تېلفۇن ئۇرغاندا “ئوغۇللۇق بولدۇڭمۇ؟ مۇبارەك بولسۇن” دىيىشتى. ھەتتا بەزىلىرى ئايالىمنىڭ “ئوغۇل تۇغالمىغانلىقىنى” مەسخىرە قىلىپمۇ ئۈلگۈردى. دوستلۇرۇمنىڭ بۇ گەپلىرى مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. مەن بۇنىڭدىن ئككى مەسىلىنى كۆرىۋالدىم. بۇنىڭ بىرى، ئۇلارنىڭ ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى قىز پەرزەنتلىك بولۇشتىنمۇ بەكرەك شەرەپ دەپ بىلگەنلىكى، يەنە بىرى بولسا، ئوغۇل ياكى قىز پەرزەنتلىك بولۇشنىڭ قانداق بەلگىلىنىدىغانلىقىنى بىلمىگەنلىكى ئىدى. شۇنىڭدىن كىيىن مەن پات- پاتلا ئەر- ئاياللارنىڭ پەرزەنتىنىڭ قىز بولۇشى تۈپەيلىدىن ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ تۇردۇم، ھەم بۇ مەسىلىنىڭ جەمئىيتىمىزدە خېلى ئېغىر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم. بىزنىڭ تارىختىن بۇيان مەيلى دىننىي جەھەتتىن بولسۇن ۋە ياكى مىللىي ئۆرپ- ئادىتىمىزدە بولسۇن ئوغۇل پەرزەنتنى چوڭ كۆرۈپ قىز پەرزەنتنى تۆۋەن كۆرىدىغان ئەنئەنىمىز يوق ئىدى. بەلكىم بۇمۇ باشقىلاردىن يۇققان بىر يېڭى كىسەل بولسا كېرەك. بۇ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر تېما يوللاپ تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش قارارىغا كەلدىم. مەن كۆپىيىش بىئولوگىيەسى كەسپىدە ئىزدىنىۋاتقان بىر تەتقىقاتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كەڭ تورداشلارنىڭ ئىلمىي كۆز قاراشلىرى ياكى سۇئاللىرى بولسا ئورتاقلىشىشنى قارشى ئالىمەن. تۆۋەندە بالىنىڭ جېنسىنىڭ قانداق بەلگىلىنىدىغانلىقىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتمەكچىمەن: جېنىسنىڭ بەلگىلىنىشى ئككى مۇھىم ھالقىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇنىڭ بىرىنچىسى جېنسنىڭ گېنتىكىلىق بەلگىلىنىشى، ئككىنچىسى مېڭىنىڭ جېنىسقا ئايرىلىشى. ئادەتتە، ئىنساننىڭ ھاياتى ئاتىلىق ئىسپېرما ھۈجەيرىسى بىلەن ئانىلىق تۇخۇم ھۈجەيرىسىنىڭ بىرىكىپ ئۇرۇقلانغان تۇخۇم (يەنى زېگوتا) نىڭ ھاسىل بولۇشى بىلەن باشلىنىدۇ. گەرچەنۇرغۇن كىشىلەر تۆرەلمە يېتىلىپ بىر نەچچە ئايلىق بولغۇچە بىر ھاياتلىق سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلمىسىمۇ، لىكىن ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ ئۆزى تولۇق بىر تۆرەلمە ۋە بالا ھەمرىيى ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىغا، ئاخېرىدا بىر يىتىلگەن جانلىققا ئايلىنىش پوتىنسىئالىغا ئىگە بولغاچقا، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى ھاياتلىقنىڭ باشلىنىشى دەپ قارايمىز. جېنىسنىڭ گېنتىكىلىق بەلگىلىنىشى دېگىنىمىز ئاتىلىق ئىسپېرماھۈجەيرىسى بىلەن ئانىلىق تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىرىككەندە جېنسىي خىروموسوملارنىڭ تەقسىملىنىشى ۋە ئىپادىلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى ئىسپېرما ۋە تۇخۇم ھۈجەيرىسىدىن باشقا بارلىق ھۈجەيرىلەردەجەمئىي 23 جۈپ خىروموسوم بار بولۇپ بۇنىڭ22 جۈپى تەن (جېنىسسىز) خىروموسومى، بىرجۈپى جېنىسلىق خىروموسومدۇر. ئىسپېرما ۋەتۇخۇم ھۈجەيرىلىرى ئالاھىدە ھۈجەيرىلەر بولۇپ، ئۇلاردا پەقەت 23 تال خىروموسوم بولىدۇ. ئىسپېرما ھۈجەيرىلىرىدە 22 تال تەن خىروموسومى بىلەن بىر تال بىر تال X ياكىY خىروموسومى بولىدۇ. تۇخۇم ھۈجەيرىلىرىدە بولسا 22 تال تەن خىروموسومى بىلەن بىر تال X خىروموسوم بولۇپ، Y خىروموسوم مەۋجۇت بولمايدۇ. دىمەك ئىنسان ھاياتىنىڭ باشلىنىشى بولغان ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھاسىل بولۇش جەريانىدا ئىسپېرما ھۈجەيرىسىدىكى 23 تال خىروموسوم بىلەن تۇخۇم ھۈجەيرىسىدىكى 23 تال خىروموسوم بىرىكىپ ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى مۇكەممەل بولغان 23جۈپ خىروموسومغا ئىگەقىلىدۇ. بۇ جەرياندا تۆرەلمە جېنسىنىڭ گېنتىكىلىق بەلگىلىنىشى تاماملىنىدىغان بولۇپ، ئەگەر Y خىروموسوملۇق ئىسپېرما تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىلەن بىرىكسە ئوغۇل بولۇشنى بەلگىلەيدۇ؛ ئەگەر X خىروموسوملۇق ئىسپېرما تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىلەن بىرىكسە قىز بولۇشنى بەلگىلەيدۇ. شۇنداق قىلىپ كەلگۈسىدە ئوغۇل بولىدىغان تۆرەلمىنىڭ جېنىسىي خىروموسومى ئىسپېرمىدىن كەلگەن Y خىروموسوم بىلەن تۇخۇمدىن كەلگەن X خىروموسوم(XY)دىن تەركىب تاپىدۇ؛ قىز بولىدىغان تۆرەلمىنىڭ جېنىسىي خىروموسومى ئىسپېرمىدىن كەلگەن X خىروموسوم بىلەن تۇخۇمدىن كەلگەن X خىروموسوم (XX) دىن تەركىب تاپىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، پەقەت ۋە پەقەت ئاتىدىن كىلىدىغان Y خىروموسومنىڭلا جېنىسنى بەلگىلەش ئىقتىدارى بار. مېڭىنىڭ جېنىسقا ئايرىلىشى جەريانىدا XY تىپلىق (ئوغۇل) تۆرەلمە تەرەققىي قىلىپ مېڭە يىتىلگەندىن كىيىن، كۆپىيىش ئورگانلىرى شەكىللىنىش جەريانىدا ئىپتىدائىي كۆپىيىش ئورگانلىرىنى تەشكىل قىلىدىغان ھۈجەيرىلىرىنىڭ Y خىروموسومىدىكى گېنلار قوزغىلىپ ئەرلىك جېنسىي ھورمونلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ، ھەم مۇشۇ ھورمونلارنىڭ تەسىرىدە مېڭە ئۆز جېنسىنى تونۇپ يىتىدۇ. XX تىپلىق تۆرەلمە بەدىنىدە ئەرلىك جېنسىي ھورمون ئىشلەپچىقىرىلمايدىغان بولغاچقا، تەبئىي ھالدا مېڭە ئاياللىق جېنىسنى تونۇيدۇ. شۇڭا تۆرەلمە مەزگىلىدىلا مېڭە جېنىسقا ئاساسەن ئوخشىمىغان دەرىجىدەھەرىكەتنى بەلگىلەيدۇ. مېڭىنىڭ تۆرەلمە مەزگىلىدە ئۆز (گېنتىكىلىق) جېنسىنى توغرا تونۇشى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بۇ جەريان ئاساسلىقى ھورمون ۋە باشقا تۆرەلمە مۇھىت ئامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا مېڭىنىڭ ئۆز جېنسىنى تونۇش جەريانى گېنتىكىلىق ئامىلدىن بەكرەك ئېپىگېنتىكىلىق (گېننىڭ ئىپادىلىنىش تىپىنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىغا ئىگە مۇھىت ئامىللىرى) ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ئىلىپ بېرىلىدۇ. بۇ بىرقەدەر يېڭى تەتقىقات ساھەسى بولغاچقا، بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشلەر داۋاملاشماقتا. شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولىشىدا ئانىنىڭ ھىچقانداق بىۋاستە تەسىرى يوق، بەلكى ئاتا تەرەپتىن “تاساددىپىي” ھالدا بەلگىلىنىدۇ. ھازىرغىچە ئىنسانلار تېخى بالىنىڭ جېنسىنى تەبئىي ھالدا ئۆز ئىختىيارى بويىچە تاللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئەمەس. ئەلۋەتتە، تەن سىرتىدا سۈنئىي ئۇسۇلدا يىتىلگەن تۆرەلمىلەر بۇنىڭ سىرتىدا. دىمەك، بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇپ قىلىشىنى مەيلى ئەردىن ياكى ئايالدىن كۆرۈش بەكمۇ بىمەنىلىك. ئاخىرىدا، تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتە ئاز- تولا بېلىمگە ئىگە بولۇشىنى، ھەم ئۆگەنگەنلىرىنى باشقىلارغىمۇ يەتكۈزۈپ قويۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن |
بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇشى ئانا بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز!
پىكىر بايان يوق
0 comments