ئادەتتە كىشىلەرنىڭ بەخىت ھەققىدىكى قارىشى ھەر خىل بولىدۇ.مىنىڭچە؛ تۆۋەندىكىلەر بەخىتلىك تۇرمۇش ۋە ھاياتنىڭ ئىپادىللىرى بولسا كىرەك دەپ قارايمەن.
1. ئەقلى-ھۇشى نورمال،تېنى ساغلام،تۇرمۇشى رەتلىك،پاكىز،ئائىلە ئەزالىرى ئىناق،خۇشال-
خۇرام ئۆتكەن بولۇش.
2. غايىلىك،ئىرادىلىك بولۇپ،ئۆز كەسپىدە نەتىجە قازانغان ھەم ئىزدىنىش،يىراقنى كۆرۈش روھى بولغان بولۇش.
3. تۇرمۇشتا ئۈممۈدۋار بولۇپ چۈشكۈنلەشمىگەن،ئالغا ئىنتىلىش روھى بولغان بولۇش.
4. ئاتا-ئانىسى ياكى پەرزەنتلىرىدىن ۋاقىتسىز(بالدۇر) ئايرىلىپ قالمىغان بولۇش.
5. ئىناق ئائىلىسى بولۇش،يەنى ئەرلەرنىڭ مىھرىبان،سادىق ئايالى بولۇش،ئاياللارنىڭ
كۆيۈمچان ھەم ۋاپادار ئېرى بولغان بولۇش ھەمدە ئەخلاقلىق پەرزەنتلىرى بولغان بولۇش.
6. تەربىيەلىنىش پۈرسىتىگە ئىگە بولغان ھەمدە ئەخلاق-پەزىلىتى دۇرۇس بولغان بولۇش.
7. نورمال ياكى ياخشىراق تۇرمۇش شارائىتىغا ئىگە بولغان،باشقىلارغا ھاجىتى كۆپ چۈشمەيدىغان بولۇش.
8. پەرزەنتلىرىنى ئەخلاقلىق،قابىلىيەتلىك،ساغلام ۋە ۋاپادار قىلىپ تەربىيلەپ يىتىشتۈرگەن بولۇش.
9. ۋەتەننىڭ گۈللىنىشى ۋە خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن مەنىۋى ياكى ماددى جەھەتتىن تۆھپە
قوشالىغان،يىتىم-يىسىر،مىسكىن،ئاجىزلارنىڭ ھالىغا يىتەلىگەن،ھاجەتمەنلەرگە ياردەم قىلالىغان،
ۋە شۇ قىلغانلىرىغا رازى بولغان بولۇش.
10. خوشامەتچىلىك قىلماي غورۇرىنى ساقلىغان،باشقىلارغا زىيان سالماي ئۆز تىرىشچانلىقىغا تاينىپ ياشىغان،قانۇن-نىزاملارنىڭ جازاسىدىن ساقلانغان، جامائەتنىڭ ھۆرمىتىگەئىرىشكەن بولۇش.
يۇقارقى ئون خىل ئۆلچە ئىچىدە ئەڭ موھىمى-ئائىلىسى ئىناق،تېنى ساغلام،ئەخلاقى دۇرۇس،تۇرمۇش شارائىتى نىسبىتەن ياخشى بولۇشتىن ئىبارەت.
ئەگەر سىز يۇقارقى ئون ئۆلچەمنىڭ ھەممىسىنى تولوق ئوروندىيالىغان بولسىڭىز،ئۇنداقتا
دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئادەم بولغان بولىسىز.ئەگەر بەشتىن توققۇزغىچە ئورۇندىيالىسىڭىزمۇ
يەنىلا بەخىتلىك ئادەم بولغان بولىسىز.
دوستۇم ئەگەر ئۆزىڭىزنى يۇقۇرقى ئۆلچەملەرگە سېلىشتۇرۇپ كۆرگەندە بەختسىز بولۇپچىقسىڭىز،ئۇنداقتا قىلچە مەيۈسلەنمەي ئۈممۈدۋارلىق بىلەن بەختىڭىزنى تېپىش ئۈچۈن داۋاملىقتىرىشىڭ!
موھمى ئۆزىڭىزنى بەخىتلىك دەپ قارىسىڭىزلا سىز بەخىتلىك.
مەنبە؛شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلى.(ئابلەت جامالنىڭ ئەسىرىدىن تەھرىرلەپ ئېلىندى)
0 comments