ئىشخانىدا ئولتۇرسام بىر ياش كىرىپ كەلدى . ئۇنىڭ نىمىگە كىرگىنىنى سورىسام ئۇ كۆزلىرىدىن ياشلارنى تۆكۈپ ئولتۇرۇپ تۆۋەندىكلىلەرنى سۆزلەپ بەردى.
مەن بىر قىزنى بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالدىم دە ئۇنىڭ يۈرگەن لايىغىنىڭ بارلىغىغا قارىماي قوغلىشىپ ئۇنىڭ قايىللىغىنى قولغا كەلتۇرۈپ ئۇزۇنغا سوزماستىن توي قىلىپ بەختلىك بىر ئائىلە قۇرۋالدىم. لىكىن مىنىڭ بۇ بەختىم ئۇزۇنغا بارمىدى. بىزنىڭ مىجەزىمىز كىلىشمىگىلى تۇردى. ئۇ ھە دىگەندىلا ئۆزىنىڭ دىگىنىنى كاجلىق بىلەن راس دەپ تۇرۋالاتتى، ھىچقانداق ئىشتا مىنىڭدەك بىر يولدىشىغا يول قويمايتى، بىرەر ئىشتا لەۋزىمنى ئالمايتى، بىر خويلىنىپ تازلىق قىلىشنى باشلىسا تاس قالاتتىم ئۆز ئۆيۈمگە ئۆزۈم پاتمىغىلى، بىر ئىغىز گەپنى ئارتۇق قىلىپ قالسام قولىغا نىمە چىقسا شۇنى ئىتىپ ئۇرۇپ چاقاتتى، ھەتتا ماڭا نەچچە قىتىم قول سالغان يەرلىرىمۇ بولدى، بىشەملىك بىلەن توۋلاپ ۋاقىراپ جاقىراپ ئۆينى بىشىغا كىيەتتى، مەن خوشنىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزەمنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالاتتىم، ئۆيگە ئاتا- ئانام قىرىنداشلىرىم كەلگەندە خۇددى بىر يىرگىنىشلىك ۋابا كىسىلى بار ئادەم كەلگەندەك ھەممىلا يەرنى دىزىنپىكسىيە قىلىپ، ئۇلار نەگىلا دەسلىسە ئىزىنى بويلاپ سۈپۇرەتتى توبالايتى. بىر نەرسىلەرنى ئىلىۋالىدىغاندەك ھەممىلا نەرسىگە ھەتتا مىنىڭ يانچۇغۇمغىمۇ بەلگە سىلىپ قوياتتى ، ئۇلار كىلىشىگە تىچلىقمۇ سوراشماستىن ئالدىغا توشەي كۆتۇرۇپ چىقاتتى، ئۇنىڭ بۇ مىجەزىدىن ئۆيۈمدىكىلەر تولىمۇ زىرىكىپ، مەن بىلەن كۆرۈشكىسى كەلسە بازارغا چاقىرتىپ كۆرىشىدىغان مىنىڭ ئۆيۈمگە ئاياق باسمايدىغان بولدى.
مىنىڭ ئوتتەك قىزغىم مۇھاببىتىم ئاستا ئاستا سۇسلاپ ئۆيدىن بىزارلىق ھىس قىلىدىغان ، ئۆيدىن قاچىدىغان بولۇپ قالدىم ، چۈنكى ئۆيدە بىرخىل بىئاراملىق بۇرۇختۇمۇلۇق ھىس قىلىدىغان بولدۇم ، تالاغا چىقىپلا ساپ ھاۋادىن ئەركىن نەپەس ئالىدىغان بولدۇم، مىنىڭ ئۆيدىن تىزىپ كىتىشىم بىلەن ئۇنىڭ ئەسەبىلىگى تىخىمۇ قوزغىلىپ، مىنى كۈنلەپ ئىدارىغا كىلىپ كۈندە جىدەل قىلىپ، ئىدارىدىكىلەرنى ھەتتا دوسيا -ئاغىنىلىرىمنىمۇ بىزار قىلىپ بولدى.
مەن چىدىمىدىم ، ئۇنىڭغا قول كۆتۇرۇپ تەسلىم بولدۇم، بۇنداق بىشەم ھازازۇل ئەخلاق تەربىيىسى كۆرمىگەن قىزنى بىر كۆرۇپلا ياخشى كۆرۈپ قالغىنىمغا ئۆزۈمگە نەپرەتلەندىم؛ ئۆزەمدىن يىرگەندىم، مەن ئاجرىشىپ كىتىپ ئۈزۈل كىسىل قۇتۇلۇپ ئىنسانچە ياشاشنى تاللىدىم، ئۇ مىنىڭ ئاجرىشىش تەلىۋىمنى ئاڭلاپ باشتا ” مىنىڭ چانغىنىم ئۈچۈن ئىتىگى توشقىدەك تولەم بىرىشىم” نى ئىيىتتى، مەن ئۇنىڭدىن قۇتۇلالايدىغان بولسام ھەممىنى بىرىشكە رازى ئىدىم. بىراق ئۇ مىنىڭ بۇ ئىپادەمنى كۆرۈپ ھەر كۈنى ئۆيگە كىرىپ “ئاللا كاللا ئادەم ئۆلدى” دەپ ئۆزىنى بولىشىغا ئۇرۇپ يۈز كۆزىنى كۆكەرتىپ كوچىغا چىقىۋىلىپ ئۇ مىنى مۇشۇنداق ئۇردى دەپ مىنى بۇ يۇرتتا تۇرغۇسىز قىلىۋەتتى، ھەمدە كىيىنچە مەن ئالغان خوتۇنغا مۇشۇنداق ئارام بەرمەيدىغانلىغىنى ئىيتىپ ماڭا تەھدىت سىلىپ مىنىڭ ھاياتلىق يولۇمنى ئۈزۈل كىسىل ئۈزىۋەتتى. مەن خوتۇندىن ئىبارەت دوزاق ئازاۋىدىن قۇتۇلالمىدىم ، مىنى تىزراق بۇ ئازاپتىن قۇتۇلدۇرساڭلار…
مەن بىر ئەركىشىنىڭ مەڭزىنى بويلاپ ئىقىۋاتقان ياشلارنى كۆرۈپ ئۇنىڭ دەۋاتقانلىرىنىڭ راسلىغىغا ئىشەندىم. مەن ئۇنىڭ ئاجرىشىش ئىلتىماسىنى تىزىملاپ ئۇنىڭ بۇندىن كىيىنكى تۇرمۇشىغا بەخت بىلەپ بۇ شىئېرىمنى
ئۇنىڭغا سوغا قىلدىم.
تۇرسا كۈلۈپ تۈلكىدەك،
ئالدانماستىن سەگەك ئال.
خوتۇن دىگەن ئۆمۇرلۈك،
پەزىلەتلىك يۈرەك ئال.
پەرىشتىمۇ ئالۋاستى،
ھەر تەرەپتىن سىناپ ئال.
بولماي مەپتۇن چىرايغا،
مىجەز خولقى بىلىپ ئال.
بىشەممۇ يا ھازازۇل،
ئەل خەلقتىن سوراپ ئال.
ئىمانى بار قانچىلىك،
ھاياسىنى كۆرۈپ ئال.
راس سۆزلەمدۇ يالغانمۇ،
دىيانەتتە سىناپ ئال.
ئاق كۆڭۈلمۇ ۋىجدانسىز،
سادىقلىقنى كۆرۈپ ئال.
پەستىۋەتمۇ ئىسىلمۇ،
داسقىنىنى كۆرۈپ ئال.
قىز ئالدىڭمۇ جۇۋانمۇ،
تويدىن بۇرۇن بىلىپ ئال.
بولالامدۇ قەدىردان،
ئانىسىنى كۆرۈپ ئال.
سادىقلىغى قانچىلىك،
ئەقىدىدە سىناپ ئال.
بىلىمسىزمۇ نادانمۇ،
ئەقىل كۆزدە كۆرۈپ ئال.
چىن ۋاپادار ھەمراھمۇ،
مۇشكۈلاتتا سىناپ ئال.
شەرمى ھايا ئەخلاقنى،
تارازىدا ئۆلچەپ ئال.
ئۆزەڭ سۆيگەن يارىڭنى ،
ئەل ئىچىدىن بۇلاپ ئال.
سۆيەلەيسەن قانچىلىك،
سەن ئۆزەڭنى چاغلاپ ئال.
قىلما پۇشمان كىيىنچە،
خوتۇن ئالساڭ بىلىپ ئال.
مىسرانىم تورىدىن ئېلىندى
0 comments