ئەر-ئاياللارغا ئون مەسلىھەت

1. جۆرىسىگە سەمىمى سادىق بولۇش لازىم، ئىشەنچىدىن ساغلام ھىسيات پەيدا بولىدۇ.ئەر-خوتۇنلار بىر-بىرىگە ئىشىنىش ئۈچۈن بىر-بىرىنى ھۆرمەت قىلىشى لازىم.
      2. قارشى تەرەپنىڭ ياخشى تەرىپى ۋە ئارتۇقچىلىقلىرىغا كۆپرەك دىققەت قىلىشى،سەۋەنلىك ۋە كەمچىللىكلىرىنى ئەپۇ قىلىش لازىم.
      3. بىر ئائىلىدە ئەر-خوتۇن ئۆزئارا يادەمگە ئىرىشكەندە ھەممە نەتىجە ‹مىنىڭ›بولماستىن،‹بىزنىڭ›دىگەننى ھەرگىز ئەستىن چىقارماسلىق لازىم.
     4. تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆز-ئارا ماسلاشتۇرۇش،قارمۇ-قارشى بولوپ قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم،قارشى تەرەپنىڭ پىكىرىنى سەۋىرچانلىق بىلەن ئاڭلاپ،قارشىلىقنى مەسلىھەتلىشىپ ھەل قىلىش لازىم.
     5. نىكاھ تۇرمۇشىدىمۇ‹ئويلىنىپ ئىش قىلىش›قا توغرا كىلىدۇ.ھەر ئىككىلا تەرەپ مۇۋەپپىقىيەتلىك نىكاھنىڭ يىتىشتۈرگۈچىسىدىن بولىشى،ھەرگۈز ئۇنىڭ بۇزغۇنچىللىرىدىن بولماسلىقى لازىم.
     6. ئۇقۇشماسلىقتىنىڭ پەيدا بولىشىدىن ساقلىنىش لازىم.ناۋادا ئۇقۇشماسلىق بولوپ قالسا،ئۇنى دەرھال يوقۇتىش لازىم. ئۇقۇشماسلىقنىڭ ئۇزاققىچە ساقلىنىشى،ئەر-خوتۇنلارنىڭ چىقىشالماسلىقى ۋە نىكاھنىڭ ‹خادا تاشقا ئۈسۈۋىلىشى›غا سەۋەپ بولوپ قالىدۇ.
     7. ‹ئاجىرىشىمەن›دىگەن سۆزنى ئالدىراپ قىلماسلىق لازىم.بەزى بىر مۇۋەپپىقىيەتلىك نىكاھلار پەقەت چاقچاق يوسوندا ئېيتىلغان‹ئاجىرشىمەن›دىگەن بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويغانلىقتىن،راستقا ئايلىنىپ كەلگەن.
     8. بىر تەرەپ خاتا ئىش قىلىپ قويسا،قارشى تەرەپ ھەرگىز كوتولداۋەرمەسلىك لازىم.
     9. غەزەپلىنىش،خۇشال بولماسلىقلارنىڭ ئىنسانلاردىكى نورمال ھىسيات ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلىش لازىم.قارشى تەرەپنىڭ كەيپىياتى ياخشى بولمىسىلا ئۇنى نىكاھنىڭ ‹خادا تاشقا ئۈسۈۋىلىشى›نىڭ بەلگىسى دەپ قارىماسلىق قازىم.
    10. ئىناق بولغان ئەر-خوتونلۇق مىھرى-مۇھەببىتىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش لازىم.

                                                مەنبە؛تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى گىزىتىدىن

0 comments

پىكىر بايان يوق