بىر ئادەم قۇملۇقتىن كىسىپ ئۆتمەكچى بولۇپ بىر خۇرجۇن ئېلىۋاپتۇ. خۇرجۇن ئىچىگە لىققىدە ئوزۇق ـ تۈلۇك ۋە سۇقاچلانغان ئىكەن . ئۇ قۇملۇقنىڭ شىمالىغا قاراپ يول ئاپتۇ. ئەمما كىچە تۇيۇقسىز بوران چىقىپ كىتىپتۇ. ئىككىنجى كۈنى ئۇ ساپسېرىق كۆككە قاراپ يۆنلىشىنى پەرىق قىلالماپتۇ.
يەنەبىر ئادەم بولۇپ، ئۇمۇ قۇملۇقتىن كىسىپ ئۆتۈشنى ئىرادە ئۇمۇ خۇرجۇن ئېلۋالغان بولۇپ خۇرجۇن ئىچىدە كومپاس بار ئىكەن. ئەسلىدە ئۇ شۇكۈنى قۇملۇقتىن كىسىپ ئۆتۈپ بولىمەن دەپ قارغان ئىكەن، ئەمما قۇم ـ بۇران ئۇنىڭ ئىلگىرلەش يولىنى توسۇپ قويۇپتۇ، قۇم بوران توختىغاندا تاڭ ئېتىپتۇ. بۇ كىشى قۇملۇقتا قەدەملىرىنى ئاران يۆتكەپ كەچكىچە مېڭىپمۇ يولىنى يېرىم قىلالماپتۇ، كىيىن ھەم ئاچلىق ھەم ئۇسسۇزلۇق دەردىدىن ھالىدىن كىتىپتۇ.
ئۈچىنچى كىشىمۇ ئوخشاشلا قۇملۇقنى كىسىپ ئۆتۇشكەبەل باغلاپتۇ. ئۇ ئىككى خۇرجۇن ئېلۋالغان بولۇپ بىرگە كومپاس سېلۋالغانلىقتىن يۆنلىشنى پەرىقلەندۇرەلمەسلىكتىن ئەنسىرمەيدىكەن. يەنە بىر خۇرجۇنغا ئوزۇق ـ تۈلۈك ۋە سۇ قاچىلۋالغان بولۇپ بۇنىڭدىنمۇ غەم يىمەپتۇ. ئۇ سەپرىدە ئېزىپ قالغان ھېلقى ئىككى كىشىگە ئۇچراپ كۆرمەسكە سېلىپ مېڭىۋىرىپتۇ. ئارقىدىن يەنە ئوزۇق ـ تۈلۈكى تۈگەپ يولىنى داۋاملاشتۇرالماي قۇم دۆۋسى تۈۋىدە سەكراتتا ياتقان كىشىگىمۇ پەرۋا قىلماي ئۆتۈپ كىتىپتۇ، ئىككىنجى كۈنى بۇكىشى بىرتوپ قاراقچىلارغا ئۇچراپ، تۆگىسىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن سىرىت يەنە ئىككى خۇرجۇندىنمۇ ئايرىلىپ قاپتۇ، كومپاس بولمىغاچقا بىرىنجى كىشىگە ئوخشاش قارىغۇلارچە مېڭىپتۇ، ئۈچ كۈندىن كېيىن ئىككىنجى كىشىگە ئوخشاش ئاچلىقتىن جېنى ھەلقۇمقغا كىلىپ قاپتۇ.
بۇ ئۈچ كىشىدىن، بىرىنجىسى كومپاس ئېلۋالمىغاچقا ئېزىپ قالغان بولسا، ئىككىنجىسى ئوزۇق ۋە سۇ كەمچىللىك سەۋەبىدىن ھاياتىنى داۋاملاشتۇرالمىغان، ئۈچۈنچىسىدە گەرچە كومپاس ۋە يىتەرلىك ئوزۇق ـ تۈلۈك بولسىمۇ، ئەممامىھرى ـ مۇھەببەت كەمچىل بولغاچقا ئۇنىڭ ئاقۋىتى ھەممىدىن ئېچىنىشلىق بولغان. كىشلىك ھايات سەپەرگە ئوخشايدۇ، ھاياتنىڭ باشلىنىش نوقتىسىدىن باشلاپلا ئۈچ خۇرجۇن ئېلىۋېلىپ ئۇنىڭ بىرگە كومپاس-، بىرگەئوزۇق ـ تۈلۈك ۋە سۇ يەنە بىرگەبولسا مىھرى ـ مۇھەببەت قاچىلاش كىرەك.
0 comments