ئاي:: 2025-يىل 1-ئاي

You are on the archive page
مۇسۇلمان ئەرنىڭ ئايالىغا ئۆتەشكە تىگىشلىك مەجبۇرىيىتى

مەنبەسى: دىن ۋە ھاياتسۇئال : ئەر كىشىنىڭ ئايالىغا ئۆتەشكە تىگىشلىك بۇرچى قايسىلار؟جاۋاپ : ئەر كىشىنىڭ ئايالىغا ئۆتەشكە تىگىشلىك بۇرچى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ :(1) ئەرنىڭ ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى ، ئۇنىڭغا ئازار بەرمەسلىكى ، ئۇنى ئاسرىشى ، پۈتۈن مۇھەببىتى ۋە سۆيگۈسىنى ئۇنىڭغا بىغىشلىغان ھالدا ، ئۇنىڭغا ھەر ئىشتا مىھرىبانلىق كۆرسىتىشى .(2) ئايالىنىڭ بەزى خاتالىقلىرىغا بولۇپمۇ ئايالىنىڭ مىجەزى […]

تەپسىلاتى
كىشىنى ئىرادىلىك قىلىدىغان ھېكمەتلەر

  1. ھەر بىر كۈن ھاياتىڭىز دىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈندۇر.2. سىز ئايدىن ئايرىلىىپ قالغاندا يىغلاپ ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويسىڭىز  ،ئۇنداقتا ئۇزۇنغا قالماي يۇلتۇزدىنمۇ ئايرىلىپ قالىسىز .3.  بىز نىڭ نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكىمىزنىڭ مەنبەسى ،ئزىمىزنى باشقىلار بىلەن سىلىشتۇرۇشتىن ،يەنى سىلىشتۇرغاندا ئۆزىمىزگە ئىگە بولالمىغان نەرسىلەرگىلا  ئېسىلىۋېلىپ  ئىرىشكەنلىرىمىزگە،سەلقارىغانلىقىمىز دىن كېلىپ چىقىدۇ .4.ئۇنچىۋالا  قايغۇرۇپ كەتمەڭ ھاياتىڭىز دا بەزى نەرسىلەر نى يوقىتىپ قويىشىڭىز  بەلكىم ئۇنىڭدىن قۇتۇلىشىتۇر .ئېزىپ قىلىش بەلكىم […]

تەپسىلاتى
پولونىڭ مەخپىي سىرى

بىزنىڭ ئەقىللىق ئەجداتلىرىمىز ئىجاد قىلغان،نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئىستىمال قىلىنىش داۋامىدا ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس،بەلكى تەمىنى تېتىپلا باققان ھەرقانداق مىللەت -تائىپىنىڭ ئىشتىيىنى ئىچىپ،بارغانسىرى ئاغزىغا سىرىق سۇ كەلتۇرىۋاتقان،مەن ئىچكىرىگە خىزمەت سەۋەبى بىلەن كەلگەن بىر ئايدىن بۇيان كۈندۈزى كۆز ئالدىمدىن،كىچىسى چۈشۈمدىن كەتمەيۋاتقان، گۆھەر دانىسىغا ئوخشاش دانە-دانە شۇ سۆيۈملۈك پولۇ بىلەن رىۋايەتلەردىكى نازىنىنلارنىڭ ئۇزۇن سۇمبۇل چاچلىرىدەك ئەۋرىشىم لەغمەننى تولا خىيال […]

تەپسىلاتى
ھاياتىڭىزدا ئەپسۇسلانماي دېسىڭىز

سىز مۇھىتنى ئۆزگەرتەلمەيسىز، بىراق ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز.    ياش بولغىنىمىز ئۈچۈن بېشىمىزدىن بەزىبىر سەرگۈزەشتىلەرنى ئۆتكۈزىمىز. مەسىلەن، مۇھەببەت، دوستلۇق دېگەندەك. ھېچقانداق ئادەم ھەربىر كۈنىنى مەڭگۈ خۇشال-خۇرام ۋە بەختلىك ئۆتكۈزۈپ بولالمايدۇ. ھېچقانداق ئادەم ئۆزىنىڭ قەيسەرلىكى ۋە ئاجىزلىقىغا بىمالال ھالدا يۈزلىنەلمەيدۇ. سىزنى تاۋلايدىغىنى كەچمىش بىلەن ئازاب-ئوقۇبەت. سىزنى بەختلىك قىلىدىغىنى كەڭ قورساقلىق بىلەن مېھرىبانلىق، سىزنى خاتىرجەم قىلىدىغىنى چۈشىنىش ۋە ئىشەنچ.  […]

تەپسىلاتى
تۇر مۇش بېسىمىنى يەڭگىللىتىشنى ئويلامسڭز ؟

        1 .بىر كۈندە غەم يەيدىغان ئىشىڭىز بىر دىن ئېشىپ كەتمىسۇن .ئاياللارنىڭ غەم ئەندىشىسى ئەرلەرنىڭكىدىن كۆپرەك  بولىدىكەن ،خارۋاردئۇنۋېرسىتىنىڭ تەتقىقاچچىللىرى 166جۈپ ئەر ئايال ئۈستىدە 6ھەپتىلىك تەتقىقات ئىلىپ بېرىپ ،ئاياللارنىڭ غەم ئەندىشىسى ئاياللارنىڭكىدىن كۆپ بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان .      2. ھەر كۈنى بىرنەچچە مىنۇت دىققىتىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۇڭ ،بىر ئىشنى قىلغان ۋاقتىڭىز دا كەيىنىكى بىر ئىش ئۈچۈن غەم يەپ كەتمەڭ […]

تەپسىلاتى
تارىختىكى ساتقىنلار

بۇ بىر قوغدالغان يازما بولغاچقا بۇ يەردە ئۈزۈندە يوق.

تەپسىلاتى
بىر ئۆمۈر قەدىرلىشىڭىزگە ئەرزىيدىغان كىشىلەرنى بىلەمسىز

سىز ھەقىقى سۆيدىغان ئادەمنى ئۇچراتقىنىڭىزدا، ئۇنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈڭ ھەم ئۆمۈرلۈك ھەمراھىڭىز قىلىڭ. چۈنكى ، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالسىڭىز ، كىيىن پۇشايمان قىلغان بىلەنمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ .                                    ئىشەنچىلىك دوسىتنى ئۇچراتقىنىڭىزدا، ئۇنىڭ بىلەن ياخشى ئۆتۈڭ. چۈنكى ، ئادەمنىڭ ئۆمرىدەئۇچرايدىغان سىرداش دوستى ھەقىقەتەن كۆپ ئەمەس .     […]

تەپسىلاتى
قايغۇرماڭ

   تۆنۈگۈنكى ئىشلار ئۈچۈن ،بۈگۈن قايغۇرغاننىڭ پايدىسى بارمۇ؟ بەزىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ ئىمتىھاندا لاياقەتسىز بۇلۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن قايغۇرىدۇ،لىكىن قايغۇرغانغا ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغىلى بۇلامدۇ؟بەزىلەر ئۆلۈپ كەتكەن يېقىنلىرى ئۈچۈن قايغۇرىدۇ،قايغۇرغانغا ئۇلار تىرىلىپ قالامدۇ؟بەزىلەر سودىدا زىيان تارتقانغا قايغۇرىدۇ،قايغۇرغانغا زىياننى تولدۇرۋالغىلى بۇلامدۇ ؟        قايغۇرماڭ،بىرەر قېتىملىق كۆڭۈلسىزلىك ئۈچۈن قايغۇرسىڭىز ،ئۇنى تېخىمۇ كۆپ غەم-قايغۇغا ئايلاندۇرۋېلىشىڭىز مۇمكىن.نامراتلىق ئۈچۈن قايغۇرسىڭىز ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ بەخىتسىز قىلىپ […]

تەپسىلاتى
ئەقىللىق ئاياللار ئائىلىۋىي بەختنى قانداق يارىتىدۇ

ئاياللار ئائىلىنىڭ بەختىنى بەرپا قىلغۇچى ئۇلۇغ شەخس. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ چېچەن- چىۋەرلىكى، چەكسىز مېھىر- مۇھەببىتى ۋە ئىللىق چېھرى ۋە ئەقىل- پاراسىتى بىلەن ئائىلە ئەزالىرىغا خۇشاللىق بېغىشلىغۇچىلاردۇر.   كۆپ جەھەتلەردە ئوخشايدىغان ئايرىم جەھەتلەردە پەرقلىنىدىغان ئاياللار.تويدىن كېيىن تۇرمۇش ئادىتى، خاراكتېرى، قىزىقىشى ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئادەم بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ئەگەر ئايال ئېرىنى ئۆزىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئۆزگەرتمەكچى بولسا، ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ […]

تەپسىلاتى
يامان ئەخلاق ۋە ئۇنىڭ دورىلىرى

مۇسۇلمان ئەڭ ئاۋۋال قەلبىنى پاكىزلىشى لازىم. چۈنكى قەلب پۈتۈن بەدەننىڭ رەئىسىدۇر. پۈتۈن ئەزالار قەلبنىڭ ئەمرى ئاستىدا بولىدۇ. پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم« ئىنسان بەدىنىدە بىر پارچە گۆش بار. ئۇ بۇزۇلسا پۈتۈن ئەزالار بۇزۇلىدۇ ئۇ تۈزەلسە پۈتۈن بەدەن تۈزۈلىدۇ. ئۇ بولسا قەلبتۇر.»دېگەن. يەنى پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەن بۇ نەرسە يۈرەكنىڭ ئىچىدىكى كۆڭۈلدۈر. ئۇنىڭ ساقلىقى يامان ئەخلاقلاردىن […]

تەپسىلاتى
مۇۋە پپەقىيەت قازىنىشنىڭ سىرى

بىر يىگىت سوقراتتىن سورىدى؛ــ مۇۋە پپەقىيەت قازىنىشنىڭ سىرى نىمە؟سوقرات بىر پەس ئويلانغاندىن كېيىن،يىگىتكە؛ــ ئەتە سەھەردە دەريا بۇيىغا بېرىپ مىنى ئىزدىسىڭىز ،شۇچاغدا جاۋابىنى ئېيتىپ بېرىمەن ــ دېدىئەتىسى سەھەردە يىگىت سۇقراتنىڭ دىگىنى بۇيىچە ،دەريا بۇيىغا كەلدى،سۇقرات مۇۋە پپەقىيەت قازىنىش تۇغىرسىدا ئارتۇق گەپ قىلماستىن،بەلكى يىگىتنى تارتىپ دەريا ئىچىگە ماڭدى.سۇ يۇزى ئۇلارنىڭ تىزى ۋە بېلىدىن ئىشىپ،كۆكرەك قىسمىغا يەتتى،لىكىن ئۇلار […]

تەپسىلاتى
تۆت پايدىلىق ۋە تۆت پايدىسىزلار

بۇ بىر قوغدالغان يازما بولغاچقا بۇ يەردە ئۈزۈندە يوق.

تەپسىلاتى
گۇناھكار ئاياللارنىڭ ئۇ دۇنيادىكى ھالى

بۇ بىر قوغدالغان يازما بولغاچقا بۇ يەردە ئۈزۈندە يوق.

تەپسىلاتى
قەدرىڭىزنى قىلىپ ياشىسىڭىز ھايات گۈزەل

نۇر قۇياش زىمىنغا بولغان بىر كۈنلۈك  ئىللىق ھارارىتىنى ئېلىپ ئاستا-ئاستا قىزىل پەردىسنى يېپىشقا باشلىدى.قۇياشنىڭ پېتىشىغا ئەگىشىپ  چىققان تۇلۇنئاي ئاي،ئۆزىنىڭ گۈزەللىكنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن،ئىللىق كۈلۈمسىرەپ كۆك قەھرىتىدە  بار-بارا جۇلالىنىۋاتاتتى… ئاسماننىڭ بىرتەرپىدە پەقەت كەچكى شەپەقنىڭ ئالتۇنرەڭ ئۇستىخانلىرىلا قالدى.دەرىزەمگە ئۈنسىز تىكىلىپ تۇرغان كۆزلىرىم.بۇ گۈزەل مەنزىرنى كۆرۈپ خوش بولسا،يەنە بىرتەرەپتىن كۈز پەسلىنىڭ يىتىپ كىلىشىدىن بىشارەت بىرىپ،بالدۇرلا  شاخلىرىدىن ئايرىلغان يۇپۇرماقلارنىڭ، يەردە دۇمۇلاپ بۇشقىنا شىلدىرلاشلىرىنى […]

تەپسىلاتى
ئاياللار نېمىشقا ئۆزگىرىشچان

ئەرلەرنىڭ ئەڭ چۈشەنمەيدىغىنى ئاياللارنىڭ ئۆزگىرىشچان خاراكتېرى بولسا كېرەك.ئۇنداقتا،ئاياللارنىڭ ئۆزگىرىشچانلىقىغا قانداق پىسخىكا سەۋەپ بولىدۇ؟ئاياللارنىڭ خاراكتېرى ناھايىتى مۇرەككەپ بولىدۇ.ئەلۋەتتە، ھەممە ئايالنىڭ ئەرلەرگە  تۇتقان پوزىتسىيەسى بۇنداق ئۆزگىرىشچان بولۇشى ناتايىن ، بۇ ئادەمگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ.خىزمەت مۇناسىۋىتىدە ئاياللار ئەرلەرگە ئاساسلىقى ئىجتىمائىي سالاھىيىتى نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىدۇ،ئەرلەر  بۇ چاغدا ئاياللارنى تولىمۇ غەرەز ئۇقىدىكەن،دەپ قارايدۇ،قىسقىسى،نورمالسىز تەرەپنى ھېس قىلمايدۇ.ئاياللارنىڭ ئۆزگىرىشچان خاراكتېرى ئەرلەر بىلەن ئاياللىق سالاھىيتى […]

تەپسىلاتى
ئەر كىم؟ ئايال كىم؟

مەزكۇر يازما تاتار ئالىمى رىزائىددىن ئىبنى فەخرىددىننىڭ <<ئىلمى ئەخلاق>> ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى. بۇ كىتابنى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 2006-يىلى8-ئايدا نەشر قىلغان. توي – نىكاھ دۇنيادا ياشىغۇچى ئادەملەر ئەگەر تېنى سالامەت بولسىلا، ئۆزىگە ئۆمۈرلۈك جورا تاللىشى زۆرۈر، بۇ ھەممە ئادەمگە مەلۇم. كىشىلەر بازارغا بارغان چاغلىرىدا ھەمراھىنىڭ ياخشى، ئۆزىگە يارايدىغان بولىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. كۆڭلىگە ياقمىغان ئادەم بىلەن بىللە […]

تەپسىلاتى
ئائىلىنى بەختلىك قىلىدىغان ئامىللار

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك تورداشلار! تۆۋەندە سىلەرگە قانداق قىلغاندا ئائىلىدە بەختلىك بولغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمەن. ئوقۇپ بەھرىمەن بولغايسىلەر. ئىسلام دىنىدا ئائىلە بىناسى ئۈچ چوڭ ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. بۇ ئاساسلار ئائىلىنى بەختلىك، ھوزۇرلۇق ۋە خاتىرجەم قىلىدىغان مەنىۋىي ئامىللاردۇر. بۇلار جانابى ئاللاھ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان سانسىز رەھمەتنىڭ نەتىجىلىرىدۇر. بۇ ئاساسلار تېپىلمايدىغان ئائىلىلەردە ھوزۇرمۇ، خاتىرجەملىكمۇ بولمايدۇ. ھالبۇكى ئائىلە […]

تەپسىلاتى
سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش

ئۆزىنى سۆيەلىگەن كىشى باشقىلارنى سۆيۈشنى بىلىدۇ. ھاياتقا كۈلۈپ باقالىغان كىشى، مۇقەررەركى ھايات ۋە تۇرمۇشقا نىسبەتەن تولۇپ – تاشقان ھاياتىي كۈچكە ئىگە كىشىدۇر. ئۆزىنى قەدىرلەشنى، سۆيۈشنى بىلمىگەنلەر باشقىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشەلمەيلا قالماستىن، باشقىلارغا مېھىر – مۇھەببەت بېرەلمەيدۇ.   بىر پەيلاسوپ شەھەر سىرتىدا سەيلە قىلىۋېتىپ، يىغلاۋاتقان بىرەيلەنگە ئۇچراپتۇ. پەيلاسوپ ئۇنىڭدىن نېمىگە شۇنچە ئازابلىنىدىغانلىقىنى سورىسا، ئۇ‹‹مۇھەببەتتىنمەھرۇم قالدىم›› دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. […]

تەپسىلاتى
روھى ۋە جىسمانى ساغلاملىغىڭىزغا دىئاگىنوز قويۇپ بېقىڭ!

    جەمىيەت كۈندىن كۈنگە تەرەققى قىلىۋاتقان، تۇرمۇش سۈپىتى كۈندىن كۈنگە ياخشىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ساغلاملىق بارغانسىرى كىشىلىك تۇرمۇش ۋە جەمىيەتتىكى كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەڭ مۇھىم تېمىغا ئايلانماقتا. ھالبۇكى جىددى خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش بېسىمى بەزىدە بەدەننىڭ كۆتۈرۈش كۈچىدىن ھالقىپ كېتىپ، جىسمانى ۋە روھى ساغلاملىغىمىزنى يوشۇرۇن ئىكەكلەپ بارماقتا. ئۇنداقتا قانداق قىلساق ئۆز ساغلاملىغىمىزغا توغرا دىئاگىنوز قويۇپ، […]

تەپسىلاتى
 پەيغەمبەر ئەلەيھسالامغا كەلگەن ۋەھىينىڭ باشلىنىشى توغىرسىدا

مۆئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھارىس ئىبنى ھىشام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلدۇكى،ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامدىن:ئى رەسۇلۇللاھ،ساڭا ۋەھىي قايسى رەۋىشتە كىلىدۇ؟دەپ سورىدى.پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئۇنىڭغا جاۋابەن:ۋەھىي ماڭا گايىدا قوڭغۇراق ئاۋازىدەك جاراڭلىق كىلىدۇ،بۇ خىلى ماڭا ئەڭ قىيىن تۇيۇلىدۇ،پەرىشتە مەندىن ئايرىلدۇ-دە،ئۇنىڭ ئىيتقانلىرىنى ئىسىمگە ئىلىۋالىمەن،گايىدا پەرىشتە ماڭا ئىنسان سۈرىتىدە بولۇپ سۆزلەيدۇ،ئۇنىڭ ئىيتقانلىرىنى ئىسىمگە ئىلىۋالىمەن،دىدى.ئائىشە مۇنداق دەيدۇ:پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامغا قاتتىق سوغۇق كۈنلەردە ۋەھىي […]

تەپسىلاتى
ئاچچىقلانغاندا قايسى ئەزا ئەڭ ئېغىر زەخىمگە ئۇچرايدۇ؟

كونىلاردا «يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر» دېگەن گەپ بار. بىراق، ئاچچىقلانغاندا ئۆزىنى بېسىۋالىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس. يېقىندا، «ئامېرىكا ياھۇ تورى» دا ئاچچىقلىنىشنىڭ سالامەتلىككە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئاچچىقلانغاندا تۆۋەندىكى ئەھۋاللار كۆرۈلىدىكەن.چوڭ مېڭىنىڭ ئىنكاسى ئاستىلاپ كېتىدىگەن. دائىم ئاچچىقلانغاندا، چوڭ مېڭە ئېغىر غىدىقلىنىپ نورماللىق بۇزۇلۇپ، مېڭە ھۈجەيرىسىنىڭ قېرىشى تېزلىشىدىكەن. يۈرەك رىتىمى نورمالسىزلىشىدىكەن. […]

تەپسىلاتى
تۇغۇلۇش بىلەن ئۆلۈمنىڭ ئارلىقى قانچىلىك؟

       چىرايىدىن نۇر يىغىپ تۇرىدىغان ئاپئاق ساقاللىق بىر بوۋايدىن نەۋرىسى شۇنداق دەپ سوراپتۇ:      بوۋا ئادەمنىڭ ئۆمرى قانچىلىك بولىدۇ؟ بوۋاي تاتلىق بىر تەبەسسۇمدىن كىيىن شۇنداق دەپتۇ:      __ ناماز بىلەن ئەزان  ئارلىقىچىلىك ئوماق ئوغلۇم! نەۋرىسى يەنە قايتا سوراپتۇ:      چۈشەنمىدىم بوۋا،ئەجىبا ئۆمۈر شۇنچىلىك قىسقا بولامدۇ؟      شۇنداق ئوغلۇم ئۆمۈر نامازسىز ئەزان بىلەن ئەزانسىز نامازنىڭ ئارلىقىچىلىك […]

تەپسىلاتى
مۇھەببەت ھايا بىلەن مۇھەببەتتۇر

يېقىندا بىرقانچە دوستۇم بىلەن بىر ئولتۇرۇشتا بىللە بولۇپ قالدىم، بىر چاغدا سۆز تېمىمىز مۇھەببەت ۋە نىكاھ مەسلىلىرىگە كېلىپ توختىدى._ھازىر جەمئىيتىمىزدىكى قىسمەن قىزلار ۋاپاسىز ھەم ھاياسىز بولۇپ كەتتى، ئۇلار مۇھەببەت ۋە نىكاھنى ئويۇن قاتارىدا كۆرىدۇ، ئۇ ئايدا بىر يىگىت بىلەن يۈرسە، بۇ ئايدا يەنە بىر يىگىت بىلەن يۈرىدۇ، ئۇلار تەپ تارىتماستىن ئاممىۋى سورۇن، ئاپتوبۇس ھەم كوچا-كويلاردا […]

تەپسىلاتى
ئەر+ئايال= ھەقىقىي تۇرمۇش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىنى  قەلەم تەۋرىتىشكە قىستىغان بىرقىسىم ئىشلارنى سىلەر بىلەن بىللە مۇلاھىزە قىلىشنى توغرا تاپتىم . قۇلاق سالغايسىلەر .. ھازىر جەمىيەتدە ئاجىرشىش ، كىچىك توي قىلىش ، بالدۇر رەسمىيەتنى ئۆتۈش ،قاتارلىق بىرقىسىم ناچار ئىشلار يۈز بىرىۋاتىدۇ ، بۇ ئىشلاربەك ئەۋج ئەپ كەتتى بولۇپمۇ جەنۇپتا ….. شۇنى بىر ئويلىنىپ بىقىشقا تىگىشلىك مەسىللەرنى ئوتتۇرغا قويماقچىمەن . 1 – كىچىك […]

تەپسىلاتى
مۇھەببەت ۋە ئەر -خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى توغرىسىدا

مۇھەببەت ئەسلى ياشانغاندا يېتىلىدۇ   . ھەقىقى مۇھەببەتتە مۇزدا قىزىلگۈل ئۈنىدۇ  ، تاشمۇ مىۋە بىرىدۇ  . بۇنداق مۇھەببەتتىن گۈلدۈرماما مۇزىكىغا ئايلىنىدۇ  ، چاقماق مەڭگۈلۈك يۇرۇقلۇق بىرىدۇ  . بالىنىڭ ئۆگىيى بولىدۇ ئەمما ئايالنىڭ ئۆگىيى بولمايدۇ  . ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن ، ئەرنى يەر قىلغانمۇ خوتۇن  . مۇھەببەت  – دۇتار  ، ئېھتىيات قىلىپ تۇتمىساڭ ، تارىسى ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ  . تەشەببۇسكارلىق ئەركەكتىن باشلىنىشى  كېرەك   ، چۈنكى بۇلبۇلنىڭمۇ ئەركىكى سايرايدۇ  – […]

تەپسىلاتى
مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ 13 خىل ياخشى ئادىتى

بىرىنچى، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار ھەر بىر ئىشنى قىلىشتىكى مەقسىتىنى ئېنىق بىلىدۇ.مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار ئىشنىڭ نەتىجىسىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ، لېكىن بۇ ئىشنى قىلىپ يەتمەكچى بولغان مەقسەتكە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ. مەقسەتنىڭ ئېنىق بولۇشى ئۇلارنىڭ نەتىجىگە ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىپلا قالماي، ئۇلارنى ئىشنىڭ جەريانىدىنمۇ ھۇزۇرلاندۇرىدۇ.ئىككىنچى، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار تېز بىر قارارغا كېلەلەيدۇ، قارارىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئويلىشىدۇ.ئۈچىنچى، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ زەن قويۇپ ئاڭلاش […]

تەپسىلاتى
روزا تۇتقۇچى ئۈچۈن

روزا تۇتقۇچى ئۈچۈن دىنىي ۋە تىببىيدىن 20 نەسىھەت قىسقىچە چۈشەنچە: ئاپتور بۇ ماقالىسىدا روزىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئىنسان ھاياتىدىكى رولى، روزىنىڭ يولغا قويۇلىشىدىكى ھىكمەت، روزىنىڭ سالامەتلىككە دائىر پايدىلىرى ۋە روزىدارلار ئۈچۈن مۇھىم بەزى نەسىھەتلەرنى قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا، تىببىي ئىلىملارنىڭ يەكۈنلىشى بىلەن ھۆزۈرۈڭلارغا سۇنىدۇ.   ھۆرمەتلىك مۇسۇلمان قېرىنداشلار رامىزان ئېيىدىن ئىبارەت رەھمەت، مەغپىرەت ئېيى سىلەرگە يېتىپ […]

تەپسىلاتى
بىز ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا  خىرىستىئانلاردىنمۇ يىقىن

لىكسىيەنىڭ ئاساسى مەزمۇنى؛        ئاللاھنىڭ بارلىق پەيغەمبەرلىرى پەقەت بىرلا دىن ئۈچۈن ئىۋەتىلگەن بولۇپ، ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ تاكى بىزنىڭ سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھى ئەلەيھى ۋەسەللەمگىچە بولغان بارلىق پەيغەمبەرلەر ئىسلام دىنىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىۋەتىلگەن. ھەقىقەتەنمۇ ئىسلام دىنى ئاللاھ تاللىغان بىردىنبىر دىندۇر. بۇ قىتىمقى لىكسىيمىزدە ئاللاھ ئۈچىنچى ئىلاھ، ئىيسا(ئەلەيھىسسالام) ئاللاھنىڭ ئوغلى دىگەن ئىتىقادىغا قارشى تۇرۇش ، […]

تەپسىلاتى
نىكاھتا غەلبە قازانغۇڭىز بارمۇ

بۇ ئالەمدە ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ئۆمرىنى خۇشال-خۇراملىق ۋە بەخىت ئىچىدىلا ئۆتكۈزگەن  بىرمۇ  ئىنسان بولمىسا كېرەك، ھاياتلىق ئادەمگە بەزىدە شادلىق شارابى تەڭلىسە،بەزىدە قايغۇ خەنجىرى تەڭلەيدۇ،بىز مەڭگۈ چاپچىپ تۇرغان تايچاق بۇلۇشنى خالىساقمۇ،ئەپسۇس تۇرمۇش  بىز ئۈچۈن مەڭگۈ سۇزۇلۇپ ياتقان يايلاق ئەمەس،بىزنى ھەر خىل قىسمەتلەر ۋە خىرىسلار كۈتۈپ تۇرىدۇ.بۇلۇپمۇ ھازىرقى جەمىيەتتە يېرىم دۇنيا دەپ ئاتالغان ئاياللار دۇچ كىلىدىغان بېسىملار ۋە قىيىنچىلىقلار ھەقىقەتەن كۆپ.  […]

تەپسىلاتى
پۇل توغرىسىدىكى 15 ئەقىليە سۆز

پۇل گۇناھتىن دىرەك بىرەمدۇ ياكى خوشاللىقتىن دىرەك بىرەمدۇ؟پۇل ھەققىدە دۇنيادىكى ھەرخىل كىشلەر ھەر خىل تەبىرلەرنى بىرىپ كەلدى.مەيلى نىمىلا دىمىگەن بىلەن پۇل يەنىلا مۇھىم.قېنى ئەمدى قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۆتكەن دانىشمەنلەرنىڭ پۇل توغرىسىدىكى تەبىرلىرىنى ئاڭلاپ باقايلى:1)    پۇللا بولسا،دۇنيانىڭ ھەممە يىرىگە بارغىلى بولىدۇكى،پەقەت بىرلا جايغا،يەنى جەننەتكەبارغىلى بولمايدۇ؛پۇللا بولسا،ئالىمەن دىگەن ھەرقانداق نەرسىنى سېتىۋالالايسەن،شۇغۇنىسى خوشاللىقنى سېتىۋالالمەيسەن.2)    دوستۇڭدىن پۇل […]

تەپسىلاتى
ئۆزىڭىزنى پەس كۆرەمسىز ؟

ئوخشاش بولمىغان مۇھىت ، قىسمەت ۋە ئادەت تۈپەيلى بىر قىسىملىرىمىز ئۆزىمىزنى پەس كۆرۈش ، كەمسىتىش تۇيغۇسى يېتىلدۈرىۋالىمىز .ئۆزىنى پەس كۆرۈش ــ راك كېسىلىدىنمۇ خەتەرلىكتۇر . بەلكىم بۇ ئوخشىتىش مۇبالىغە بولۇپ كەتكەندۇ ؟ ئەمما ئۆزىنى پەس كۆرۈش تۇيغۇسى جېنىمىزنى ئالالمىغىنى بىلەن ، كەيىپيات ، خىزمەت ۋە ياشاش ئۇسۇلىمىزغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ .شۇنىڭغا ئەگىشىپ ،قاقشاش ،باشقىلاربىلەن […]

تەپسىلاتى
ئەر سىتىش ئىلانى

 يىقىندا  ئاياللار ئۆزى ئەر تاللاپ سىتىۋالسا بولىدىغان دۇكان  ئىچىلدى دىگەن ئىلان چىقىرىلغان دۇكان پەيدا بولدى. ئىلان مەزمۇنى  تۆۋەندىكىچە.  1  -سىز بۇ دۇكانغا پەقەت بىر قىتىم كىرەلەيسىز.-2دۇكىنىمىز ئالتە  قەۋەتتىن تەركىپ تاپقان،سىز يۇقۇرى قەۋەتكە ئۆرلىگەنسىرى ،ئەرلەرنىڭمۇ سۈپىتى ئىشىپ بارىدۇ،3 -سىز خالىغان قەۋەتتىن  خالىغان ئەرنى تاللاش،ياكى يۇقۇرى قەۋەتكە ئۆرلەش ھوقوقۇڭىز بار.4-  تۆۋەنكى قەۋەتكە يىنىپ چۈشۈش مەنئى قىلىنىدۇ.       بىر ئايال ئۆزىگە ئۆمۈر يولداشى تاللاش ئۈچۈن […]

تەپسىلاتى
ھاياتىڭىز ئۆز تەپەككۇرىڭىزنىڭ مەھسۇلى

ھاياتىڭىز ئۆز تەپەككۇرىڭىزنىڭ مەھسۇلى ئالىملاردىن بىرى «ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ ئۇستازى»دېگەن تېمىدا شېئىر يازغان ئىكەن. ئەلۋەتتە بۇ سۆزنىڭمۇ ئاساسى بولۇشى مۇمكىن.ئىسلام مۇتەپەككۇرى ئەللامە مۇھەممەد غازالى«ھاياتىڭىزنى يېڭىلاڭ» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازغان: – ئىنساننىڭ بەخت – سائادىتى ياكى بەختسىزلىكى، خاتىرجەملىكى ياكى بىئاراملىقى ئۇنىڭ ئۆزىدىن كېلىدۇ. ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ ۋە ئۇ ئىشنى قىلغۇچىنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ زېھنىدە مەۋجۇت بولغان […]

تەپسىلاتى
                                       قىزلارغا 100نەسىھەت

بىرىنچى نەسىھەتئەي قىزىم ، قىزلارنىڭ ئەڭ گۈزىلى ھايا ۋە ئىپپەت پەردىسىگە ئورالغىنىدۇر ، ھەقىقەتەنمۇ قىزلار قەلەم قاش، شەھلا كۆز ، ئۇزۇن چاچ، كېلىشكەن ، گۈزەل بولسىمۇ ، شەرمى – ھايالىق بولمىسا ، ئۇلارنى ھىچكىم گۈزەل دىمەيدۇ، ئىپپەتلىك قىز دىگەندە ، كۆز ئالدىمىزغا تەبىئىتى مۇلايىم ، ئەقىل – پاراسەتلىك ، ھايالىق، نومۇسچان، ئاتا- ئانىغا مىھرىبان، قېرىنداشلىرىغا […]

تەپسىلاتى
ئەرلەر بۆرىدەك ياشىشى كېرەك

تېخى بالا چاغلىرىمدا، باشقىلار دائىملا ماڭا ”بۆرە ــ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك، ئەڭ ۋەھشى مەخلۇق………“ دەپ بېرەتتى.ئەمما، ئاستا- ئاستا چوڭ بولۇپ بۇ دۇنيانى چۈشەنگەندىن كېيىن، بۇ گەپنىڭ ئادىل بولمىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئەمەلىيەتتە بۆرە ئىرقى ــ مۇنەۋۋەر ئىرق، بۆرىدىكى ئېسىل پەزىلەتنىڭ كۆپلۈكى ئۆزىمىزنى بارچە مەۋجۇداتتىن ئۈستۈن چاغلايدىغان بىز ئىنسانلارنى خېجالەتتە قالدۇرىدۇ.بۆرە ــ ئىچى بىلەن تېشى بىردەك […]

تەپسىلاتى
ئۆي تۇتۇش

سەرەمجانلىق ۋە ئائىلە ئىختىزادىنى توغرا يۇرگۈزۈشسىز بىرەر پاراۋان ئائىلىنى تەسەۋۇر قىلىشقا بولمايدۇ ،يەنە ئىپتىخار بىلەن ئىيتىش كىرەككى،خوجىلىق ماشىنىسىنىڭ بۇ ئىككى ھالقىسىنى تۇتۇپ تۇرۇشلا ئەمەس،توغرا يولغا سىلىپ تۇرۇشقىمۇ پەقەت بىز –ئاياللار قادىرمىز.ئىيتىش جائىزكى،بۇ ئىككى ۋەزىپىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلغۇچىلارنىڭ باشقا ساھەدىكى كۆپ ئەيىپلىرى يۇيۇلۇپ ، كەچۇرلۇپ كىتىدۇ.بولۇپمۇ ،ئىشتا ياخشى خادىم بولسڭىزمۇ،ئۆيدىكى ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىيالمىسىڭىز، ئۆيىڭىزدە بۇ ئەيىپىڭىزنى […]

تەپسىلاتى
ھاياتنىڭ يوشۇرۇن سىرلىرى ئۇستىدە 50 سوئال

بىر كۇنى نۇشىرۋان ئادىل ۋەزىرى بۇزۇرجۈمىھر بىلەن يالغۇز قالدى.-سەن،-دېدى نۇشرىۋان  ۋەزىرگە،-ئەقىل  ۋە ھېكمەتتە زاماننىڭ داناسىسەن،شۇڭا  سەندىن ھاياتنىڭ سىررى نىھانلىرى< يۇشۇرۇن سىرلار> ئۇستىدە ئەللىك سوئال سورىماقچىمەن،تەخىر قىلماي جاۋاب بەرگەيسەن .-قۇللۇق ،-دېدى ۋەزىر ،-ئاللاھ پىكىرىمگە جاۋاب سالماقنى نېسىپ قىلغاي!نۇشرىۋان سوئالنى باشلىدى،ۋەزىر جاۋاب  بەردى.سوئال: خۇدايىتائالادىن نېمە تىلىمەك كېرەك؟جاۋاب : ياخشىلىق ۋە ئىككىلا دۇنيادا سالامەتلىك.سوئال : يول نېمىدۇر ؟جاۋاب : خۇدانىڭ ئەمىرىنى تۇتماق ۋە بەندىلىرىگە شەپقەت […]

تەپسىلاتى
  ئاجراشقان ئەرلەردىن ئاياللارغا ئۆگۈت

         ئاياللار مۇھاببەتلەشكەندە ئۆزىنى ئىتايىن بەخىتلىك ھىس قىلىدۇ ، بۇنىڭلىق بىلەن تويدىن كىيىن ، ئېرىنى ئۆزى ئۈچۈن ئۇنداق – بۇنداق ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ ، بىراق شۇ ئىسىڭىزدە بولسۇن ، ئېرىڭىزنىڭ بۇنىڭغا  بەرداشلىق بىرەلمىگەن ۋاختى دەل سىزدىن ئاجراشماقچى بولغان ۋاختىدۇر ، شۇڭا ئاياللا مۇنۇ ئاگاھلاندۇرۇشقا قۇلاق سىلىڭ :          دايىم ئېرىڭىزنىڭ سادىقلىقىنى سىناپ […]

تەپسىلاتى
ئۇلۇغ ئالىملار ئېتىقان 10 خىل خىسلەت

 ئۆزىڭدىن چوڭ بۇيۇك ئادەملەر بىلەن ئويناشما .2-خىزمەتكارلارغا زۇلۇم قىلما .3-ھەسەتخور ، كۆزى كىچىك ، كۆڭلى تار چىدىماس ئادەم بىلەن سۆھبەتتە بولما .4-بېخىل بىلەن سۆھبەتداش بولما .5-نادان -جاھىللار بىلەن سۆھبەتلەشمە .6-تۇراقسىز كىشى بىلەن دوس بولما .7-يالغانچى بىلەن مۇئامىلە بولما .8-ئۇرۇشقان ، جىدەلخۇر بىلەن ئۇلپەت بولما .9-ئاياللار سۆھبىتىدە كۆپ ئولتۇرما .10-سېرىڭنى كىشىگە ئىيتما ، ئەيىپ ئىزدىگۇچىدىن قاچقىن […]

تەپسىلاتى
خانىم، تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ

نۆۋەتتە خانىم-قىزلارغا سۈت بېزى راكىدىن باشقا يەنە بالىياتقۇ راكىمۇ تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە. تۆۋەندىكى ئالامەتلەر كۆرۈلگەن خانىم-قىزلار ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك:  ھەيز مەزگىلى ئۇزاققا سۇزۇلغانلار. خانىم-قىزلاردا ھەيز مەزگىلى قانچە ئۇزاققا سۇزۇلسا، بالىياتقۇ راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.   ھامىلدار بولماسلىق. بالا يۈزى كۆرگەن ئاياللار بىلەن بالا يۈزى كۆرمىگەن ئاياللارنى سېلىشتۇرغاندا ، تۇغمىغان ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى […]

تەپسىلاتى
ئۇيقۇسىزلىق ئەرلەرنىڭ ئۆمرىگە سېلىنغان ئىكەك

.ئامېرىكىدىكى تەتقىقاتچىلار ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى : ‹‹ دائىم يېتەرلىك ئۇيقۇنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرىدىغان ئادەمگە سېلىشتۇرغاندا ، ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئەرلەرنىڭ بالدۇر كېتىپ قېلىش خەتىرى چوڭراق بولىدۇ .ئاياللاردا بەلكىم تۇغۇلۇشىدىلا ئۇيقۇسىزلىققا تاقابىل تۇرالايدىغان ئىقتىدار بولسا كېرەك ، ئۇيقۇسىزلىق ئۇلارنىڭ ئۆمرىگە ھېچقانداق زىيان سالالمايدۇ›› .تەتقىقاتچىلار 1000 ئايال ۋە 741 ئەرنىڭ ئۇيقۇ ئەھۋالىنى 14 يىل […]

تەپسىلاتى
توي قىلىش پۇرسىتىڭىز كەلدىمۇ

كەچتە ئۇنىڭغا تېلېفون بەردىڭىز ، سۆزلىشىدىغان ئالاھىدە ئىشمۇ يوق ، پەقەت قۇرۇق پاراڭ سېلىشتىڭلار ، قارشى تەرەپ قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەندە تېلېفوننى قويۇۋېتىش تەكلىپىنى بېرىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭ.ئا __  بىر سائەتنىڭ ئىچىدە:ب__ بىر سائەتتىن ئىككى سائەتكىچە بولغان ئارىلىقتا:س__ ئىككى سائەتتىن ئۈچ سائەتكىچە بولغان ئارىلىقتا:د__ ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق ياكى سىز قويۇۋېتىشنى ئېيتقۇچە :ئا-دىكى ئەھۋال بولسا ، يارىڭىز ئىشلاردا ئەقىلگە […]

تەپسىلاتى
بۈۋى پاتىمە ۋە ئۇنىڭ تويلۇقى

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)        پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى بۈۋى پاتىمە بالاغەتكە توشۇپ،ھەزرىتى ئەلى شاھى مەردانغا جۈپتى ھالال ياتلىق بولۇشقا ھەقلىق،رازى رىزالىق بولىدۇ.تويلۇق ئۈچۈن نىمە ئىلىش،توينى قايسى دەرىجىدە قىلىش مەسلىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىجازەت بىرىشىگە تەقەززا بولىدۇ.مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۈممەتلىرىگە ئىغىر بولۇپ قالماسلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ،تويلۇق ئۈچۈن ئۈچ جىڭ ئارپا ئۇنى،بەش جىڭ خورما،ئۈچ […]

تەپسىلاتى
ئۆلۈشتىن بۇرۇن ئۆزىمزدىن سوراشقا تىگىشلىك 41سۇئال

مۇشىرىكلاردىن بىرسى ھەزرىتى ئەلىدىن مۇنداق سوئال سوراپتۇ:- يا ئەلى! ھالىڭغا قاراپ شۇنداق ھەيران قالىمەن. ھەر كۈنى ئەتتىگەندە تۇرۇپ نامازغا بارىسەن، ئىبادەت قىلىسەن، ھالال-ھارام دەپ ئىنتايىن كۆپ نەرسىلەردىن مەھرۇم قالسىەن. بۇنچىۋېلا قىيىنىلىپ يۈرۈشنىڭ نېمە ھاجىتى بار؟…. سەنمۇ ياشاۋاتسىەن، مەنمۇ شۇ، ئۇنداقتا ئارىمىزدىكى پەرق نېمە؟ھەزرىتى ئەلى مۇنداق جاۋاپ بېرىپتۇ:-توغرا دەيسەن، سىرتتىن قارىغىنىمىزدا سەنمۇ ھاياتىڭنى داۋاملاشتۇرۇپ كېتىۋاتىسەن، مەنمۇ […]

تەپسىلاتى
خانىم – قىزلىرىمىز توغۇرلۇق قىممەتلىق ماقال تەمسىللەر

 بۇرۇن ئەجداتلىرىمىز، خانىم – قىزلىرىمىز توغۇرلۇق قىممەتلىق ماقال تەمسىللەرنى ئوتتۇرغا قويغان .   شۇ ئارقىلىق خانىم قىزلىرىمىزنى تەربىيەلىگەن .ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى رولىنى مۇئايەنلەشتۈرگەن  . مەن بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ تۆۋەندىكى ماقال تەمسىللەرنى سىلەرگە سۇندۇم . 1.     ئاياللارنىڭ مۇھىم ئورنىنى ئىپادىلىگەن كۆز قاراشلار ؛  ‹‹  تىرىكچىلىكنىڭ بەركىتى ياخشى خۇتۇن بىلەن ›،  .  ‹‹ ياخشى خۇتۇن ئەرگە دۆلەت ›› .  ‹‹ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خۇتۇن ، يەر […]

تەپسىلاتى
ئەركەكلەرگە: قىلمىش_قىدىرمىش

 بىر قېتىم سەكسەن ياشقا بېرىپ قالغان ئادەم ھەققىدە گەپ بولىدى، مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئادەم يالغۇز ياشاپ كېلىۋىتىپتۇ. بەش ئوغلى بارئىكەنۇ، لېكىن بىرەرىمۇ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمايدىكەن. شۇ ھەقتە سۆز قىلۋاتقان ئادەم بۇ بىۋاپا پەرزەنتىلەردىن رەنجىپ قايناپ كەتتى.     ئاتىنىڭ ھالىنىڭ غېرىبىلىقى، ئوغۇللىرىنىڭ بولسا باغرى تاشلىقى راسىت، لېكىن شۇ تاپتا كۆڭۈلۈمدىن كەچكەن گەپنى ئاچچىق بولسىمۇ ئېيتاي_ مەن […]

تەپسىلاتى
ئەركەكلەرگە: قېرىنداشلىق قەرزلىرى

مەلۇمكى، ئوغۇل بالا كوچىدا چوڭ بولىدۇ، ئۈچ، تۆت ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئوغۇلنى كوچىغا چىقىرىش ئۈچۈن ئاتا ياخشى خاراكتېرغا ئىگە بولۇشى كېرەك. ناۋادا ئاتىنىڭ ئاتىلىق سالاپىتى بولمىسا، بۇ تەرىپى چاتاق….     ئاتىڭىزنى سەل ياۋاش، دەيلى. ئانىڭىز ئۇنىڭدىن رايىش. خوش، ئەمدى بەش ئوغۇل بەش تەرەپكە يورغىلاۋەرسۇنمۇ؟ ئاتا-ئانىدىن كېيىنچۇ؟ ھەممە ئۆزىگە خوجايىنمۇ؟بۇنداق ھالەتتە خالامدۇ، خالىمامدۇ، باشقۇرغۇچىلىق ھوقۇقى چوڭ ئوغۇلدا […]

تەپسىلاتى
ئەرلەرنىڭ ئەڭ سىرلىق 18 خىل مەخپىيەتلىكى

بۇ بىر قوغدالغان يازما بولغاچقا بۇ يەردە ئۈزۈندە يوق.

تەپسىلاتى
ئەركەكلەرگە: سىز ئۆينىڭ رەھبىرىسىز

ئايال ئۆزىنى ئېرىدىن تۆۋەنرەك تۇتمىقى لازىم، دەپ قارىلىدۇ، بىزنىڭ ئەدەپىمىزدە، مەن ئەر كىشىمەن، سەن ھۆرمەت قىلىشقا مەجبۇرسەن، دەپ كۆكرىكىگە ئۇرىدۇ ئەركەكنىڭ ئۆزى. بىز شەرقلىق __ئەرلەرنى ھۆرمەت قىلىش بىز ئۈچۈن پەرز، دەپ نوقۇپ گەپ قىلغۇچىلاردىن بىرى __ مەن.خوش، ئەركەك نېمە ئۈچۈن بۇ قەدەر ھۆرمەتلىك؟ ئۇلارغا تەڭرى بۇيرغان قانداق ۋەزىپىلەر بار؟شەرقتە ئاياللارنى قىزغانغانلىقتىن ئەمەس، ئايىغانلىرى ئۈچۈن كوچا […]

تەپسىلاتى
بەخىتلىك ئائىلىلەرنىڭ ئۆلچىمى

تەۋەلىك ھېسسىياتى:‹‹بۇ مىنىڭ ئائىلەم››دەيدىغان قاراش ھەركىمنى يالغۇز فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىن رازى قىلىپلا قالماستىن،روھىي جەھەتتىنمۇ رازى قىلىدۇ.خۇشال-خوراملىقتىن ھەممەيلەن تەڭ بەھرىمان بولالايدىغان،كۆڭۈلسىزلىكنى ھەممىسى تەڭ تارتىدىغان،ئىچى پۇشقاندا كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى ئۆز-ئارا دىيىشەلەيدىغان،ئايرىلىپ تۇرغان تەقدىردىمۇ بىرەر پارچە خەت،بىرەر قېتىملىق تېلىغۇن ياكى بىر نەچچە ئېغىز ياخشى گەپ بولسىمۇ ئۆز-ئارا ،مىھرى-مۇھەببەت ئاتا قىلالايدىغان بولۇش.       قوللاش ھېسسىياتى:ئائىلىدە روھىي جەھەتتىن ئۆزىنى ئازادە ھىس […]

تەپسىلاتى