ئاجراشقان ئەرلەردىن ئاياللارغا ئۆگۈت

         ئاياللار مۇھاببەتلەشكەندە ئۆزىنى ئىتايىن بەخىتلىك ھىس قىلىدۇ ، بۇنىڭلىق بىلەن تويدىن كىيىن ، ئېرىنى ئۆزى ئۈچۈن ئۇنداق – بۇنداق ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ ، بىراق شۇ ئىسىڭىزدە بولسۇن ، ئېرىڭىزنىڭ بۇنىڭغا  بەرداشلىق بىرەلمىگەن ۋاختى دەل سىزدىن ئاجراشماقچى بولغان ۋاختىدۇر ، شۇڭا ئاياللا مۇنۇ ئاگاھلاندۇرۇشقا قۇلاق سىلىڭ :
          دايىم ئېرىڭىزنىڭ سادىقلىقىنى سىناپ ، ئۇنىڭ بىزارلىقىنى قوزغىماڭ ، ” ئايرىلىپ كىتىمەن ” دەپ تەھدىتمۇ سالماڭ .
        ئېرىڭىز سىزنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈنلا ھوقۇق دائىرىڭىزنى زىيادە كىڭەيتىپ ، ئۇنىڭ غايىسى ، ئېتىقادى ، ۋە ئىزدىنىشىگە ئارلىشىۋالماڭ ،
      ” مىنى ياخشى كۆرسىڭىز  ، ماڭا نىمە كىرەكلىكىنى بىلگەن بولاتتىڭىز ” دىگەن سۆزنى كۆپ قىلماڭ ، چۈنكى قارشى تەرەپنىڭ نىمە ئويلاۋاتقانلىقىنى ھىچكىم بىلمەيدۇ ،
       كىچىكىشنى ئادەت قىلىۋالماڭ ، ئېرىڭىز سىزنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈنلا سەۋىرچان بولىۋەرمەيدۇ .
       ئېرىڭىزنى بىللە بازار ئايلىنىشقا مەجبۇرلىماڭ ، ئەمىلىيەتتە ئەرلەر ئاياللار بىلەن بازار ئايلىنىشنى  ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ ، مەجبۇرلاشنىڭ نەتىجىسىنىڭ قارشىلىق كۆرسۈتۈش بولدىغانلىغىنى ئۇنۇتماڭ .
      ئېرىڭىزنىڭ مۇھاببەتلىشىۋاتقان  مەزگىلىدە  سىز ئۈچۈن  قىلغان ئىشىنى تويدىن كىيىنمۇ قىلالىشى ناتايىن ، شۇڭا ئۇنىڭغا بۇ جەھەتتە ئارتۇقچە تەلەپ قويماڭ .
       ئېرىڭىزنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنماڭ ، تۇغما مىجەزنى سىزنىڭ ئۆزگەرتەلىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس .
       سىھرى كۈچىڭىزگە زىيادە ئىشىنىپ كەتمەڭ .

                                 مەنبە    :   شىنجاڭ قانۇنچىلىق گىزىتى

0 comments

پىكىر بايان يوق