ئاجرىشىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بولغان كىشىلەر

1. ھەممە ئىشقا چېپىلىۋالىدىغان بۇيرۇقۋاز كىشىلەر. 
     نىكاھ باراۋەرلىك ۋە بىر-بىرىنى ھۆرمەت قىلىش ئاساسىغا قۇرۇلىدۇ.بىر تەرەپ جاپا تارتماي ھالاۋەت كۆرسە،دائىم قارشى تەرەپكە ئۇنى قىل،بۇنى قىل دەپ بۇيرۇقۋازلىق قىلىپ، 
ئۆزى تالادىن كىرمىسەبۇنداق ئۆي ئۆي بولمايدۇ. 
2.جىنسى مۇناسىۋەت جەھەتتە كېلىشەلمىگەنلەر. 
    ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرسىدىكى جىنسى مۇناسىۋەتنىڭ نورمال بولۇش-بولماسلىقى ئۇلارنىڭ تۇرمىشىنى داۋاملاشتۇرۇش-داۋاملاشتۇرالماسلىقى، شۇنىڭدەك مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى 
بولۇش-بولماسلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىلىدۇ. ئەگەر ئەر-خوتۇنلار جىنسى مۇناسىۋەت جەھەتتە كېلىشەلمىسە، بۇنداق تۇرمۇش ئۇزاققا بارمايدۇ. 
3.بالدۇر توي قىلىۋالغانلار. 
    بۇنداق كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش قارىشى،قىممەت قارىشى تۆۋەن بولۇپ، ئائىلىگە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى كەمچىل بولىدۇ.ئائىلىدە داۋاملىق جىدەل-ماجرا قۇرۇمايدۇ. 
شۇڭا بۇنداق كىشىلەرنىڭمۇ ئاجرىشىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ. 
4.ئاشنا تۇتىۋالغانلار. 
    بۇنداق كىشىلەر ئاساسلىقى ئېرىدىن ياكى خوتۇنىدىن زېرىككەن،قىسقىسى،خوتۇنى(ئېرى)بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كونىراپ قالدى، يېڭىسىنى تېتىپ بېقىش كىرەك،دەپ قارايدىغانلا بولۇپ، ئۇلار شۇ ئارقىلىق ئائىلە بېسىمىدىن قۇتۇلماقچى بولىشىدۇ. 
5.ھاپىلا-شاپىلا توي قىلغانلار. 
    قارشى تەرەپنىڭ مال0مۇلكى، جەمىيەتتىكى ئورنىدىن پايدىلىنىشنى مەقسەت قىلىپ تۇي قىلغانلارنىڭ ئۆي تۇتۇش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ،چۇنكى ئۇلاردا نە مۇھەببەت،نە مەسئۇلىيەت مەۋجۇت بولماستىن،بۇلارنىڭ ئائىلىسى پەقەت پايدا-زىيان،مەنپەئەت ئۇستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ،ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇلارنىڭ يولىمۇ بىر ئەمەس. 
6.خاراكتېرى ئوخشاش كىشىلەر. 
    ھەر ئىككى تەرەپ جاھىل بولۇپ كەتسە، ھەر ئىككى تەرەپ بەك ئىچ مىجەز بولۇپ كەتسە،بۇنداق ئائىلىنىڭ مەۋجۇت بولىش ۋاقتى قىسقاراق بولىدۇ. 
مەنبە-شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى.

0 comments

پىكىر بايان يوق