ئاجىرشىشىقا ئائىت قىزىقارلىق بەلگىلىمىلەر

  ئېكۋادۇر : ئەر- ئايال ئاجىرشىدىغان چاغدا ، ئۈچ كۈن تاماق يېمايدىكەن ، تۆتىنچى كۈنى ئەتىگەندە شۇ يەردىكى ئابرويلۇق مويسىپىتنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۈچ كۈن تاماق يېمىگەنلىكىنى تەكشۈردىكەن . ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۈچ كۈن تاماق يېمىگەنلىكى راست بولۇپ  چىقسا، ئاجىرشىش تەلىپى قوبۇل قىلىنىدىكەن، ئۈچ كۈن تاماق يېمىگەنلىكى يالغان بولۇپ چىقسا، مويسىپىت ئۇلارنى مەڭگۈ ئاجراشماسلىققا بۇيرۇيدىكەن .
   ئەنگىلىيە : ئەر-ئايال ئىككى تەرەپتىن پەقەت بىرلا تەرەپ ئاجىرشىش تەلىپىنى ئوتتۇرغا قويغان بولسا ، ئۇلارنىڭ ئاجىرشىش تەلىپى قوبۇل قىلىنىدىكەن . ئەگەر ئىككى تەرەپ ئاجىرشىش تەلىپىنى تەڭلا ئوتتۇرغا قويغان بولسا ، ئۇلارنىڭ ئاجىرشىش تەلىپى ئىناۋەتسىز قىلىنىدىكەن .
    لىۋان : ئەنئەنىۋى ئائىلىلەردە ئاياللار سىرتقا چىقماقچى بولسا ، چوقۇم ئېرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشى كېرەك ئىكەن . ناۋادا ئېرى ئايالىنى خوتۇن قىلىشنى خالىمىسا ، ئايالىنىڭ سىرتقا چىقىدىغان چاغدا ماقۇللۇقىنى ئالىدىغان ۋاقىتنى كۈتۈدىكەن، ھەم شۇنداق چاغلاردا : «تېز ماڭ ، ئەمدى قايتىپ كەلمە » دەيدىكدن  بۇ ئۇلارنىڭ  ئاجراشقانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىكەن .
   سالۋادور : ئەر-ئايال ئوتتۇرسىدا ھېسسيات بۇزۇلغان چاغدا ئۇلار ئالاقىدار ئورۇنلاردا تىزىمغا ئالدۇرۇپ قويۇپ، بىر كالا سېتىۋالىدىكەن ، ئاندىن كالىنى سويۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە دوست بۇرادەرلىرىگە زىياپات بېرىدىكەن . زىياپەت ئاخىرلىشىدىغان چاغدا ئىككى تەرەپ بىر – بىرىنىڭ يۈزىگە ئون كاچاتتىن ئۇردىكەن ، بۇ ئۇلارنىڭ رەسمى ئاجراشقانلىقىنڭ بەلگىسى ھېساپلىنىدىكەن
  مەنبە : « شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى »  2012 –يىل 12- ئۆكتەبىر

0 comments

پىكىر بايان يوق