| بىر ئايال كىشى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ، ئۆزىڭىز بىلەن بىرىش كىلىش قىلىۋاتقان بۇ ئەر كىشىنىڭ داۋاملىق بىرگە بولۇشقا بولىدىغان- بولمايدىغانلىقىڭىزنى بىلگۈڭىز كىلەمدۇ ؟ ئۇنداقتا تۆۋەندىكىلەرنى سىناپ بىقىڭ. 1. ئۇنىڭ تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا قاراپ بىقىڭ. ئۇنىڭ ئۆيى قالايمىقانمۇ-يۇق ؟سىز كىرىپ دىزىنفىكسىيە قىلمايلا ئۇنىڭ ھاجەتخانىسىنى ئىشىتەلەمسىز ؟ بەلكى ئۇنىڭ ۋاقتىنچە ئۆي تازىلاشقا ۋاقتى يەتمىگەندۇ ، لىكىن مۇبادائۇ پاكلىزلىقنى سۆيمىسە، ئۇنداقتا ئۇنىڭ بۇ يامان ئادىتىنى ئۆزگەرتمىگى تەس.سىز چوقۇم بىر قارارغا كىلىشىڭىز كىرەك، سىز بۇنداق ئەر بىلەن بىرگە ياشىيالامسىز؟ 2. ئۇنىڭ تۇتقان دۇستلىرىغا قاراڭ . سىز ئۇنىڭ بارلىق دۇستلىرىنى ياقتۇرىشىڭىز ناتايىن، ئەمما ئۇنىڭ كۆپ ساندىكى دۇستلىرىنى ياخشى كۆرمىسىڭىز ، يادىڭىزدا بولسۇنكى ئۇ سىزگە ماس كەلمەيدىكەن. 3.ئۇنىڭ كىچىڭ بالىغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىغا قاراڭ، ئەگەر ئۇ كىچىك بالىنى ئاۋارىچىلىق دەپ قاراپ،كىچىك بالا بىلەن يىقىنلىشىشنى رەت قىلسا- ئۇنداقتا ئۇ مەڭڭۈ ياخشى بىر دادا بولالمايدۇ. 4.ئۇنىڭ ۋاقىتقا رۇئايە قىلىدىغان- قىلمايدىغانلىقىغا قاراڭ. ئەگەر ئۇ بىرقانچە قىتىملىق ئۇچرۇشۇشتا ۇدا كىچىكىپ كەلسە-بۇ ئۇنىڭ سىزنى كۆزگە ئىلىپمۇ قۇيمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. 5. ئۇنىڭ نىمە دىيىشكە ئامراقلىقىنى ئاڭلاڭ. ئەگەر بۇ كىشى باشقىلاردىن قۇسۇر تىپىشقا ئامراق بولسا، ھەرقانداق ئادەمنى كۆزگە ئىلمىسا، ئاڭلىغىنىنى تارىتىپ يۇرسە، ھەتتا باشقىلارنىڭ بەىتسىزلىكىدىن خۇشال بولسا، بۇنداق ئەرلەردىن بالدۇرراق يىراقلىشىڭ. 6.ئونىڭ ئالدىنقى قىز دۇستى ياكى ئايالىغا بولغان باھاسىغا قاراڭ، قىز دوستىنىڭ ياكى ئايالىنىڭ يامان گىپىنى قىلغان ئەرلەر ئىشەنچلىك ئەمەس، ئىلگىرى مۇھاببەتلىشىپ تۇرۇپ نىمە ئۈچۈن ئۇنى ھاقارەتلەيدۇ.بۇ ئۇنىڭ كەڭ قۇرساق ئەرئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈىدۇ. 7.ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بولغان پۇزىتسىيەسىگە قاراڭ. ئاتا- ئانىسىغا ياخشى مۇئامىلە قىلمىغان ئەرلەر بىلەن ئەڭ ياخشىسى يىقىنلاشماڭ، بولۇپمۇ ئەرلەرنىڭ ئانىسىغا بولغان پوزىتسىيەسى ئۇنىڭ ئاياللارغا بولغان پۇزىتسىيەسىنى ئچۈشەندۈرىدۇ.ئانىسىنى سۆيۈشنى بىلمىگەن ئەرلەر ئايالىنى سۆيۈشنى بىلمەيدۇ. بۇنداق ئەرلەردە ئەرلىك جاسارەت كەمچىل… |
ئارلىشىۋاتقان ئەرلەرنى تۆۋەندىكىدەك كۆزىتىڭ
پىكىر بايان يوق
0 comments