ئارىمىزغا <<ئۈچۈنچى شەخس >>كىرۋالدى

ھۆرمەتلىك خانىم:

مەن بىر يىگىت بىلەن ئىككى يىلدىن بېرى مۇھەببەتلىشىۋاتقاندىم. بىز ھېسسىيات جەھەتتە ئەزەلدىن ناھىيىتى ئوبدان ئۆتىۋاتقاندۇق.ئەگەر تېلۋىزىيە ئۇنۋېرسىتېتىدا ئوقۇمىغان بولسام ،ئاللىقاچان ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىۋالغان بوللاتىم . بىراق <<تۈن ئۇزۇن بولغانسىرى ،چۈشمۇ كۆپىيدۇ >> غانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىمەن . يېقىندا مەندىن كىچىكرەك بىر قىزنىڭ ئارىمىزغا كىرىپ ، يىگىتىم بىلەن مەندىن يۇشۇرۇنچە دائىم خۇپىيەنە ئۇچرۇشۇپ،ئاپاق-چاپاق بولۇپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ قالدىم . مەن يىگىتىمدىن بۇ نېمە ئىش دەپ سورسام .، ئۇ دۇدۇقلاپ جاۋاپ بېرەلمەي قالدى . مۇشۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلسام بولىدۇ ؟

سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزغا بەكمۇ ھېسىداشلىق قىلىمەن .قىز – يىگىتلەر مۇھەببەتلەشكەندىن كېيىن بىر – بىرىگە سەمىمى -سادىق بولىشى ، تۇتۇرۇقسىز بولماسلىقى ،شاختىن-شاخقا قونۇپ يۈرمەسلىكى لازىم . مۇھەببەتنىڭ ماھىيىتىدىن ئالغاندا . ئۇ باشقىلارنى چەتكە قاقىدۇ .. مۇھەببەت باغلاش ،ئوبىېكتىپ تۇتۇش قاتارلىقلار بىر – بىرىنى چۈشىنىش ،ھېسسىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش باسقۇچى بولۇپ . تاللاش ئېلىپ بېرىلىدىغان بولسىمۇ ،لېكىن رەسمېي مۇھەببەت مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغاندىن كېيىن بىرلا كىشى بىلەن مۇھەببەتلىشىش، سەمىمىي-سادىق بولۇش ،بۇگۈن بۇنىڭ بىلەن ،ئەتە ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈپ << ئۇچ بۇرجەكلىك مۇھەببەت >> ياكى <<كۆپ بۇرجەكلىك مۇھەببەت >> باغلىماسلىق تەشەببۇس قىلىندۇ . مۇھەببەت بىر ئەينەك بولۇپ ،بىر ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسى ۋە قەلبىنىڭ گۈزەللىكى ياكى سەتلىكىنى روشەن كۆرسىتىپ بېردۇ .
سىز يىگىتىڭىز بىلەن ئىككى يىلدىن ئارتۇق يۈرۈپ ، مۇھاببەت مۇناسىۋىتىنى رەسمىي ئورناتقان ۋاقتىڭىزدا ، تۇيۇقلىزلا ئاراڭلاردا << ئۈچۈنچى شەخىس >> پەيدا بولۇپ ،گۈزەل مۇھەببىتىڭلارنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپتۇ .بۇ رېئال تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئۇچراپ تۇردىغان بىر مۇرەككەپ ئەھۋال . سىز مېنىڭچە بۇ ئىشتا سوغۇق قانلىق بىلەن سىزدىن كىچىكرەك بۇ قىزنىڭ يىگىتىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ زادى قانداق مۇناسىۋەت ، نورمال خىزمەت مۇناسىۋىتىمۇ ياكى مۇھەببەتلىشىشمۇ ؟ قاراپ بېقىڭ ، پاكىت ئايدىڭ بولسا ،تۈزتىش ئاسان بولىدۇ . يىگىت مەن بىلەن مۇھەببەت باغلىغان ئىكەن ، باشقا قىزلار بىلەن باردى – كەلدى قىلسا بولمايدۇ دېمەسلىكىڭىز لازىم .
ئەكسىچە ، پاكىت خېتىڭىزدىكىدەك بولۇپ ھېلقى قىز يىگىتىڭىز بىلەن دائىم خۇپىيانە ئۇچرۇشۇپ ، ئىچقۇيۇن -تاشقۇيۇن بولۇپ .ئادەتتىكى يولداشلارچە ۋە دوسلارچە مۇناسىۋەتتىن ھالقىپ كەتكەن بولسا ، ئۇ ھالدا مەسلىنىڭ خارەكتېرى ئۆزگىرىپ كەتكەن بولىدۇ . ئۇ قىز سىلەرنىڭ مۇھەببەت تۇرمىشىڭلاردا <<ئۈچۈنچى شەخس >. تىن ئىبارەت ئىنتايىن سەت رولنى ئوينىغان بولىدۇ . ئىش يۈز بەرگەنىكەن ، بارلىق ئازابلىنىشلار ، ئۆچمەنلىكلەر ،ئۇرۇش-تىللاشلار كار قىلمايدۇ ،شۇڭا توغرا مۇئامىلىدە بولۇش لازىم .
مېنىڭچە ، ئەڭ ياخشى چارە يىگىتىڭىزنى تېپىپ سۆھبەتلىشىش . ئەگەر ئۇ شاختىن – شاخقا قونۇپ ،<< ئۈچۈنچى شەخس >>نى ياخشى كۆرۇپ قالغان ۋە سىز بىلەن ياخشى ئۆتۈشنى خالىمايدىغان بولسا ،سىز سوغۇق قانلىق بىلەن نەسھەت قىلىپ .مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن ۋاقتىڭلاردىكى شېرىن ۋە گۈزەل مەنزىرلەرنى ئېسىگە سېلىڭ ، ئوتتەك قىزىق ھېسسىياتىڭىز ئارقىلىق ئۇنىڭ توڭلاپ قالغان قەلبىنى ئىللىتىڭ . نەسھەتلىرىڭىزنى ئاڭلاپ ،ئازغىنىنى بىلىپ يولدىن قايتقۇدەك بولسا ،ئىلگىركىدەك ياخشى ئۆتۈۋېرىڭلار . ھەتتاسىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىڭلارنى بۇ كىچىككىنە داۋالغۇشتىن كېيىن تېخىمۇ مۇستەھكەملىندۇ دېيىشكىمۇ بولىدۇ.ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن ،ئۇ قەتئىي ھالدا سىزدىن مۇناسىۋەتنى ئۈزمەكچى بولىدىكەن ، مېنىڭچە مەجبۇرلاشنىڭ ھاجىتى يوق . مۇھەببەتلىشىشتە ھەر ئىككى تەرەپ بىر – بىرىگە ھۆرمەت قىلىشى ، مۇھەببەتنى بۇزۇلغان ئەھۋالدىمۇ يەنە بىر تەرەپنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىشى ، مەن سىنى ياخشى كۆرگەندىكىن ،سەنمۇ مېنى ياخشى كۆررۈشۈڭ لازىم دەپ تۇرۇۋالماسلىقى لازىم . ناۋادا ئۇنى ئۆز ئارزۇيىڭىز ۋە ھېسسىياتىڭىزغا مەجبۇرىي بويسۇندۇرماقچى بولسىڭىز ،ھازىرقى ئەھۋالدا بۇنى ئۇرۇنداش تەس ، مىڭ تەسلىكتە قايىل قىلغان بىلەنمۇ ،بۇنداق مۇھەببەت بەرىبىر بەختلىك ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك مۇھەببەت بوللامايدۇ .
<<ئۈچۈنچى شەخس>> نىڭ ئارىغا كىرۋېلىش بىلەن مۇھەببىتىڭىز بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا ،بەكمۇ قايغۇرۇپ كەتمەڭ ، چۈنكى بۇ ئارقىلىق يىگىتىڭىزنىڭ ئەسلى قىياپىتى تولۇق ئاشكارلىندۇ . ئەخلاقى-پەزىلىتى شۇنچە تۆۋەن ئادەمدىن ئايرىلىپ قالغانغا ئىچ ئاغرىقى تارتىشنىڭ نېمە ھاجىتى ؟
سىز ئازابلىنىۋاتقان بولسىڭىزمۇ .ئالدىڭىزغا قاراڭ ،كۆڭلىڭىزنى كەڭ تۇتۇڭ . ئۈچەيلەن ئارسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىڭ ، چوڭ خەتەر كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەرگىز ئۆچ ئېلىپ يۈرمەڭ .
ئوتەك قىزىق تۇرمۇش ،ئۆگىنىش ،خىزمەتكە دادىل قاتنىشىپ بەرسىڭىز ،تېخىمۇ گۈزەل مۇھەببەتنى چوقۇم تاپالايسىز.بۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىڭ !

مەنبە :چوغدەك يۈرەك تىلەيمەن~~ دىگەن كىتاپتىن

0 comments

پىكىر بايان يوق