ئاياللارنىڭ نىكاھتىكى خاتا قارىشى

*نىكاھتىن كېيىنكى تۇرمۇشۇم باشقىلارنىڭكىدەك كۆڭۈللۈك ئەمەس.

  ھەر بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشتىكى خۇشاللىققا بولغان قارىشى ئوخشاش بولمايدۇ. ئېرىڭىزنىڭ نەزىرىدە سىز ئەتكەن مەززىلىك تاماقنى يېيىشنىڭ ئۆزى بىر بەخت. لېكىن سىز كوچىدا، ئېسىل پىكاپلاردا ئولتۇرۇشنى بەخت دەپ بىلگەچكە، نىكاھىڭىزدىن خۇشاللىق تاپالمايسىز.
  * ئاياللار توي قىلىپلا مۇز چىراي بولۇپ قالىدۇ.
  ئاياللار توي قىلغاندىن كېيىن، ئۆز خاھىشى بويىچە ئىش قىلالمايدۇ. ئۆزىگە ئاجراتقان ۋاقتى ئازلاپ كېتىپ، تۇرمۇشتىكى خۇشاللىقتىن مەھرۇم قالغاندەك ھېس قىلىدۇ. ئاياللار، ئەڭ ياخشىسى، نىكاھنى ئۆزىگە بېسىم قىلىۋالماسلىقى كېرەك.
  * مەن چوقۇم مۇكەممەل ئەر تېپىپ ياتلىق بولىمەن  دەپ ئويلايدۇ.
  نۇرغۇن قىزلار ياخشى يىگىت تېپىش ئۈچۈن، ئۆزىگە نۇرغۇنلىغان بەلگىلەرنى تۈزۈۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئارىلىشىش جەريانىدا توختىماي يىگىتىدىن قۇسۇر ئىزدەپ، ياراتماي، تېخىمۇ مۇكەممەل يىگىت تېپىشنى ئويلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى، بۇنى تاللاپ يۈرۈپ، تەلىپىگە ماس كەلگەن نامزاتلاردىنمۇ قۇرۇق قالىدۇ. شۇڭا مۇكەممەل ئەر تاپىمەن دېمەي، سىزنى چىن دىلىدىن سۆيىدىغان ئەرنى تېپىڭ، ئۇ سىزنىڭ ئەڭ چوڭ بەختىڭىزدۇر.

  * نىكاھنىڭ ئۇزاق ۋاقىت داۋاملىشىشى ئۆزىگە ئەڭ ماسلاشقان جۈپتىنى تاپقانلىقىدىندۇر.

  نىكاھنىڭ ئۇزۇن داۋاملىشىشى ھەرگىزمۇ بىر تەرەپنىڭ كۈچىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشمايدۇ، ئۇ ئىككى تەرەپنىڭ تەڭ تىرىشىشىغا موھتاج.
بىز ئۇيغۇرلار ھەممىمىز ھەق دىن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاچقا ئەڭ ياخشىسى ئىمان-ئېتىقادى ياخشىسىغا تەگسىڭىز سىزنىڭ دۇنيا ئاخىرەتلىكىڭىز ياخشى بولغۇسى!
    *ئالدىراقسانلىق بىلەن تويدىن كېيىن ئاجىرىشىش.
كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى تويدىن بىر نەچچە ئاي كېيىن ئاجىرشىپ كېتىدىغانلار كۆپىيىپ كەتتى. ئاز بىرقىسىم ھازازىللىق بىلەن مال دۇنيا توپلاشنى خىيال قىلغۇچىلاردىن باشقىلاردا ،ئاتا-ئانىلارنىڭ كېلىننى ياكى كۈيئوغۇلنى ياراتماسلىق سەۋەبىدىن، ۋە ياكى يىگىت بىلەن قىزنىڭ دەسلەپكى بىر نەچچە ئايلىق كىچىك ماجىرا سەۋەبلىك ، ئۆز ئاتا-ئانىسىغا قارشى تەرەپنىڭ يامان گەپلىرىنى قىلىپ داتلانغاندا ئاتا-ئانا بۇنىڭغا سالماقلىق بىلەن قاراش، ھەرگىز ئالدىراپ ئاجىراشتۇرۋەتمەي يۈزتۇرەنە ياراشتۇرۇش ۋە ئايرىم ئۆز بالىسىغا تەربىيە قىلىش كېرەك. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بۇنداق كىىچك ماجىرا تۈگەيدۇ ، بولۇپمۇ بالىلىق بولۇپ قالغاندا.
ئەگەر زادىلا قاملاشمىغان چوڭ سەۋەبلەر بولسا، قىز ياكى يىگىتنىڭ توغرا چۈشىنىشكە بولمىغۇسىز چوڭ كەمچىلىك سەۋەبىدىن كېلىشەلمىگەن بولسا ئاندىن ئاتا-ئانا ئويلىشىپ باقسا بولىدۇ . بولمىسا ئەڭ ياخشىسى بىر نىكاھتۇر.

0 comments

پىكىر بايان يوق