1 بىر تال پەمىدۇر
مېۋە -چېۋە كۆكتاتلار ئىچىدە پەمىدۇر تەركىبىدە ۋىتامىنC ئەڭ مول بولىدۇ .شۇڭا ھەر كۈنى ئاز دىگەندە بىر تال پەمىدۇر يەپ بەرگەندە بەدەنگە بىر كۈندە ئېھتىياجلىق ۋىتامىن Cنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ .
2. بىر ئىستاكان قېتىق
كالتسىي تولۇقلاش نوقتىسىدىن ئېيتقاندا ، ئاياللار كالتسىي كەملىك كېسىلىگە ئەڭ ئاسان دۇچار بولىدىغانلار ھېسابلىنىدۇ . كالا سۈتىنىڭ كالتسىي تولۇقلاشتىكى رولىنى باشقا ئوزۇقلۇق تۈرلىرىگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ . بولۇپمۇ ، قېتىق تەركىبىدىكى كالتسىي بەدەنگە ئوڭاي سۈمۈرۈلدۇ . شۇڭا ئاياللار ھەر كۈنى بىر ئىستاكان قېتىق ئىچىپ بېرىشى كېرەك .
3. بىر ئىستاكان سىركە
ئاياللارغا نىسپەتەن ، ئوزۇق -تولۇق بولۇشتىن سىرت ، پەداز ئۈستىلىدە بىر ئىستاكان سىركە بولۇشى كېرەك . ھەر قېتىم قولنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ، سىركە سۇركەپ ، 20 مىنۇتتىن كېيىن يۇيۇۋەتسە ، قول ئاپپاق ھەم يۇمشاق بولىدۇ . ئەەەر سىز تۇرغان رايۇننىڭ تۇرۇبا سۈيى ناچار بولسا ، ھەر كۈنى يۈز يۇيۇدىغان سۇغا ئازراق سىركە قۇيۇۋەتسە تېرىنى گۈزەللەستۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ .
4 . ھەر كۈنى ئەتىگەندە ، كەچتە بىر ئىستاكان قايناقسۇ ئىچىپ بېرىش
بەدەندە سۇ تولۇق بولغاندىلا ، سالامەتلىك ۋە گۈزەللىككە تولۇق كىپىللىق قىلغىلى بولىدۇ . بولۇپمۇ ئاياللار بەدىنىدە سۇ كەمچىل بولسا ، ئاسانلا قېرىيدۇ . تېرىسى سۇ كەملىكتىن پاقىراقلىغىنى يوقىتىدۇ . ئاياللار ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە بىر ئىستاكان قايناقسۇ ئىچىپ بېرىشى كېرەك . ئەتىگەندە ئىچكەن قايناقسۇ ئاشقازان ، ئۈچەينى تازلاپ ، ئاخشىمى بەدەندە خورىغان سۇنى تولۇقلىسا ، كەچتە ئىچكەن بىر ئىستاكان قايناقسۇ سۇ ئازلىقتىن كېلىپ چىقىدىغان قان قويۇقلۇقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
5. بىر كىچىك چاي
ئاياللار چوقۇم چاي ئىچىشى كېرەك . ئەگەر ئاشقازاندا مەسىلە بولمىسا ، يېشىل چاي ۋە ۋۇلۇڭ چېيىنى ئىچسە بولىدۇ .بولۇپمۇ ئورۇقلاشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئاياللار چاينى كۆپ ئىچىشى كېرەك . چاي- ئەڭ تەبىئىي ، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئوزۇقلۇق دورىسىدۇر . ئۇنىڭدىن باشقا ھەر قانداق يېمەكلىك ۋە دورا ئۈچەيدىكى ماينى تازلاشتا چايدەك ئۈنۈمۈك رول ئوينىيالمايدۇ .
0 comments