| ” ئا” قان تىپىدىكى ئاياللارنىڭ خاراكتېرى ئالاھىدىلىكى: مۇلايىم، ئېغىر – بېسىق، زىل، كەمتەر، مېھرىبان، ھەمكارلىشىشقا، قۇربان بېرىشكە تەييار، جىمغۇر. كەمچىلىكى: ھەممە ئىشتىن غەم يەپ، تەشۋىشلىنىپلا يۈرىيدۇ، ئىرادىسى ئاجىز، ئاسانلا ھېسسىياتقا بېرىلىپ كېتىدۇ، زىيادە مىسكىن، ئۈمۈدسىز، نۇمۇسچان، بېكىنمىچىلىكى ئېغىر. تىپىك ئالاھىدىلىكى: ئۆزىگە ئىشىنىشى كەمچىل، شۇڭا، ئاسانلىقچە باشقىلارغىمۇ ئىشەنمەيدۇ. ” ئو ” قان تىپىدىكى ئاياللارنىڭ خاراكتېرى ئالاھىدىلىكى: ئۆزىگە قاتتىق ئىشىنىدۇ، ھېسسىيات بىلەن ئەمەس، ئەقىل بىلەن ئىش قىلىدۇ. جانلىق ، تىتىك، پۈتۈن ۋۇجۇدى ھاياتى كۈچكە تولغان بولۇپ، ئەمەلىيەتچىل، كەڭ قورساق، ئوچۇق – يورۇق ، تۈز كېلىدۇ. كەمچىلىكى: جاھىل، ئۆزۈمچىلىك خاھىشى زىيادە كۈچلۈك. تىپىك ئالاھىدىلىكى: ئۆزىنى زىيادە مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ، شۇڭا، ئۇلارنىڭ خاراكتېرى دائىم مۇشۇ ئالاھىدىلىكى ۋە كەمچىلىكىنىڭ يۇغۇرۇلمىسى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. ” ب ” قان تىپىدىكى ئاياللارنىڭ خاراكتېرى ئالاھىدىلىكى: بىغەم، خۇشخۇي، تېتىك، نازۇك، ئۈمىدۋار، قاينام – تاشقىنلىقنى خالايدۇ. كەمچىلىكى: ھەممىگە تەڭ ئىسىلىۋالىدۇ. ئاسانلا ئىرادە قىلغان ئىشىدىن يېنىپ قالىدۇ.قاپ يۈرەك، ئىرادىسىز، ھەمىشە نام قازىنىشنى قوغلىشىدۇ. كىچىككىنە ئىشلار سەۋەبىدىن ئىرادىسى بوشىشىپ قالىدۇ. ئىش – ھەرىكىتىنى سەل چەكتىن ئاشۇرىۋىتىدۇ. تىپىك ئالاھىدىلىكى:ئۆزىنى ئۆزى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئىدىيىسى بەك كۈچلۈك. ” ئا ب ” قان تىپىدىكى ئاياللارنىڭ خاراكتېرى ئالاھىدىلىكى:چۈشىنىش ئىقتىدارى ئالاھىدە كۈچلۈك. مۇلايىم، يېقىملىق، قىزغىن، كېلىشتۈرۈشكە ماھىر، ھېسداشلىققا، ئۆزىنى تىزگىنلەپ تۇرۇشقا، باشقىلار ئۈچۈن قۇۇربان بېرىش روھىغا باي. كەمچىلىكى:مىجەزى ئىتتىك ئۆزگىرىپ قالىدۇ. ئاسانلا ئاچچىقلىنىدۇ، چىچىلاڭغۇراق، ھەدىسىلا ئۇنىڭدىن – بۇنىڭدىن ئاغرىنىپ يۈرىيدۇ، سەل سۆرەلمىرەك. تىپىك ئالاھىدىلىكى: ” ئا” قان تىپىدىكى ئاياللار بىلەن ”ب ” قان تىپىدىكى ئاياللارنىڭ ئارىسىدىراق. مەنبە؛ رىشتە مۇنبىرى |
ئاياللار ۋە قان تىپى
پىكىر بايان يوق
0 comments