بۇنىڭدىن بىر نەچچە يۈز يىل ئىلگىرى ،ئەۋف ئىبىن مىلىھەم ئىسىملىك كىشى بويىغا يەتكەن قىزىنى تۇرمۇشقا چىقارماقچى بوپتۇ.مىلىھەمنىڭ خوتۇنى ئۇمامە يات ئائىلىگە ئۇزىتىلىۋاتقان قىزىنى ،ئالدىدا ئولتۇرغۇزۇپ،ئۇشبۇ قىممەتلىك نەسىھەتلەرنى ئېيىتقان:
جېنىم بالام!
بىرەر كىشىنى ياخشىلىققا ئۈندەش ئۈچۈن پەندى-نەسىھەتلەر بېرىلىدۇ.ئەدەپ-ئەخلاقلىق ياكى باي بىر كىشىنىڭ پەرزەنتى بولۇش ياكى ھەممىگە ماقۇل خىسلەتكە ئىگە بولۇشنىڭ ئۆزى ئىنسانغا كۇپايە قىلغان ئىدى ،ساڭا نەسىھەت قىلىپ ئولتۇرمايىتتىم.
ئەسلىدە،نەسىھەت ۋە تەۋسىيە ،ئۇنتۇغاق كىشىلەرگە قىلىنىدۇ.شۇنىڭغا كۆرە ،نەسىھەتلەر ئىنتايىن پايدىلىقتۇر .
سۆيۈملۈك قىزىم!
ئەگەر،بىرەر قىز ئاتا- ئانىسى باي بولغانلىقتىن تۇرمۇشقا چېقىشقا ئېھتىياجى بولمىسا ئىدى ،سىنىڭ ھىچقانداق ئەرگە ئېھتىياجىڭ قالماس ئىدى.ئەمما ھايات سەن ئويلىغاندەك ئەمەس.ئەرلەر بىز ئۈچۈن، بىز بولساق ئەرلەر ئۈچۈن يارتىلغانمىز .
قىزىم!ئۆزۈڭ چوڭ بولغان ئائىلىدىن چېقىپ ،مۇتلەق ناتونۇش،يات بىر ئۆيگە بارىسەن،ھېچ كۆرۈشۈپ ،گەپلەشمىگەن ،مىجەز-خۇلىقىنى بىلمىگەن بىر كىشىنىڭ ئۆمۈر يولدىشىغا ئايلىنىسەن،سەن ئۇنىڭ خىزمەتكارى.بىلگىنكى ،ئۇ ھەم ساڭا ياردەمچى بولسۇن!
بالام:
كەل،ئەمدى،بەزى نەسىھەتلەرنى بېرەي،ئۇلارنى ياخشى ئۆگىنىپ ،چىرايلىق ئەمەل قىلساڭ،ئۆمۈر بۇيى راھەتتە ياشايسەن.ئۆمۈر يولدىشىڭ بىلەن ھېچ قاچان ئاراڭلار بوزۇلمايدۇ.بۇ دۇنيادا بەخىتلىك ھايات كەچۈرگىنىڭگە ئوخشاش ،ئاخىرەتتە ھەم ئەبەدىي سائادەتكە ئېرىشىسەن.
1.قانائەتلىك بول!يەنى ،ئۆمۈر يولدىشىڭ كەلتۈرگەن ئوزۇق-تۆلۈك،كىيىم-كېچەكنىڭ ھەممىسىنى مەمنۇنيەت بىلەن قوبۇل قىل.چۈنكى،قانائەت قەلىبكە ھۇزۇر -ھالاۋەت بېغىشلايدۇ.
2.ئېيتىلۋاتقان گەپلەرنى دائىما دىققەت بىلەن ئاڭلا ۋە ھەمىشە ئىتائەتتە بول.ئۆمۈر يولدىشىڭغا ئېتىراز بىلدۈرمە ،ئۇنىڭ بىلەن ھەمپىكىر ۋە بىر نىيەتتە بولۇشقا ھەركەت قىل.بۇنداق ھەركەتلەر بىلەن جانابى ھەقنىڭ رازىلىقىغا ھەم ئېرىشىسەن.
3.يولدىشىڭنىڭ كۆزى چۈشۈشى مۇمكىن بولغان ھەممە جايغا ئېتىبار بەر،شۇنداق قىلغىنكى ،ئۇنىڭ كۆزى زىنھار قالايمىقان ھالەتلەرگە چۈشمىسۇن.
4.يامان پۇراق چىقىش ئېھتىمالى بولغان نەرسە ۋە يەرلەرگە دىققەت قىل.ئۇلارنى تېپىپ تازىلا.ئۆيۈڭدىن ھەر دائىم خۇشبۇي ھىدلار تارىلىپ تۇرسۇن.
5.شۇنى ياخشى بىل :تازلىق ۋە لاتاپەت سۇغا باغلىق .ھەر قانداق نەرسە سۇ بىلەن پاكىز بولىدۇ.ئۆيۈڭدە سۇلارنىڭ پاكىز بولۇشىغا ئەھمىيەت بەر.
6.يولدىشىڭنىڭ تاماقلىنىش سائىتى بىلەن ئۇيقۇ ۋاقتىغا دىققەت قىل.تاماقنى ھەمىشە ئۇنىڭ ئادىتى بويىچە تەييارلا.ۋاقتىدا ئۇخلاش ئۈچۈن ئىشلىرىڭنى ۋاقتىدا تۈگەت.چۈنكى،ئاچلىق كىشىنى بىئاران قىلىدۇ.ئۇيقۇسىزلىق بولسا خاپلىققا سەۋەپ بولىدۇ.
7.ئۆيۈڭدىكى مال -مۈلۈك ۋا جاھازىلارنى ئاسىرا.بۇ نەرسە،سىنىڭ تېجەشمەنلىكىڭنى كۆرسىتىدۇ.
8.يولدىشىڭنىڭ يېقىنلىرىغا چىرايلىق مۇئامىلىدە بول.بۇ نەرسە، سىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىڭنى بىلدۈرىدۇ.
9.يولدىشىڭنىڭ سىرلىرىنى زىنھار بىراۋغا ئېيىتما.ئەگەر سىرلىرىنى ئەتراپقا يايدىغان بولساڭ،سەندىن رەنجىيدۇ.بىۋاپالىق يولىغا كىرىپ كېتىشى ھەم مۇمكىن.
10.يولدىشىڭنى ھۆرمەت قىل،بۇيرۇقلىرىنى بېجىر،گەپ قايتۇرۇپ،ئۇنىڭغا قارشى چىقما،ئەگەر قارشى تۇرۇپ ئىسيان كۆتۈرسەڭ،ئاچچىقى كېلىپ،رەنجىشىگە ،ھەتتا دۈشمەن كەبى ھەركەت قىلىشىغا سەۋەپ بولىسەن.يولدىشىڭ غەمكىن ۋە خاپا بولغان ۋاقتىدا ئۆزۈڭنى خۇرسەن تۇتما،ئۇنىڭ غەم-تەشۋىشىگە شېرىك بول.ئۇ خۇرسەن بولسا،سەن ھەم شۇنداق كەيپىياتتا بولۇشقا ھەركەت قىل.
قىسقىسى:
قىزىم!يولدىشىڭغا قانچىلىك ھۆرمەت ۋە ئىتائەت قىلساڭ،شۇنچىلىك سۆيۈملۈك بولىسەن،قانچىلىك رازى قىلساڭ،شۇنچىلىك مۇھەببەت كۆرىسەن،شۇنى ھەم تەكىتلەپ ئۆتۈشۈم لازىمكى ،بۇ ئېيىتقانلىرىمنى پەقەت ئۇنىڭ ئارزۇلىرىنى ،ئۆز ھاۋايى-ھەۋەسلىرىڭدىن،ئۇنىڭ رازىلىقىنى ئۆز ئارزۇلىرىڭدىن ئۈستۈن قويۇش بىلەنلا ئورۇندىيالايسەن.
ئۇمامەنىڭ ئۆز تۇرمۇش تەجىربىلىرىگە ئاساسلىنىپ قىزىغا قىلىنغا بۇ پەندى-نەسىھەتلىرى،ئومۇمەن يولدىشى بىلەن شېرىن ھايات كەچۈرۈش،ئائىلىنى ياخشى باشقۇرۇش ۋە ھۇزۇر- ھالاۋەتتە،خاتىرجەم ياشاشنى خالايدىغان ھەر بىر ئايال ئەمەل قىلىشى لازىم بولغان ئىشلاردىندۇر.
جانابى ھەق بىزگە ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ،ياراتقان مەخلۇقاتلىرىنى دۇنيايىىمىزدا كۆپەيىتتى.شۇ سەۋەبتىن ئەر بىلەن ئايالنى بىر -بىرىگە مۇھتاج قىلدى؛ئەقىل-ئىدراك شەرەپلىرى بىلەن ئۇلارنى باشقا مەخلۇقاتلاردىن ئۈستۈن قىلدى.ئايال ۋە ئەرنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتىنى نىكاھ ۋاستىسىدە قانۇنلۇق قىلدى.ئېھتىاجلىرنىڭ تەمىنلىنىشىگە شۇ يۇسۇندا ئىزنى بەردى.
ئەر بىلەن ئايالنىڭ بىرلىكتىكى تۇرمۇشى شەرئىى نىكاھقا ئاساسلىنىدۇ.بۇ بۇيرۇق ئالەمنىڭ تەرتىپى ،ئىنسانلارنىڭ گۈزەل ئەخلاقلىق بولۇشى ھە ساغلام جەمئىيەتلەرنىڭ مەيدانغا كىلىشى ئۈچۈندۇر.
“تەفسىرى كەبىر”مۇئەلىپى فەخرى رازى ھەزرەتلىرى ،”ۋە جەئەلنا بەينەكۇم موۋەددەتەن ۋە رەھمەتەن”ئايىتى كەرىمنى شۇنداق تەفسىر قىلىدۇ:”ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى سۆيگۈ پەقەت نەپسانىي لەززەتتتىن ئىبارەت ئەمەس .ئۇ مۇھەببەت_بىۋاستە ئاللاھنىڭ لۇتىپگە ئائىت كەيپىياتتۇر.چۈنكى نەپسانىي لەززەتسىز ھەم مۇھەببەت داۋام ئېتىۋېرىدۇ.ئەگەر ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى رىشتە ،پەقەت شەھۋەتتىنلا ئىبارەت بولسا ئىدى ،شەھۋەت بولمىغان ۋاقىتلاردا ئۆز-ئارا چىقىشالماسلىق كۈچىيىپ ،ئايرىلىش ۋۇجۇدقا كېلەتتى.”دېمەك،شەرئىى نىكاھ _سۆيگۈگە ،مۇرەسسە بىلەن ياشاشقا ۋە ياخشى ھايات كاچۈرۈشكە سەۋەپ بولدىغان يېگانە باغدۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن “نىكاھتا ھېكىمەت باردۇر”ئىبارىسى ھەم شۇ تەجىربىلەر تۈپەيلى مەيدانغا كەلگەن ھەقىقەتتۇر.
ئۆز-ئارا چىرايلىق مۇناسىۋەت ئىنسانلار ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر.پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:”سىز ھەممە كىشىنى مېلىڭىز بىلەن ئۆزىڭىزدىن رازى قىلالمايسىز ،ھېچبولمىسا ئەخلاقىڭىز بىلەن مەمنۇن قىلىڭ “دېگەن.
تەربىيىلىك ،ئار- نۇمۇسلۇق ۋە گۈزەل ئەخلاقلىق ئاياللار ئۆزلىرى ھەققىدە مەدھىيلەي يېزىلىشىغا سەۋەپ بولغان.
بەتخۇيلۇق،تەربىيىسىز ئاياللار بولسا ،تىنىچ ھاياتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ ۋە ئادەملەردە يامان خاتىرىلەرنى قالدۇردۇ.
ئاياللارنىڭ كىيىنىشى، يەپ -ئىچىشى ئەرلەر تەرپىدىن تەمىنلىنىشى كېرەك.ئەر كىشىدىن ئايالىغا زۇلۇم ۋە ئەرزىيەت يەتكۈزمەسلىك ،سەۋىر-تاقەتلىك بولۇش تەلەپ قېلىنىدۇ.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:”مۆئىمىنلەرنىڭ ئىمانى ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەخلاق جەھەتتىن ئەڭ گۈزەل بولغىنى ئايالى،باللىرى ۋە قېرىنداشلىرى خۇسۇسىدا ئەڭ مەرھەمەتلىك بولغانلىرىدۇر.”دېگەن.يەنە بىر ھەدىسدە:”كىبىرلىنىپ،بالا-چاقىسىغا قوپال مۇناسىۋەتتە بولغان كىشىگە جانابى ھەق تائالا نەپرەت كۈزى بىلەن قارايدۇ”
قىسقىسى،ئاياللارنىڭ ئەرلىرى ئالدىدا ۋەزىپىلىرى بولغىنى كەبى ،ئەرلەرنىڭ ھەم ئاياللىرى ئالدىدا ۋەزىپىلىرى بار .
ئەرنىڭ زۇلۇم قىلىشى _زالىملىقتۇر.
ئەر كىشى ئايالىنى ياخشى نەرسىلەرگە ئادەتلەندۈرۈشى،يامان نەرسىلەردىن ساقلىشى لازىم.ئاياللار بولسا ،ئېختىيارسىز يولدىشىنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئىتائەتتە بولۇشى لازىم.تۆت-بەش پەرزەنىتلىك ئانا كۆپىنچە ،كېچە-كۈندۈز باللىرى تەربىيىسى بىلەن مەشغۇل بولۇپ قالىدۇ.بۇنداق ھالەتلەردەئەرنىڭ:”كىيىملىرىم دەزماللانمىغان،كىر كىيىم ۋاقتىدا يۇيۇلمىغان،تاماق كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس”دېيىشى ياكى شۇنداق باھانىلەر بىلەن ئايالىغا ۋارقىراپ-جارقىراپ ،تىللاش ۋە كالتەكلەش ناھايىتى چوڭ زۇلۇمدۇر.
زالىملارنى ئاللاھ ھەم پەيغەمبىرىمىز خۇش كۆرمەيدۇ.چۈنكى ،تاياق بىلەن تەربىيە قىلغىلى بولمايدۇ،ھەتتا ھايۋانلارغا ھەم بۇنداق تەربىيە قىلىنمايدۇ.
“ئاياللار ئەرلەرگە جانابى ھەقنىڭ ئامانىتىدۇر.”
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دىگەن:”ئاياللار قۇۋۇرغا سۆڭەككە ئوخشايدۇ.ئۇنى تۈزلىمەكچى بولساڭ ،سۇندۇرىسەن.ئۇنىڭدىن شۇ پېتىچە پايدىلانغىن.”
“بىر ئەرنىڭ خوتۇنى بىلەن ئاجرىشىشىدىن ئەرىش لەرزىگە كېلىدۇ.”
“بىر كىشى ئايالىغا مۇھەببەت بىلەن قارىسا ۋە ئايالى ھەم ئۇنىڭغا شۇ كەيپىياتتا يۈزلەنسۇن،ئاللاھ تائالا ئىككىلىسىگە ھەم رەھمەت نەزىرى بىلەن قارايدۇ ۋە قوللىرىنى قوللىرىغا قويغاندە ئىككىلىسىنىڭ گۇناھلىرى بارماقلىرى ئارىسىدىن تۆكۈلۈپ كېتىدۇ.”
ساھابىلەردىن بىرى پەيغەمبىرىمىزدىن:
_يا رەسۇلۇللاھ !ئايالىنىڭ ئېرى زىممىسىدىكى ھەقلىرى قايسىلار ؟دەپ سورىغاندا ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
_يېگىنىڭدىن يېدۈرۈش،ئۆزۈڭ يېڭى كىيىم كىيگەندە ،ئۇنىڭغا ھەم كىيدۈرۈشتۇر.ئايالنىڭ يۈزىگە ئۇرما .خۇنۈك ھەركەتلەرنى قىلما ۋە قوغلىما.بىرەر ئەيبى سەۋەپلىك ئۆزۈڭدىن ئۇزاقلاشتۇرماقچى بولساڭ ،بۇ ئىشنى ئۆيۈڭنىڭ ئىچىدە قىل._دەپ جاۋاپ بەردى.
“مۆئىمىن ئەر مۆئىمىن ئايالدىن نەپرەتلەنمىسۇن.ئۇنىڭ بىر خۇلىقىنى ياقتۇرمىسا ،باشقا خۇلىقىنى ياقتۇرۇشى مۇمكىن.”
ئەگەر ئەر كىشى ئايال كىشىنىڭ يەپ ئىچىشىنى تەمىنلەپ ،ھەر خىل كىيىم-كېچەك،زىننەت بۇيۇمى ۋە ئەتىرلەرنى ئېلىپ بېرىپ،كۆڭلىنى ئېلىشقا ئىنتىلسە،ئايال بۇنىڭغا جاۋابەن يولدىشىغا تۇلۇق ئىتائەت ئېتىشى ۋە خىزمەتلىرىنى ئايماسلىقى كېرەك.
شۈبھىسىزكى ،بۇنداق ئۆز-ئارا مىھىر- مۇھەببەتلىك دىنى ئائىلىدە ھۇزۇر-ھالاۋەت ۋە تىنىچ-ئامانلىق دائىمىي بولىدۇ.
مەنبە:سۇۋغات ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.
ئۇلۇغ ئاللاھ ھەر بىر ئائىلنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي،تىنىچ-ئامان ،خاتىرجەملىكنى ھەمىشە يار قىلغاي.مۆئىمىن مۇسۇلمان مۇسلىمە قېرىنداشلىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئىسلامدىكى ھەق -ھوقۇقلىرىمىزنى ھە مەجبۇرىيەت ،مەسئۇليەتلىرىمىزنى بالدۇرراق تۇنۇپ يېتىپ ھەم ئۇنى ھاياتمىزغا تەتبىق ئېتىپ ئىككى دۇنيالىق بەخىت -سائادەتلىك ئىسلامىي ئائىلە قۇرۇشمىزغا نىسىپ قىلسۇن.
0 comments