| قارىغىنا، ئىلاھى قۇدرەت بىلەن قانچە بوغۇم بىر يەرگە كېلىپ بىر بارماقنى تەشكىل قىلغان .شۇڭا، ئىلاھى ماھارەت ھەققىدە ئويلانماسلىق تەلۋىلىك، ئەخمەقلىقتۇر. ئويلىغىنكى، ئىنساننىڭ ماڭالىشى ئۈچۈن قانچە دانەئۇستىخان پەيلەر بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان. لېپەك،تىز،پۇت سۆڭەكلىرى مىدىرلاپ ھەركەت قىلمىغۇچە،ئاياغنىڭ يەردىن كۆتۈرۈلۈشى مۇمكىنمۇ؟ ئادەمنىڭ ئومۇرتقىسى بىر پۈتۈن بولمىغاچقا ،سەجدە قىلىشتا قىينالمايدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھ ئىككى يۈز پارچە لاينى بىرىكتۈرۈپ سېنى ياراتتى . تېنىڭدە ئۈچ يۈز ئاتمىش تومۇر بار. تېنىڭ يەر ، تومۇرلار بولسا ئېرىق-ئۆستەڭلەردۇر. ھەقتائالا باشقا كۆز ، ئەقىل، تەپەككۇرنى ئورۇنلاشتۇردى، تەندىكى ئەزالار قەلىب بىلەن، قەلىب بولسا ئىلىم بىلەن شەرەپ تاپىدۇ. ھايۋانلارنىڭ يۈزلىرى يەرگە قارىتىلىپ ، پەس يارتىلغان . ئىنسانلار بولسا ئىلپتەك تىك ماڭىدىغان قىلىپ يارتىلغان . ھايۋانلار يەمنى بېشنى ئېگىپ يەيدۇ،سەن بولساڭ، تاماقنى لەززەت بىلەن ئاغزىڭغا سالىسەن . شۇنداق ئىكەن، شۇنچە شەرىپىڭ بىلەن بېشىڭنى ئاللاھقا تائەت-ئىبادەتتىن غەيرىي نەرسە ئۈچۈن ئېگىشڭ يارىشارمۇ؟ ئاللاھ سېنىڭ يېيشىڭ ئۈچۈن داننى ئىلتىپات قىلدى،ھايۋانلاردەك بېشىڭنى سامانغا تىقمىدى. ساڭا ئىلتىپات قىلىنغان بۇ گۈزەل سۈرەتكە مەغرۇرلانماي، ئېسىل مىجەزلىك بول.ئىنسانغا تىك تۇرىدىغان بوي ئەمەس ،توغرا يول لازىم. ئەقلىڭ بولسا ساڭا كۆز ، ئېغىز،قۇلاق بەرگۈچىنىڭ ئەمىرگە خىلاپ ئىش قىلمايسەن. دوستۇڭ بىلەن جەڭگە -جېدەل قىلىسەن، ئەجەبا، بېشىنى ئېزدىغان دۈشمىنىڭ يوقمۇ؟ |
ئىنساننىڭ يارتىلىشىلىدىكى ئىلاھى ماھارەت
پىكىر بايان يوق
0 comments