ئوخشاش بولمىغان مۇھىت ، قىسمەت ۋە ئادەت تۈپەيلى بىر قىسىملىرىمىز ئۆزىمىزنى پەس كۆرۈش ، كەمسىتىش تۇيغۇسى يېتىلدۈرىۋالىمىز .ئۆزىنى پەس كۆرۈش ــ راك كېسىلىدىنمۇ خەتەرلىكتۇر . بەلكىم بۇ ئوخشىتىش مۇبالىغە بولۇپ كەتكەندۇ ؟ ئەمما ئۆزىنى پەس كۆرۈش تۇيغۇسى جېنىمىزنى ئالالمىغىنى بىلەن ، كەيىپيات ، خىزمەت ۋە ياشاش ئۇسۇلىمىزغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ . شۇنىڭغا ئەگىشىپ ،قاقشاش ،باشقىلاربىلەن ئەپ ئۆتەلمەسلىك ئاسان ئاچچىقلىنىش ھەممە ئىشنىڭ يامان تەرپىنى ئويلاش ، دائىملا غەم يەپ ئۆتۈش … قاتارلىق <<ئەگەشمە كېسەللىك >> لەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .بەزىلىرىمىزدە ئازدۇر ـ كۆپتۇر ئۆزىنى پەس كۆرۈش تۇيغۇسى بولۇشى مۇمكىن . بۇ ئانچە خەتەرلىك ئەمەس خەتەرلىك بولغىنى __ دائىملا ئۆزىنى كەمسىتىپ ئادەتلىنىپ قېلىشتۇر .سىز نىمىشقا مىسرانىمغا كىرىسىز ؟ مەلۇم نوقتىدىن ئېيىتقاندا ئادەتلىنىپ قالغانلىقىڭىز تۈپەيلى شۇنداق بولىدۇ . مەسىلەن : سول قولىدا تاماق يەپ ئادەتلىنىپ قالغان ئادەم بۇ خۇيىنى تاشلىيالمايدۇ. ئوڭ قولىدا يېيىش بىئەپ تۇيۇلىدۇ . نىمىشقا شۇنداق بولىدۇ . چۈنكى ئۇ سول قولىدا يەپ ئادەتلىنىپ قالغان . ئەمەلىيەتتە ، بىر مەزگىل تېرىشىپ ئوڭ قولىدا يەپ ئادەتلەنسە بۇنى ئۆزگەرتىش ئاسانغاتوختايدۇ. خۇدا ئىنسانلارغا ئەڭ ئولۇغ كۈچ __ ئۆزىنى تىزگىنلەش، تاللاش قۇدرىتى ئاتاقىلغان . شۇڭا ئىمكاننىڭ بارىچە ئۆزىنى پەس كۆرۈش تۇيغۇسىغا قارشى تۇرشىڭىز كېرەك! بولمىسا تېخىمۇ كۈچلىنىپ كېتىدۇ. بەزىلىرىمىزتىلغا ئالغۇچىلىكى يوق ئىشلار ئۈچۈن ئۆزىمىزنى پەس كۆرۈش كەمسىتىش پىسخىكىسىنى يېتىلدۈرىۋالىمىز . ئىقتىدارىمىزدىن ئېشىپ چۈشىدىغان نەرسىلەرنى ئارزۇلاش باشقىلارنىڭ رەت قىلىشى نەچچە يىل ـ ئاي ئىلگىرىكى ئۆتۈپ كەتكەن ئىش ۋە ئۆتكۈزگەن خاتالىقىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىزنى ئەيىبلەپ قايغۇرۇش ، ھەممە ئىشنىڭ يامان تەرىپىنى ئويلاش ، سىزنى تېخىمۇ تۈگەشتۈرىدۇ. گۈزەل رۇخسارىڭىزنى خۈنۈكلەشتۈرۈپ سەتلەشتۈرىدۇ .تالانىت ـ ئىقتىدارىڭىزنى كۆمۈپ قويىدۇ .قانداق قىلغاندا ئۆزىنى پەس كۆرۈش ،كەمسىتىش تۇيغۇسىغا تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ ؟ كەچكىچە ، غەم ـ قايغۇ ، ھېجران كۈيلىنىدىغان چۈشكۈن ئىشقى ناخشا كۈيلەرنى ئاڭلىغاننىڭ ئورنىغا كىشىگەئېلھام ـ ئۈمىد ، ئىشەنىچ ـ جاسارەت ئاتا قىلدىغان كىتابلارنى كۆرۈڭ ! ئىسپىرىتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىپ مەسىت بولۇپ يىنىكلەيمەن دەپ ئويلىماڭ ! ئۇ نەرسىلەر سىزنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ چۈشكۈنلىككە باشلايدۇ . بەدىنىڭىزنى پاكىز تۇتۇپ ، يېڭى كىيىملىرىڭىزنى كىيىپ مەنزىرلىك يەرلەرنى سەيلى قىلىڭ! يالغۇزبېكىنىۋالماڭ ! كۆڭۈلدىكى دوسىتلىرىڭىز بىلەن ئۇچرىشىڭ . ئۇچرىشىشقا پۇرسەت يارىتىڭ ! خۇداغا رەھمەت ئېيتىڭ ! سىز بىلەن تەڭ ـ دېمەتلىك دوسىت ، تۇنۇش ـ بىلىشلەردىن نەچچىسى كېتىپ قالدى ؟ سىزنىڭ ھايات ، سالامەت يۈرگىنىڭىزنىڭ ئۆزى بەخىت ـ خۇشاللىق بولماي نېمە ؟ ھەر كۈننى ، يېڭى بىر كۈن باشلاندى دەپ خۇشاللىق بىلەن كۈتۈشكە ئادەتلىنىڭ ! تۈنۈگۈنكى سىز بۈگۈنكى سىز ئەمەس .ھېچكىممۇسىزگە خۇشال بولۇپ بەرمەيدۇ ، ئازابلىرىڭىزنى تارتىپ بەرمەيدۇ، كەيىپياتىڭىزنى قانداق تۇتۇش ئۆزىڭىزگە باغلىق . ئۈمىدۋار بولۇڭ ! ئۈمىدسىز ، چۈشكۈن كىشىلەر بىلەن ئارلىشىپ كەتمەڭ !<< قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار >> دېگەندەك ، ئۇلاردىكى پاسسىپلىق سىزگىمۇ يۇقىدۇ . قەددىڭىزنى تىك تۇتۇپ مېڭىڭ ! نەزىرىڭىزنى قەدىمىڭىز ئاستىدىكى ئەخلەت ـ چىرىندىلارغا ئەمەس ئېگىزچۇققىلارغا تىكىڭ ! مۇخپىر ، كەشىپياتچى ئېدىسۇندىن ، سىز ئېلىكتىر لامپۇچكىنى ئىجاد قىلىشتىن ئىلگىرى 14 مىڭ قېتىم مەغلۇب بولۇپسىز ، بۇنىڭغا قانداق تەسىراتىڭىز بار ؟ دەپ سورىغاندا __ مەن 14 مىڭ قېتىم مەغلۇب بولمىدىم ، پەقەتئاقمايدىغان14 مىڭ خىل ئۇسۇلنى سىناپباقتىم دەپ جاۋاب بەرگەن . ئويلىنىپ بېقىڭە ! نېمدىگەن ئىسىل روھ ، ئاكتىپ ـ ئۈمىدۋار پوزىتسىيە ھە ؟ شۇنىڭغا قارىغاندا سىزنىڭ بىر ـ ئىككى قېتىم ئوڭۇشسىزلىق،مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشىڭىزنى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمدۇ ؟ باشقىلارنىڭ مەسخىرىسى ، پەس كۆرۈشى ، سىزنىڭ خىيال ـ غايىللىرىڭىزنى كۆزگە ئىلماسلىقى بىلەن ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى يۇقاتماڭ ! ئۇلار ، سىزنى ھېچقانداق نەتىجە ئۇتۇق قازانمىسا ، بىزگە ئوخشاش مۇھتاجلىق ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزسە دەپ قارايدۇ . سىز دۇنيادا ئەڭ ئاسان ئاڭلايدىغان گەپ __باشقىلارنىڭ « قولۇڭدىن ئىش كەلمەيدۇ ›› دېگەن گېپىدۇر . باشقىلارنىڭ گېپى بىلەن ، خىيال ـ غايىلىرىڭىزدىن ۋاز كەچمەڭ ! خىيالپەرەسلەر دۇنيانىڭ ئىجادكارلىرىدۇر . ئەينى ۋاقىتتا خىيالپەرەسلەر تۆمۈرنىڭ ئاسماندا ئۇچۇشىنى خىيال قىلغان ئىدى . بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر ئۇلارنىڭ خىيالىنىڭ رېئاللىققا ئايلانغانلىقىنى كۆرۈۋالالايدۇ .خىيالپەرەسلەر ھېچقانداق ئېلىكتىر سىمىغا تايانماي تۇرۇپ ھاۋائارقىلىق ئۇچۇر يوللىغىلى بولدىغانلىقىنىئېيىتقاندا دوسىتلىرى: ئۇلارنى نرۋا كىسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا ئاپرىپ تەكشۈرۈتكەن.ئەجىبا بۈگۈنكى كۈندە ئۇخىيالپەرەسلەر خاتا قىلىپتىمۇ ؟ بىر ئىشنى سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلشىڭىز كېرەك ! سىناب باقمىسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ قىلالمايدىغانلىقىنىقانداق بىلىسىز ؟ بەلكىم باشقىلاردىن ياخشى قىلالىشىڭىزمۇمكىن . ھەممىمىز تەكشى يارىتىلغان . ھېچكىم ھېچكىمدىن ئىقتىدارلىق تالانىتلىق ئەمەس . بەلكىم باشقىلار تىرىشىش ، ئىجتىھاد بىلەن ئۈستۈنلىككە ئىگە بولغان . ھەر قانداق ئىشقا تىرىشچانلىق ، پىداكارلىق كۆرسىتىش ئاللاھنىڭ يوليۇرىقىدۇر . قىسقىسى : << ھەممىسى ئۆتۈپ كېتىدۇ >> << قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ >> ! |
ئۆزىڭىزنى پەس كۆرەمسىز ؟
پىكىر بايان يوق
0 comments