
ئۇيغۇرلار تەرەققىيات تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ شامان دىنى، بۇددا دىنى، ئىسلام دىنى قاتارلىق بىر قانچە دىنغا ئىتقاد قىلغان، شامان دىنى بولسا ئۇيغۇرلار ئەڭ بۇرۇن ئىتقاد قىلغان، ھازىرمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تېخى يۇقاپ كەتمىگەن دىننىڭ بىرى، بۇددا دىنى بولسا بىز ئۇيغۇرلاردىن خوشلاشقلى 1000 يىلدىن ئاشتى. ئىسلام دىنىغا كەلسەك مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ۋاپات بولۇپ ( ئاللا بۇ زاتنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن ) 600 يىلدىن كىيىن قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ شاھزادىسى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان( ئاللا بۇ زاتنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن ) ( ئەرەبچە ئىسمى ئابدۇلكەرىم خان )نىڭ قوبۇل قىلىشى بىلەن 200 يىللىق قانلىق غازات ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇملاشقان.
سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئاتىسى ئۇ كىچىك چېغىدىلا ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، شاھ ئىنىسى ( سۇتۇقنىڭ تاغىسى) ئوغۇلچاق سۇتۇق چوڭ بولىغىچە ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ بىرىدىغان بولۇپ شاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. بىراق ئوغۇلچاق تاكى 15 يىلغىچە تەخىتنى سۇتۇققا بىرىشكە قوشۇلمىغان ھەتتا سۇتۇقنى يوقىتىش قەستىدىمۇ بولغان، سۇتۇق بۇغراخان بېشىغا كىلىۋاتقان بۇ كۈلپەتلەرنى قانداق ھەل قىلىش توغرىسىدا ئويلىنىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە سامانىيلار خانلىقىنڭ قاچقۇن شاھزادىسى ئەبۇ نەسىر سامانى ( ئاللا بۇزاتنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي)دەل ئاتۇشقا كىلىپ ئىسلام دىنىنى تارقىتىشقا باشلىغان. سۇتۇق شىكارغا چىقىش پۇرسىتى بىلەن سامانى بىلەن كۆرۈشۈپ دوست بولۇپ قالغان، ھەمدە ئاستا-ئاستا سامانىينىڭ تەسىرىدە ( ئالدى بىلەن ئاللاھنىڭ دىلىغا سېلىشى بىلەن) ئىسلام دىنىغا ماھىل بولۇپ بۇ دىننى ئاخىر قوبۇل قىلغان. ئەينى چاغدا قاراخانىيلار سۇلالىسىدە بۇددا دىنى ئاساسى ئورۇندا تۇرىۋاتقان بولسىمۇ لىكىن باشقا دىنلار چەكلەنمىگەن بولغاچقا سامانى ئوغۇلچاقنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا ياجىلىۋاتقان ئاۋامنى ئۆزىگە ماھىل قىلغان، ھەمدە سۇتۇقنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئوردا ئىچىدىمۇ ئىسلام دىنىغا كىرگەنلەر بارا-بارا كۆپەيگەن. لىكىن خانلىق تەۋەسىدە ئىسلام دىنى چەكلەنمىگەن بىلەن مەسچىت سېلىشقا يول قۇيۇلمايدىغان بولغاچقا سامانى خاندىن يارلىق ئېلىش ئۈچۈن ئوغۇلچاقنىڭ ھوزۇرىغا بېرىپ ئىبادەت قىلغۇدەك يەر بىرىشنى ئىلتىماس قىلغان. ئوغۇلچاق سۇتۇقنىڭ قوللىشى بىلەن سامانىيغا بىر كالىنىڭ تىرىسى پاتقۇدەك يەردە ئىبادەت قىلىشقا قوشۇلغان. سامانى ئاتۇشقا قايتىپ كالىدىن بىرنى ئۆلتۈرگەن ۋە كالىنىڭ تېرىسىنى تانىدەك ئۇششاق تىلىمداپ 10 مو ئەتراپىدىكى يەرنى قورۇقداپ چىققان ۋە شۇ جايغا چوڭ بىر جامە سالغان، كيىن ئوغۇلچاقمۇ بۇنىڭغا ھېچنىمە دىيەلمىگەن مانا بۇ ئۇيغۇر ئىسلام تارىخىدىكى« كالا تېرىسى تاكتىكىسى ». شۇنىڭ بىلەن خانلىق تەۋەسىدە ئىسلام دىنى مەسچىتى بارلىققا كەلگەن. سۇتۇق بۇغراخان ئوغۇلچاقنى ئۆلتۈرۈپ تەخىتنى ئالغاندىن كىيىن ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بۇددىسىتلارغا قارشى غازات ئۇرۇشىنى ئېلىپ بارغان خوتەن بوددىسىتلىرى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا يارىلىنىپ ۋاپات بولغان. كيىنىكى بۇغراخانلارمۇ سۇتۇقنىڭ يولىنى تۇتۇپ 200 يىل قانلىق ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق خوتەن، كۇچا، تۇرپان بۇددىسىتلىرىنى بويسۇندۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن.
مەنبە « سۇتۇق بۇغراخان رومانى، ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ماتىرياللىرى »
0 comments