-دەريانىڭ ئۇ تەرپىدىكى ئوتلار دەمالەتىن ياخشى ئۆسمىگەن بىلەن، كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن ناھايىتى كۆكىرىپ ئاۋۇپ بارىدۇ-دىدى ئېشەك دىمىقىنى قېقىپ تۇرۇپ ئۆزىگە سوڭدىشىپ مېڭىۋاتقان ئاتقا-ئۇ تەرەپكە سەن ئىگىدارچىلىق قىلىپ ھەمرالىرىڭنى باشلاپ يۈرسەڭ، بۇ تەرەپتكى ئوتلار ھازىر شۇنداق كۆكىرىپ تۇرغان بىلەن كەلگۈسى يوق. بالدۇر ئۈششۈك تىگىدۇ. شۇڭا بۇ تەرەپكە مەن ئىگىدارچىلىق قىلىپ، ۋەزىيەتنىڭ مۇشۇنچىلىك ۋاختىدا قوي-ئۆچىكىلەرنى ئاستا ھەيدىۋەتسەك قانداق دەيسەن!
-بۇ پىكىرنى سېنىڭ ئاغزىڭدىن چىقار دەپ ئويلىماپتىمەن ئېشەك. سەن بارغانسىرى يىتىلىپ ئاقىل بولۇپ كىتىۋاتىسەن جۇمۇ! يېقىندا بىر توپ چوشقىلارنى كۆچۈپ كىلىدىكەن دەپ غۇلا-غۇلا قىلىشىۋاتىدۇ. ئۇلار كەلسە ئوت تۈگۈل يىلتىزىنىمۇ قوشۇپ يەرمىش. ئۇلارنىڭ ئېغىزى تەگگەن گىيانى ئۈنىدۇ دەپ خىيال قىلىش ئەخمىقانىلىكمىش. ئۇلارنىڭ ئەڭ مەينەت يېرى شۇكەنكى ئوت تۈگەپ كەتسىمۇ ئۆزىنىڭ پوقىنى يەپمۇ نەچچە ئاي جان باقالارمىش.
-ئۇنى دىسەڭ كالىنى قوغلىۋەتسەك دىگەن خىيالغا كىلىپ قالدىم. ئۇنىڭ دىيىشىچە تۆگە دەيدىغان بىر ھايۋان بارمىش. ئۇ بىر قوسىقىنى توقلىۋالسا نەچچە كۈنگىچە ئاچلىققا بەرداشلىق بىرەرمىش. يېقىندا ئۇلارنىڭ بۇ جاڭگالغا كۆزى چۈپتىمىش. ئۇلار تېخى يايلاقنى قوغدارمىش. ساياھەتچىلەرنى توشۇپ كىلەرمىش. يايلاقتىن قوش ئۈنۈم ھاسىل قىلارمىش. يەنە ساياھەتچىلىكنى يولغا قويسا قوي بىلەن ئۆچىكىنىڭ بازىرى چىقارمىش. ئۇ ئاڭلىسام غايەت چوڭ ھايۋانمىش.
-ۋاي شۇ تۆگىمۇ؟ -دىدى مەڭسىتمەي ئات-ئۇ دىگەن ئىنتايىن يوۋاش ھايۋان. ئۇ ئۆچىكىنىڭ كەينىدىن ماڭىدىغان ئاخماق. ئۇنى يۈگەر يىتىم ئىشلارغا سالساق بولىدۇ. يىيىشى ئاز. چىقىمى يوق.
-شۇنداقتىمۇ ئۇنى جاھاننىڭ تېنىچ ۋاقتىدا بۇ يەرگە يولىتىشقا بولمايدۇ جۇمۇ. بەك كەلسۇن دىسەڭ سەن تەرەپتە ياشىسۇن-دىدى ئېشەك سەل ئاچچىغى تۇتۇپ.
– ئۇ كىلىۋالسىلا ئىشتىن چاتاق چىقىدۇ. بولدى سەن دىگەندەك بۇ نەرسىلەرنى چاپسان ھەيدەپ، يايلاققا دىكتاتۇر يۈرگۈزەيلى. ئەمدى مۇشۇ يۈزىمىز بىلەن نەچچە يىلدىن بىرى بىرگە ياشىغان مۇنۇ بىچارىلەرنى قانداقمۇ ھەيدەرمىز. ئېۋۇ كالىغۇ بوپتۇ بىز بىلەن بوي بەستى تەڭ. ئۇنى تېپىپ-چىشلەپ ھەيدىۋەتسەك، مەغلۇپ بولغان بولۇپ كېتەر. ماۋۇ ئۆچىكە بىلەن قويغا نىمىمۇ دەرمىز؟
-بەتنام چاپلايمىز-دىدى ئېشەك پەرۋاسىزلا
-قانداق بەتنام؟-سوردى ھاڭۋېقىپ ئات.
-بەتنام دىگەننىڭ تۈرى كۆپ.ئۆچىگە دىگەن ئانچە-مۇنچە قۇيرۇق پۇرايدۇ. ئۇنى <نېمە كۆتۈمگە مارايسەن؟!> دەپ رەھىم قىلماي تېپىمىز. ماۋۇ قوي دىگەن نەرسە يىيىشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ. سانى تولا. بۇنىڭغا قانداق بەتنام تاپساق بولا. ھە تاپتىم بۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئوتلايمىز. شۇنىڭ بىلەن <مەن يەيدىغان ئوتنى يېۋالدىڭ> دەپ چىشلەيمىز. بۇنداق قىلمىشنىڭ سانىنى بارا-بارا كۆپەيتىمىز. ئاخىرى چىدىماي كىتىشىدۇ.
-ھەي ئېشەك، كاللاڭ راسلا ئىشلەيدىغان بولۇپ كەتتى جۇمۇ. مېنىڭ تۇۋقۇم بەك قاتتىق. تىگىپ كەتسە ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىمالى بار جۇمۇ! قانداق قىلىمىز؟
-بىر نەچچىسى ئۆلمەي بۇ يايلاقنى ئىگىلىگىلى بولماس.
-ئۆلسە قانداق قىلىمىز؟
-ئۆچىكە كۆپ شىكايەت قىلىدىغان نەرسە. ئۇنىڭغا <خاپا بولما، ماندالا پۇتۇمنى شىلتىپ قويسام ئۆلۈپ قالدى> دەپ قويساقلا يىغلاپ-قاخشاپ بېسىقىدۇ. ماۋۇ قوي دىگەن يېنىدا دادىسى ئۆلىۋاتسىمۇ كارى يوق نەرسغۇ!؟
-بۇ پىلانلىرىڭدىن چاتاق چىقماس؟!
-نېمە چاتاق چىقاتتى. يۇۋاشنى بوزەك قىلمىساڭ قىيامەتتە سورىقى بار دىگەننى ئاڭلىمىغانما.
-ھە مانداق دە! بوپتۇ پۈتۈشتۈق. ئەتىدىن باشلاپ كۆچۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيلى!
شۇنداق قىلىپ ئات دەريانىڭ تاغ تەرىپىدىكى قالقا يايلاققا، ئېشەك دەريانىڭ تۆۋىنىدىكى نەملىكى ئۆرلەپ تۇرىدىغان يېشىلچىلىق گىرەلەشكەن يايلاققا، شېرىكلىرىنى يۆتكىشىپ ئورۇنلاشتى. پىلان ئېشەك ئويلىغاندىنمۇ ئاسان پۈتىۋاتاتتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ شېرىكلىرى <دوپپىسىنى ئال دىسە بېشىنى كىسىدىغانلار>دىن بولغاچقا چىشلەپ-تېپىپ يايلاقنىڭ ئېقىنى ئاق، قارىسىنى قارا قىلىپ، ۋاقتىدا يايلاقنى ئىگىلەپ بولۇپتۇ. ئېشەكنىڭ بۇنداق ئاقىل پىلانى كىيىنكىلەرگە دەستۈر بولۇپ قاپتىكەنمىش.
شۈكران(يوچۇن ئادەم)، شەبنەم تورىدىن
0 comments