ئەر+ئايال= ھەقىقىي تۇرمۇش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىنى  قەلەم تەۋرىتىشكە قىستىغان بىرقىسىم ئىشلارنى سىلەر بىلەن بىللە مۇلاھىزە قىلىشنى توغرا تاپتىم . قۇلاق سالغايسىلەر ..

ھازىر جەمىيەتدە ئاجىرشىش ، كىچىك توي قىلىش ، بالدۇر رەسمىيەتنى ئۆتۈش ،قاتارلىق بىرقىسىم ناچار ئىشلار يۈز بىرىۋاتىدۇ ، بۇ ئىشلاربەك ئەۋج ئەپ كەتتى بولۇپمۇ جەنۇپتا ….. شۇنى بىر ئويلىنىپ بىقىشقا تىگىشلىك مەسىللەرنى ئوتتۇرغا قويماقچىمەن .

1 – كىچىك توي قىلىش – ئادەم بالاغەتكە يەتكەندىن كىيىن ، بەدىندە تىزلا شۇنىڭغا قارتا سىزىملار بولىدۇ . ئوغۇل – قىزلارنىڭ ھەممىسىدە شەھۋەت ئۇرغۇش دىگەندەك بىر قاتار مەسىللەر شىپپىدە كىلىپ ، يەنە شىپپىدە كىتىدۇ . بۇلار ئۆزلىرىنىڭ  نىمە بولغىننى بىلەلمەيدۇ . شەيتانغا كىچىك تۇرۇپ ئەگىشىپ كىتىدۇ . ئۇنىڭ پەقەت ئىسلامدا ھالال بولغاندىن كىيىنكى لەززەت ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ ،تىبابەتتە بولسا تەن سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ . بۇلار بىر ئادەمدىن سوراشنى خىجىللىق دەپ بىلىدۇ . دىيەلمەي مۇشۇنداق ئەھۋاللادا پەقەت ھوزۇرلىنىش ئىكەنلىكىنىلا بىلىدۇ ، كىيىن ئاتا – ئانىسى ئامالسىز كىچىك دىمەي ئەرگە بىرىدۇ ، ئوغۇل بولسا مەيلى دەپ يۇرۇيدۇ . بۇ بىزدىكى ئىسلام تەربىيسىنىڭ قانچىلىك سۇس ئىكەنلىكىنى بىلدۈردۇ .  ئەخلاى تەربىيسى بىرىنجى .ئىسىڭىزدە بولسۇنكى سىز بالىڭىزنىڭ قانداقتۇر قارىم – ئۆلىما بولۇشنى ئۈمۈت قىلسىڭىز ، بالىڭىز ئەخلاقسىز بولسا ئۇ چاغدا يەنە سىز بىر يارامسىز ئاتا – ئانا بولىسىز . بالىڭىزنى دىندا ئوقۇتۇش پەرىز بولسا ، ئەخلاقمۇ پەرىز . سىز بالىڭىزغا نىمىگە پەتىشەپ قىلىىسىز ؟ ئىسلامدا ئاتا – بالا ئوتتۇرسىدىكى نەسەھەت ئۇسۇلىدا پەتىشەپ يوق . ئوغۇل بولسا دادىسى نەسەھەت قىلىدۇ ، قىز بولسا ئانىسى . بالىڭىزنى قانچىلىك ئەخلاقلىق تەربىيلىسىڭىز ، سىزگە بولغان ۋاپادارلىقىمۇ ئاشىدۇ . ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىسى بولىسىز . ئىسلام دىنى ئەدەپ – ئەخلاق ئۈستىگە قۇرۇلغان . بالا تەربىيسى ئەڭ مۇھىم . بىرلا بالا ئىدى دەپ كۆزىگە قاراپ چوڭ قىلسىڭىز ھازىرقى جەمىيەتتە بالىڭىز سىزنى سورىۋىتىدۇ . بالا دىگەننى تىپىۋالمەن دىگەن ئۈمۈتتە بالىڭىزغا بولغان تەربىيەنى كۈچەيتىڭ . شۇندىلا سىز ھەممە ئادەمنىڭ دۇئاسىغا نائىل بولسىىز ، جىنىسى تەربىيە ھازىر مۇھىم بولۇپ قالدى . شەرمىي ھايا دىگەننى قۇلقىغا قۇيۇپ تۇرسىز ، بولمىسا كىچىك تۇرۇپ قۇدا ۋاجىلىق بولۇپ قالىسىز .

2  -ئاجىرشىش  –  جەمىيەتتە ھازىر بويتاق خوتۇنلار بەك ئاۋۇپ كىتىپتۇ . ھەممىسى ئىرىدىن نارازى ئىكەن . تولىسى گاۋسۇڭ ئۆيدىن ، پۇلى بايدىن ، بىلىملىك ئەردىن تاماسى باركەن . توي قىلىپ ئۆتكەن كۈنىگە شۈكىرى قىلماي ، ئاجىرشىپ كىتىپ سىرىتلاردا تەمتىرەپ تىنىنى سىتىپ ، ئۆزىنى خوش قىلىپ يۈردىغانلار بەك كۆپ . ھەممىسى دەل شۇ ئاتا – ئانىسى مۇسۇلمان ، ئەھلى ناماز ، ياخشى ئادەملەرنىڭ باللىرى . ئىسىت دەپ كىتىمەن . بىردەملىك ھىسياتقا بىر ئۆمۈرلۈك ئازاپنى تىگىشۋالدىكەن . ئىرى پۇل تاپسۇن 0 تاپمىسۇن يەنىلا ئىرى ياخشى ، ھەرگىزمۇ ئەرگە ئىغىر تەلەپ قويۇش ياخشى ئىش ئەمەس . بەزىلىرىگە راستىنلا ئۇۋال بوپتۇ . ئىرى قىمارۋاز ، پاھىشۋاز ، ھاراقكەش قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇنلىندىكەن . شۇڭا چىدىماي خىتىنى ئاپتۇ . بويتاق يۈرەرمىش . ئەرلەرنىڭ ھەممىسى بىرخىلمىش . تۈفى پەقەت گۇمانخور ئادەم مۇشۇنداق دەيدۇ .

تۇرمۇش ئۇ بىر ھاياتنىڭ كارتىنىسى ئەر – ئاياللىق مۇھەببىتىنىڭ كۆركەم بىغى . ئەرلەر ئايالسىز ياشىيالمايدۇ ، ئاياللارمۇ ھەم . شۇڭا تۇرمۇشنى ئىغىر بىسىقلىق بىلەن ، سەۋىرچانىلىق بىلەن ، كەڭ قوساقلىق بىلەن ئىلىپ باردىغان نەرسە . سەۋىر قىلىڭ . 1 يىل قىلىڭ ، 2 يىل قىلىڭ . تاكى ئۆلگۈچە قىلىڭ ، بۇ دىگەن خۇدالىق ئالەم بىر كىشىنىڭ يەنە بىر كىشىدە قالمايدۇ . ئەجىرىنى ئاللاھھ بىرىدۇ . سىز ئىنسانغا ئەمەس سىزنى ، مىنى ، كائىناتنى ياراتقان رەببىمىزگە يارسىڭىز بولدى ، شۇڭا زورلاپ ئۆي تۇتۇڭ . سىزنى ساقلاپ تۇرغان ئاق ئاتلىق شاھزادىڭىزنىڭ ۋىجدانى بولسا ، ئىپپىتىڭىزنى ساقلايدۇ ، بولمىسا نىيتى ئەكىسچە بولىدۇ .

تۇرمۇشتا سوقۇشۇش ھەمىشە بولۇپ تۇردۇ . ئۇششاق ئىشلار تۈپەيلى يوغىناپمۇ كىتىدۇ . ئۇنداق ئىشلارغا ئىغىر بىسىقلىق قىلىڭ .

ئەرلەرمۇ ھازىر لامزەللىشىپ كەتكەن ۋاقىت ، بىر خوتۇننى ئالغۇچە ئالتۇن ، ئەپ بولۇپ تۆمۈر كىسەكچىلىكمۇ قەدىرلىمەس بولۇپ كەتتى . ئەمما ھەممىسى ۋاقىتلىق ئىشلار ئوغۇل بالا ئىتتىك ھۇشىنى تاپىدۇ ، تاپالمىغىنى مەينەت قولىدا نان يەپ قالغان ، كۆڭلىرى قارا بولىدۇ .

ئىسلامدىنمۇ كۆرىلى پەيغەمبەر ئەلەيسىسالامنىڭ 6 خوتۇنى بار . ھەممىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ ، كىيىمىنى ئىتىپ ، قوسقىنى توقلاپ ، خەجنى تەڭ بىرىپ 6 ئايالى پەيغەمبىرىمىزدىن رازى بولۇپ ئۆتكەن . چۈنكى ئۇ زاتنىڭ ئۆيىدە ئەركىشى قىلدىغان ئىش ئايرىم ، ئايال كىشى قىلدىغان ئىش ئايرىم ئەمەس ئىدى . ئەر- خوتۇن ئىككەيلەن بەس سىلىشمايتى . نامرات بولسىمۇ تۇرمىشى كۆڭۈللۈك ئىدى .ھازىرقى جەمىيتىمىزدە ئۆيىدە بالا باققۇچىسى بار ، تاماق ئىتىدىغان ئادىمىبار ئۆيلەردىمۇ ئاجىرىشى ھەممىدىن ئىتتىك .

قاراڭلار سىلەر بايلىقنى خوتۇن ئىلىشقا تىپىۋاتامسىلەر ؟ سىلەردە غايە يوقمۇ ؟ ئايالىڭلارنى قۇل بازىرىدىن ئىلىپ كەلسەڭلارمۇ ، سىلەرنىڭ  پاداڭلار ھىساپلىنىدۇ ، بىر ئوبدان تۇرمۇشنى بۇزۇشنىڭ ئۆزى ئادەم قىلپىدىن چىققانلىق  . كاللاڭلارنى سىلكىڭلار ئەركەكلەر .  بالا تاپالمىساڭلار ئايالىڭلاردىن كۆرمەڭلار  .

مۇشۇ تۈركىيەدە ئاجراشقانلارنى بەك ئۆچ كۆردىكەن . ئاجراشقان ئايالنى كىيىنكى قىتىم ئەر ئالمايدىكەن ، ئاجراشقان ئەرگە خاتۇن تەگمەيدىكەن .  ھەدىستىمۇ بار : تالاق قىلىنغۇچىغا لەنەت ، تالاق قىلغىچىغىمۇ لەنەت دەپ كاللا ىشلىتىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن . دوزاخ ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈنلا ياسالغان ئەمەس ، نىكاھ ئوقۇغان قارىملارمۇ توي قىلغان باللارغا نەسەھەت قىلىۋەرمەي ، ئىسلامنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرسە ، ئاندىن تۇرمۇش گۈزەللىككە ئايلانغۇسى !

3 – بالدۇر رەسمىيەتنى ئۆتۈش –  بۇ ئەڭ ئەۋجىگە ئالغان بىر ئىش . مىنىڭ كەسپىم توي مۇلازىمەت نۇرغۇن تويلارغا بارغان دىسەممۇ بولىدۇ . تولىسى كىچىك بالا ، بالدۇر ئەر خوتۇندارچىلىق قىلىپ قويغان ، ئامالسىزلىقتىن توينى قىلغان . كىيىن ياش سەل چوڭايغاندا ، چىقشالماي ئاجراشقان . توۋا دەپ كىتىمەندە . كىچىك – كىچىك شۇمتەكلەرنى ئۆيلەپ قويسا ، غەيرى تۇردىكەن ، ئەرەپلەرنىڭ قىزلىرى بالدۇر بالاغەتكە يەتكەچكە ، كىچىك تويىنى قىلىدۇ .

كونىلاردا مۇنداق بىر گەپ بار قاسساپنىڭ قىزى بالدۇر يىتىلىدۇ دەپ . شۇ كونىلار قىزلارنى كۈچلۈك تاماقتىن نىرى باققان . بالدۇر توي قىلىشقا قارشى ئەمەس ئەمدىلا 15 ياشقا ، چوڭى 17 ياشقا كىرگەن باللارنى ئۆيلەشكە مەخبۇر قىلغان ئىش نىمە ؟ دەل شۇ قىلىقسىزلىق ، ئەخلاقسىزلىق ئەگەردە ئىسلام قانۇنى بويىچە بىر تەرەپ قىلدىغان بولساق ، بۇ ئىككى كىچىك توي قىلىشقا مەرېكە زالىغا ئەمەس ، چالما كىسەك جازا مەيدانىغا بارىدۇ ، ئاتا – ئانىسىمۇ قالمايدۇ . يەنە ئۆزىڭىزنى مۇسۇلمان دەمسىز ؟ سىز شەرىئەتكە قارشى چىقىپ بولدىڭىز ، بالىڭىزنى ياخشى تەربىيلىيەلمىدىڭىز . ئاشۇلارغا پەتىشەپ دەپ ئولتۇرۇپ جىنسىيەت تەربىيسىنى بىرەلمىدىڭىز .

ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ مىلللىي ئەنئەنسى ، شەرىئەت ئەھكاملىرى بىلەن ياشىساق ، يۇرتىمىز تىخىمۇ گۈزەل ، كۆڭلىمىز ئازادە ، قىيامەتتە ،سوراقتا مەردانە تۇرالايمىز . بولمىسا مەھشەر كۈنى پىلسىرات كۆۋرىكىدىن ئۆتەلمەيسىز . سىزنى مۇشۇ دۇنيادا ياشاپ بولغان بولىسىز . شۇڭا  ھەممە ئىشقا ئاۋال ئىسلامىي كۆز قاراش بىلەن قاراپ ، قانۇن بىلەن يۇغۇرۇپ ، ئاندىن ھەزىم قىلسىڭىز ھەممىدىن ياخشى .

شۇ توينى قىلىپ ، خوتۇنىغا ئىگە بولمىغان بىر ئىنساننى ، ھەممە ئەركەككە چىتىۋالماڭلار ، ھەممىسى بىر يۈرەك بولغان بىلەن ئىچىدىكى زەردە باشقا . ۋىجدان باشقا . ھازىر جەمىيەت مۇشۇنداق يوسۇندا كىتىپ باردۇ . ياخشى ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن زىمىن بىزنى ئۈستىدە كۆتۈرۈپ تۇردى ، بولمىسا بىزمۇ قايسى قەۋىمگە ئوخشاش قۇم دىڭىزىغا غەرىق بولاتتۇق .   قىزلار سىلەر دىگەن ئەركىشىنىڭ نىممىتى ، سىلەر پەقەت ئىپپىتىڭلار بىلەن قىز بالا ، ئايال كىشى دەپ تەرىپلىنىسىلەر ، سىلەر ياخشى بولساڭلار . سىلەرگە بىرىلدىغان ئىنئام قىيامەتتە ئەڭ كۆپ . سىلەر ئۈممەت كۆپەيتىسىلەر ، سىلەر مۆئىمىن ئىرىڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىسىلەر !
ئوغۇل بالا بۇزۇق ئىش قىلىپ  تۈزەلگىنى بىلەن ، قىزلارنىڭ نامى مەڭگۈ تۈزۈلمەيدۇ .
سىلەر بىردەملىك ھىسياتنىڭ كەينىگە كىرسەڭلار تاكى ئۆلۈپ كەتكۈچە ئازابىنى تارتىسىلەر .
ئاياللار بىر پارچە ئاق رەخىتكە ئوخشايدۇ . ئۇنى پاكى تۇتۇش كىرەك ، ئۇمۇ قالايمىقان يەرلەرگە تاشلىنىو قالماسلىقى كىرەك .   
ئەرلەرگىمۇ شۇنداق بىر خىتاپ بار ؟  قىيامەتتە سىلەر ئۆز پاداڭلاردىن سورسىلەر !   
بۇ جانابى ئاللاھنىڭ سۆزى ؛ يەنى ئەركىشى خۇددى پادىچىغا ئوخشايدۇ ، پادىچى ئۆز پادىلىرىنى ياخىشى باشقۇرمىسا ، ئىگە بولمىسا بولمغىندەك …. قىيامەتتە شۇنداق سۇئاللار ئىلىنىدۇ ،  ئايال بىر تۇققان ھەمشىرەڭلارغا ئىگە بولۇڭلار . ئۇلارغا كۆز قۇلاق بولۇڭلار ، كۈيئوغۇل بولغۇچىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىڭلار . ئاشۇرۋەتمەڭلار . چۈنكى ئۇ شۇ ئۆينىڭ يۈكىنى ئەپ چىكەتتى ئەمەسمۇ !      

ئاياللار بۇ دۇنيادا ئەرلەرگە بىرىلگەن ئەڭ چوڭ نىھمەت . ئۇنى قەدىرلەش كىرەك . تۇرمۇش ھەرگىزمۇ بىر ئادەمدىن چىقمايدۇ ، ئىككى ئادەمنىڭ مۇھەببىتىدە ھاسىل بولىدۇ .

ئاياللارغا ئىغىر ئىشلار بولسا قىلىپ بىرىڭلار ،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ئۆيىدە  ئەر – ئايال دەيدىغان خىزمەت يوق ئىدى . قولىمىزدىن كەلسە قىلىپ بەرگەنگە سايىم بولۇپ كەتمەيمىز . قوساق ئاچسا تاماق ئىتىشنى بىلگەنلىك ھەرگىزمۇ يامان ئىش ئەمەس

                                                        تۈگىدى    كاشغەرى
                                                         مەنبەسى ھىسياتلرىىم

0 comments

پىكىر بايان يوق