| ئايال ئۆزىنى ئېرىدىن تۆۋەنرەك تۇتمىقى لازىم، دەپ قارىلىدۇ، بىزنىڭ ئەدەپىمىزدە، مەن ئەر كىشىمەن، سەن ھۆرمەت قىلىشقا مەجبۇرسەن، دەپ كۆكرىكىگە ئۇرىدۇ ئەركەكنىڭ ئۆزى. بىز شەرقلىق __ئەرلەرنى ھۆرمەت قىلىش بىز ئۈچۈن پەرز، دەپ نوقۇپ گەپ قىلغۇچىلاردىن بىرى __ مەن. خوش، ئەركەك نېمە ئۈچۈن بۇ قەدەر ھۆرمەتلىك؟ ئۇلارغا تەڭرى بۇيرغان قانداق ۋەزىپىلەر بار؟ شەرقتە ئاياللارنى قىزغانغانلىقتىن ئەمەس، ئايىغانلىرى ئۈچۈن كوچا ئىشلىرىدىن ئازاد قىلىنغان. مىڭ ئېگىلىپ، مىڭ پۈكۈلۈشنى تەلەپ قىلىدىغان ئائىلە ئىشلىرى ئايال ئۈچۈن يېتەرلىك زەخمەت ئىكەنلىكىنى، ئۇلار بېجىرگەن ئىشلارنى ئەركەكلەرنىڭ ئەسلا ئورۇندىيالمايدىغانلقىنى تەن ئىلىپ، مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئەۋلادىلىرىمىز ئاياللارغا ئىنتايىن كۆيۈمچان بولغان، ئائىلىنى بېقىش، ئۇنىڭ مۇھاپىزىتى، بىنا-ئىمارەت سېلىش، دېھقانچىلىق قىلىش، ئوتۇن يېرىش، سۇ تۇشۇش… دېگەندەك كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئەر كىشىنىڭ مەجبۇرىيىتى، دەپ بىلگەن. تەڭرىم مىڭ يىل ئاۋۋال ئەر بىلەن ئايالنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنى قانداق ئۆلچەمدە ياراتقان بولسا، ھازىرمۇ شۇنداق__ ئەركەكلەر ئاجىزلاپ، ئاياللار كۈچلۈكلىشىپ كەتكىنى يوق. ئەمما بىر پاجىئە يۈز بەردى؛ ئاياللارنىڭ زىممىسدىكى يۈكلىرى ئاشقانچە ئېشىپ، ئەرلەر ئاق بىلەك بولۇپ قالدى. بۇنىڭ ئۆستىگە تېلېۋىزوردىمۇ، رادىئو،گېزىت-ژورناللاردىمۇ، تەربىيە ئورۇنلىردىمۇ نىشان بىر شورلۇق ئايال! ‹‹قىزلارنى ئائىلە ئۈچۈن تەييارلاش كېرەك، ئانا مۇنداق بولۇشى كېرەك، كېلىن ئۇنداق…›› دېيىلىۋېرىدۇ. توغرا يولنى تونۇغان كىشلىرىمىز بۈگۈنكى ئاياللارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەسلىكىدىن ئەندىشىگە چۈشىدۇ…. خوش، بۈگۈنكى ئەرلەر قانداق؟ ئائىلىدە ئەر بىلەن ئايال ئوتتۇرىسدىكى مۇۋازىنەتنىڭ بۇزۇلۇشىدا، ئاياللاردا ئاياللارغا خاس بولمىغان ئالاھىدىلىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدا ئاساسلىق سەۋەب ئەرلەردىكى مەنپىئي ئۆزگىرىشلەر بىلەن باغلىق ئەمەسمۇ؟ ئەگەر مىللىي تەربىيەنى ئەرلەردىن باشلىماس ئىكەنمىز، ئۇلارنى ھەقىقىي شەرىقانە قىياپەتكە قايتۇرۇشقا ئالدىرماس ئىكەنمىز، پېئىللىق بولۇپ قېلىۋېرىمىز. كېلىڭ، ئائىلىلەرگە كىرىپ بۈگۈنكى يىگىتلەرنى يېقىنراقتىن كۆرەيلى، يىگىتلەرنىڭ بىرىنچى كەتكۈزۈپ قويىۋاتقىنى زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلارنىڭ ‹‹ بىر يىگىتكە قىرىق تۈرلۈك ھۆنەر ئاز›› دېگەندىن يىراق بولۇپ قېلىشلىرىدۇر. بۇنىڭدا ئاساسەن ‹‹مەن جاپادا ئېزىلىپ چوڭ بولدۇم، شۇ جاپالارنى بالام كۆرمىسۇن›› دەپ چوڭلىرىمىز ئوغۇللىرىمىزنى ئاق بىلەك قىلىپ قويدى، بارىمىزنى سەرپلەپ، بالىلارنى بويى بىلەن تەڭ ئوقۇشلۇقلار بىلەن ئوقۇتتۇق، پەقەت بىرلا كەسىپكە باغلىنىپ قالسىڭىزمۇ چاتاقكەن. بۇ دۇنيا – چاقپەلەك، گاھ ئۇ تەرەپكە سۇ قۇيىدۇ، گاھ بۇ تەرەپكە، ئىشىڭىزدا ئارقىغا كېتىش بولىدۇ، بالىچاقا كۆڭلىڭىزگە قاراپ تۇرۇپتۇ. سىز يۆلەنگەن تېرەكلەر قۇرۇپ كەتكەن، بىشىڭىزغا كۈن چۈشۈپ، مەدەتكارسىز قالدىڭىز، مەدىكارلىق سىزگە ئۇيات، سودىغا پەمىڭىز يوق. بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ئاتا-ئانىڭىزمۇ، ئۆزىڭىزمۇ ھۆنەرنى پىسەنتىڭىزگە ئالمىغان، شۇنى تونۇپ يېتىسىزكى، ئوقۇشتىن سىرىت يەنە يىگىت ئۈچۈن ھېچ بولمىسا بىر خىل ھۆنەر بىلىش شەرت. ھۆنەرۋەن كىشى ھېچقاچان ئاچ قالمىغان… كۆزىتىپ يۈرىمەن، مەھەللىمىزدە بىر ئائىلە بار، ھەمىشە بىردەك مەمۇرچىلىق، ھەمىشە باياشاتلىق. بۇ ئۆيدىكى ئەر تەجرىبىلىك تېۋىپ. بىر ئېتەك بالىسى بار، ئايالى ئىشلىمەيدۇ. مانا نەچچە يىل بولدىكى، كېچىلىرىمۇ ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن توكۇلدىغان تاۋۇش ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ __ كەسپى بىلەن شۇغۇللىندۇ، دۆلەتكە ئىشلەشنىمۇ قويمايدۇ، ئۇ ئادەم قېرىلىق يېتىپ دەم ئېلىشقا چىقتى. شۇ چاغدا ئەمدى بىر ئاز جىمىپ قالسا كېرەك، دەپ ئويلىغان ئىدىم، نەدىكىنى، يەنە شۇنداق بىر خىلدا ياشىماقتا. ئەمدى ئوغۇللىرى ئانىسىنىڭ يېنىغا كىرىشكەن؛ كوچىدا زىيالىي، ئۆيدە ھۆنەرۋەن. بىر يىگىت بىلەن بىر مەكتەپتەئىشلىگەن ئىدىم،ئۇ فىزىكىغا ناھايىتى ئۇستا مۇئەللىم ئىدى، ئۆيدە زوقىڭىز كەلگۈدەك بۆشۈكلەرنى ياسايتتى. شۇ ھۆنەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇ ناھايىتى چىرايلىق ئىمارەتلەرنى سالدى، چوڭ ئۇكام ماتېماتىكا ساھەسىدە ئالىم. شۇنىڭ بىلەن بىر پەيىتتە ئۇ ئۆزى ياشايدىغان مەھەللە-كوينىڭ كۆزىگە كۆرۈنگەن ھۈنەرۋىنى. كىمدۇر ئېلېكتىر ئەسۋابىنى ئېىلىپ چىىقىدۇ. كىمدۇر ئايۋىنىغا پول ياتقۇزۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. كىمدۇر ئۆيىگە ئىشكاپ ياسىتىشقا چاقىرىدۇ، قول-ئىلىكىدە بار كىشلەر ھەق بەرسە ئالىدۇ، ئىمكانى يوقلارغا ئېھسان تەرزىدە ياردەملىشىدۇ، موھىمى، كوچىغا چىقىسا بويى ئېگىزلەرمۇ ئېگىلىپ سالام بېرىدۇ. ئائىلە سىزنىڭ پارقىراپ تۇرغان سۆلتىڭىزگە ئەمەس، قولىڭىزغا قارايدۇ. يېشىڭىز قىرىقتا بولسىمۇ قوشۇمچە ھۆنەر ئۈگىنىڭ، بۇرادەر. پېشانە تەرى بىلەن تەۋرىتىلگەن ئائىلە ئەڭ خاتىرجەمدۇر، خاسىيەتلىكتۇر. بىراۋنىڭ دوپىسىنى بىراۋغا كىيدۈرۈپ، ئۇنىڭدىن ئۈندۈرگىنىنى بۇنىڭغا پارا بېرىپ، شاراق-شۇرۇق پۇل تاپقانلارنىڭ ھالىنى كۆرۈڭ: تەڭرىم ئۇلارنىڭ تويلىرىنىمۇ تېتىتتۇرمايدۇ… پەقەت پۇل تېپىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي ئەركەكنىڭ ۋەزىپىسنى بېجىرىش ئۈچۈنمۇ يىگىتنىڭ ئون بارمىقى ئون ئىشنى بىلىشى شەرت. دەيلى، قوشنىڭىز ئۆينى ئۆزى ئاقارتىدۇ، بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئۆزى ئوڭشايدۇ، ھېلى قازانغا قاپقاق ياساۋاتقان، ھېلى ئوچاققا ئوتۇن تەقلەۋاتقان بولىدۇ…. ئەتراپىدىكىلەرنى مىننەتدار قىلالىغان ئادەملا ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر. ئادەمنىڭ مۇكەممىلى يوق، ئانچە-مۇنچە خاتالىقلارنى، ئادىشىشلارنى سادىر قىلىپ قويۇش مۇمىكىن. پەقەت سىزدىن ئۆزىڭىزدىن خىجالەتلىك سېزىلسە، بۇ خىجالەتچىلكىڭىز مۇكەممەللىككە ئېرىشش يولىدىكى تەبئىي ھالەتلەر تەرزىدە نامايەن بولسا، بۇنىڭغا رەھمەت! ئەمما ئاڭلىق ۋە بىپەرۋالىق تەرزىدە گۇناھلارنى سادىر قىلىسىڭىز، مەن دېگەن ئەركەكقۇ، شۇڭا يەلكەڭ تاپىنىمنىڭ ئاستىدا تۇرىشى كېرەك دەپ، تەكەببۇرلۇق قىلىدىغان بولسىڭىز، ياراتقۇچى بىزنى كەچۈرسۈنكى : سىزنى ئانىڭىزدىن تۇغۇلغىنىڭىزدىن تۇغۇلمىغىنىڭىز ياخشى ئىدى، دېيىشكە ھەقلىق بىز! ئەمدى سىز تېلېۋىزورنىڭ ئالدىدا سوزلۇپ يېتىۋەرسىڭىز، ئايالىڭىز بولسا نېرىقى مەھەللىدىن سۇ توشۇسا، ئۆيدە تەمەچلەر چېچىلىپ، گۈلزارلار ئىچىنى ئوت بېسىپ ياتسا، ھويلىڭىز ئوڭغۇل-دوڭغۇل، ئاشىخانىڭىزنىڭ تېمى يىقىلغان، قورۇدا قوي ماياقلىرى چېچىلىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما سىز بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي چايخانىدا گەپ سېتىپ، ئۆيىڭىزدە تاماق يەپ، ھاراق ئىچىپ ئولتۇرۇۋەرسىڭىز ياكى قىز-كېلىنلەرنىڭ ئالدىدا ئېغىزىڭىزدىن بولار-بولماس سۆزلەر چىقىۋەرسە، يا ئۇ يەردە بىر ئاي، بۇ يەردە بىر ئىشلەپ قويۇپ، تۆت تەڭگىڭىزنىڭ تايىنى بولمىسا، ئايالىڭىز بالىلىرىغا قوشۇپ سىزنىمۇ بېقىۋاتقان بولسا، ئېيتىڭچۇ، ئەمدى سىزنىڭ ئېتىڭىز كىم؟ شەرقتە ئائىلە يۈكىنى پىلدەك تارتقىنى، ھەر بالاغا قالقان بولغىنى ئۈچۈن ئەركەكلەر يۇقىرى باھالاپ كېلىنگەن، سىز ئازغۇن، ئائىلىۋى بەخىتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان، بالىچاقا بولسا بار، ئۆيۈمدە گاھ دېسەم قولۇمغا قونىدۇ، كوچىدا بولسا بايۋەتچچىمەن، دەپ يۈرىدىغان مەنىۋىيىتى كەمبەغەل ئەر ئىكەنسىز ___ بولغىنىڭىزچە بولىۋېرىڭ، سىزگە ئىچىنىش بىھاجەت! ئەمما چاياندىن چايان كۆپىيىدۇ، يىلاندىن يىلان. سىزنىڭ ئائىلىڭىزدىن پۈتۈن ئادەم چىقمايدۇ _ دەھشەتلىكى مانا شۇ! قىزىڭىزنى ياخشى ئادەملەر ئالمايدۇ، ئوغلىڭىزغا چۈشكەن قىزنىڭ بەختى كەمتۈك بولىدۇ، ئاياللىرى بېشنى تۆۋەن قىلىپ چىقىدىغان ئائىللەر بار ئىكەن، جەمئىيەت ساغلام بولالمايدۇ. بۇرادەر، ئۆز مىللىتنىڭ ئەخلاق مىزانلىرىنى ئۆزىدە جەم قىلغان ئادەم ھەقىقىي مەدەنىيەتلىكتۇر، پۇل تېپىپ، مال تېپىپ، مىللىيلىكىنى قالاقلىق دەپ كەمسىتىپ، ئەتىراپىدىكلەرنى كۆزىگە ئىلماي يۈرىۋاتقانلارمۇ كۆپلەپ تېپىلىدۇ. مەسلەن، ئەر-ئايالنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى بىلەن ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىىپ ئولتۇرىشى، پەرزەنتىلەرنىڭ ئاتا-ئانىغا بىمالال گەپ ياندۇرىشى، ئاتا-ئانا ئولتۇرغان جايدا ئاياغ سوزۇپ ئولتۇرۇش ياكى سوزۇلۇپ يېتىش بىزنىڭ پېئىلىمىز ئەمەس. كەيىپ ئەقىلىنى ئوغرىلاپ، ئادەمنى ئىنسانىيلىق قېلىپىدىن چىقىرىدۇ، بولۇپمۇ ئايالنى. گەرچە پەقەت ئاياللارنىڭ ئاياللار توپى ئىچىدە بولسىمۇ قولىغا ئىسپىرتىلىق ئىچىملىك ئېلىشى ئاشۇ ئايالنىڭ جۈپتى ياكى ئاكا-ئۇكىسى بولمىش ئەركەكنىڭ ئىمانى سۇسلۇقىنىڭ بەلگىسىدۇر! ئۆيدە ئايالنىڭ يۇقىرى تۇرۇشى ئۈچۈن يەلكىسىنى تەڭلەپ كۆنگەن، ئوغۇل-قىزلىرىغا سۆزىنى (ئورۇنلۇق سۆزىنى، ئەلۋەتتە) ئۆتكۈزەلمىگەن ئەركەكمۇ بىزنىڭ ئەمەستۇر! بازار ئىشلىرى ئومۇمەن، ئائىلىگە تېگىشلىك كوچا ئىشلىرىنىڭ ئايالنىڭ زىممىسىگە يۈكلىنىشى شۇ ئائىلە ئەركىكىنىڭ غايەت بىلىمسىزلىكى ۋە ئىماننىڭ سۇسلۇقىدۇر. مىللىي پېئىلىمىزدا ئار-نۇمۇس ھەرقانداق مەنپەئەتتىن يۇقىرى تۇرىدۇ، كېيىنىكى ئوتتۇز-قىرىق يىلىدىن بېرى شۇ مۇقەددەس ئار-نۇمۇسىمىز خار بولماقتا. ئايالىنى قالقان قىلىپ ئىش پۈتكۈزگۈچىلەرئۇچراشقا باشلىدى. ‹‹سەن پىششىق ئىش قىلىسەن›› دەپ ئۆزىنىڭ ئايالىدىن ناچارلىقىنى تەن ئېلىپ، بازار ۋە تۈرلۈك -تۈمەن ئىدارىلەردە پۈتىدىغان ئىشلارغا ئايالىنى بۇيرۇپ، ئۆزى ئۆي ساقلاپ قالىدىغان ئەركەكلەرنىڭ بارلىقى بىزنىڭ يىگىت ۋە مىللەت ئۈچۈن داغدۇر. ئاتا-ئانا سۈپىتىدىكى ئوغۇل تەربىيلەشتىكى خاتالىرىمىز بىزنى شۇنداق ھالەتكە ئېلىپ كەلدى؛ يىگىتلىرىمىزنىڭ ئۈچتىن بىرى جىسمانەن بەقۇۋۋەت ئەمەس. جىسمانىي ئىشى كەم بولىدىغان ئائىلنىڭ ئوغۇل بالىلىرى، ئەلۋەتتە، تەنتەربىينىڭ بىرەر تۈرىگە قاتنىشى كېرەك.ئاياللار ، سەۋر-قانائەتلىك، مېھنەت-زەخمەتلەرگە پىلدەك چىداملىقى بىلەن ئائىلە ھۆرمىتى، پەرزەنت يۈزى دەپ بىز ئەركەكلەر بىلەن بىرگە ئۆتىۋاتىدۇ، ئۇلار بىزنى داستانلاردىكى قەھرىمانلارغا، چاقماققا، بورانغا ئايلىنىپ بەر، دەۋاتقىنى يوق، ئىنسانىي قائىدىدە يىگىت قانداق قائىدە-بۇرچلارنى بېجىرىشى كېرەك بولسا، شۇنداق بولۇشىمىزنى تەلەپ قىلۋاتىدۇ، خالاس. ئىنشائاللا، غۇرۇرنى يىگىتلەر تىكلەيدۇ، دۇئالىرىمىز ئىجابەت بولسۇن، بىزگە خۇددى تاغقا يۆلەنگەندەك يۆلىنىپ تۇرغان ئائىللىرىمىزگە ئەركەكلىك غۇرۇرىمىز بىلەن نەزەر سالايلى، مەردانە ياشايلى ئەركەكلەر………….. _________ ياشاش تىلسىمىدىن |
ئەركەكلەرگە: سىز ئۆينىڭ رەھبىرىسىز
پىكىر بايان يوق
0 comments