ئەركەكلەرگە: قېرىنداشلىق قەرزلىرى

مەلۇمكى، ئوغۇل بالا كوچىدا چوڭ بولىدۇ، ئۈچ، تۆت ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئوغۇلنى كوچىغا چىقىرىش ئۈچۈن ئاتا ياخشى خاراكتېرغا ئىگە بولۇشى كېرەك. ناۋادا ئاتىنىڭ ئاتىلىق سالاپىتى بولمىسا، بۇ تەرىپى چاتاق….
     ئاتىڭىزنى سەل ياۋاش، دەيلى. ئانىڭىز ئۇنىڭدىن رايىش. خوش، ئەمدى بەش ئوغۇل بەش تەرەپكە يورغىلاۋەرسۇنمۇ؟ ئاتا-ئانىدىن كېيىنچۇ؟ ھەممە ئۆزىگە خوجايىنمۇ؟
بۇنداق ھالەتتە خالامدۇ، خالىمامدۇ، باشقۇرغۇچىلىق ھوقۇقى چوڭ ئوغۇلدا بولىدۇ. جىگەرلىك ۋە ئار-نۇمۇسلۇق بىرى ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە ئۆمۈرۋايەت شۇ ئائىلنىڭ مەنىۋى پۈتۈنلۈكى ئۈچۈن جاۋبكارلىقنى بوينىغا ئېلىشى لازىم. پەرزەنتىي سالىھلىق ئەنە شۇ.
      باشقۇرغۇچى پەرزەنتكە ئۆمۈر بويى قىيىن بولىدۇ، ئۇ باشقىلارنىڭ ئالدىدا خاتا قىلماسىلىقى، ئەقىلىقلىقى، خالىسلىقى، قېرىنداشلىرىغا مېھىرىبانلىقى بىلەن پەرقىلنىپ تۇرۇشى كېرەك. ئۇنىڭ پىدائىيلىقى بولسا ھېچقاچان قۇرۇق قالمايدۇ. تەڭرى ئۇنىڭغا ئۇ كۈتمىگەن تەرەپلەردىن مۇرۇۋۋەت يەتكۈزىدۇ. ئەڭ كاتتىسى شۇكى، ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىرى بىر-بىرىگە كۆيۈملۈك بولىدۇ. ئەقىللىق قېرىنداش خالىس تۇرۇپ ئاكا-ئۇكىلار ئوتتۇرىسدىك ئىناقلىقنى ئاسىرايدۇ، ئارىدىكى گىنە-ئاداۋەتلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئاتا-ئانىدىن كېيىن توزۇپ كېتىش ئۆزىڭىزدىن كېيىنكى ئەۋلاد زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش دېمەكتۇر. ئۇكامنىڭ بالىلىرى بىلەن مېنىڭ بالىلىرىمنىڭ ئىناق بولۇشنى خالىسام، ئۆزۈم ئۇكامغا ئۈزلۈكسىز مېھىرىبانلىق قىلىشىم ۋە بۇنى ئۇنىڭمۇ، مېنىڭمۇ بالىلىرىم كۆرۈپ تۇرۇشى كېرەك. ئۆزىمىزدىن كېيىنكىلەرنىمۇ كۆزىمىزنىڭ ئوچۇق ۋاقتىدا باغلاپ قويماس ئىكەنمىز، زاتى يوق كىشىگە ئايلىنىپ قېلىشى ھېچگەپ ئەمەس.
     يىگىتلەر، ئېسىڭىزدە بولسۇن، يىگىت _ ئەر بولۇپ تۇرۇپ، ھېچقاچان، ھېچ يەردە ئۆز قېرىندىشىڭىزدىن شىكايەت قىلماڭ، گىنە-ئاداۋەت ساقلىماڭ، ئاكىڭىز ياكى ئۇكىڭىزدا گىنە قىلىدىغان ئىشنىڭ سادىر بولغىننىڭ ئۆزى سىزنىڭ گۇناھىڭىزدۇر.
     شۇنى ئەستە تۇتۇڭكى، ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ھەممە بالىسىغا باراۋەر بۆلۈپ بېرىدۇ، قايسىبىرىمىزنىڭ پۇتىغا تىكەن كىرمىسۇن، بارچىمىزنىڭ جېنى بىر خىلدا  ئاغرىيدۇ. ئاتا-ئانىمىزغا چىن مېھىرىبان بولساق، ئاۋۋال ئۇلاردىن تارقالغان قېرىنداشلىرىمىزنى ئاۋايلىماق كېرەكتۇر. ئۆز مەنپەئەتى ئەتراپىدا ئاۋارە بولماق ھايۋانلارنىڭ ئىشى، پەقەت ئىنسانلارلا باشقىلارغا ئىشىندۇ. دېمەك، قېرىندىشىم، يەنى سىز تۇرۇپ، سىزدىن ئەمەس، يات-بىگانىلەردىن مېھىر-ساخاۋەت كۆرسەم، بۇ سىز ئۈچۈن ئۇياتلىق گۇناھ، مەن ئۈچۈن بىر ئارمان ئەمەسمۇ؟
     سىڭلىڭىزغا بېرىلگەن ئازار ئانىڭىزغا بىرىلگەن ئازار بىلەن، ئاكا-ئۇكىنى رەنجىتىش ئاتىغا قىلىنغان بىۋاپالىق بىلەن تەڭدۇر. بىز ھېچقاچان ئاكا-ئۇكىلىرىمىزنىڭ قېشىمىزغا مۇھتاج بولۇپ كېلىشىنى كۈتمەيلى. ئۇلاردىن ئاۋۋالراق ئاگاھ بولۇپ، قېرىنداشلقىمىزنى يەتكۈزەيلى. يەنە ئېيتاي، سىزنىڭ ئۆيلىنىشىڭىز ئاكا-ئىنىلەر ئارىسىغىمۇ نازۇكلۇق سالىدۇ، شۇڭا ھەربىر ھەرىكەتنىڭ ئۆلچەملىك بولغىنى ياخشى. ئەسلا ئايالىڭىز ئالدىدا ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللارغا قاتتىق تەگمەڭ، كۆڭلى يېرىم بولمىسۇن. كېلىننىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ ئابرويىنىڭ تۆكۈلۈشى كېيىنچىلىك كۆڭۈل سوۋۇشقا ئېلىپ كېلىدۇ.
     نېمە ياخشلىق قىلغان ياكى قىلۋاتقان بولساق، بىر جاندىن بارلىققا كەلگەن قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈندۇر. بۇ نېمەتلەرنى ئۇلارغا مىننەت قىلماق، يۈزىگە سالماق گۇناھى ئەزىمدۇر. قېرىندىشىمىز ھەتتا ناقابىل چىققان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ناقابىللىقىدىن كايىيلى، خاپا بولايلى. لېكىن <<پالانى ۋاقىتتىكى پالانى ياخشىلقىمنى بىلمىدىڭ>> دېمەيلى، ھەرگىز دېمەيلى. ئەلقىسە، قىلغان ياخشىلىقلىرىمىزنى ئۆزىمىز يۇيۇپ كېتىمىز.
      ئوغلانىم، سىز ئائىلىلىك چوڭ ئادەم بولۇپ قالدىڭىز، ئەمدى ئۇكىلارنىڭ ھەممە مەسىلىلىرى سىزگىمۇ مەسئۇلىيەت يۈكلەيدۇ، ئۇلارغا ئەسقېتىشتىن تاشقىرى ئاكا-ئىنىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى نازارەت قىلىپ تۇرىسىز. كېرەك بولسا، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسدا كۆۋرۈك بولۇشقىمۇ ياراش كېرەك.
     بۇ زەخمەتلەر ھېچقاچان ھاۋاغا ئۇچۇپ كەتمىگەن، سىز ئاكا-ئىنىڭىزنى قانچىلىك قەدىرلىگەن بولسىڭىز، پەرزەنتلىرىڭىزمۇ بىر-بىرلىرىنى خۇددى شۇنداق قەدىرلەيدۇ.
     بۇ _ شۇنداق ئۆتنە ئالەمدۇر!

                                                        تۇرسۇنئاي سادىقۇۋا

0 comments

پىكىر بايان يوق