1.ئاتىكارچى ئاياللار. بۇنداق ئاياللار ھەممە ئادەمنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىۋېلىپ، ئەتراپىدىكىلەرنى سۆكۈپ، ئاۋارىچىلىك تاپىدۇ.
2.ئۈجمە كۆڭۈل ئاياللار. ئۇلارنىڭ ئۈجمە كۆڭۈل بولۇپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى دەسمايە، يەنى ياش ۋە سۇمباتلىق بولغانلىقىدۇر. ئەلۋەتتە بارلىق ياش، گۈزەل ئاياللارنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ئۈجمە كۆڭۈللۈك ساقلىنىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كۆڭلىدەك ئويلىشىمۇ، ئۆزىنى تېزلا كونترول قىلىۋالىدۇ. بەزى ئۈجمە كۆڭۈل ئاياللار قاياققا ئەگسە ئېگىلىۋېرىدۇ، نەگە باشلىسا كېتىۋېرىدۇ، ئۆزىنى كونترول قىلالمايدۇ، ھەر قانداق يۈرەكلىك ئەرمۇ بۇنداق ئاياللاردىن ئەنسىرەيدۇ.
3. گۇمانخور ئاياللار. گۇمانخور ئايالنىڭ غەلۋىسى كۆپ بولىدۇ. بۇنداق ئاياللار ئەرلىرى ئىشتىن بالدۇر ياكى كېچىكىپ كەلسە، سەۋەبىنى سوراپ بېشىنى ئاغرىتىدۇ، جېدەل چىقىرىپ ھالىنى قويمايدۇ.
4.بەك ئەقىللىق ئاياللار. بەك ئەقىللىق ئاياللار ئەرلەرگە نىسبەتەن ئىككى بىسلىق قىلىچقا ئوخشايدۇ، ھەممە ئىشلاردا ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ، ئىنچىكە ھېسابات قىلىپ، ئەرلىرىنىڭ ھېسابات ياردەمچىسىگە ئايلىنىدۇ، ئۇلار ئەرلىرىدىن ھەتتا نەچچە تەڭگىنىڭمۇ ھېسابىنى ئالىدۇ.
5. چېچىلاڭغۇ ئاياللار. ھازىرقى جەمئىيەتتە كىشلەر ئوبرازغا بەكرەك ئېتىبار بېرىدۇ، بىر كىشىنىڭ ئوبرازى ئۇنىڭغا باشقىلارنىڭ ئامراق بولۇش دەرىجىسىنى بەلگىلەيدۇ. ئادەتتە ئاياللار دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە تەقى-تۇرقىغا بەكرەك دىققەت قىلىدۇ، بۇنداق ئاياللار باشقىلارنىڭمۇ ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ. بەزى ئاياللار ئۆي ئىچىدە خۇددىي ئىپتىدائىي ئادەملەردەكلا يۈرىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ئۇشتۇمتۇت كېلىپ قالغان مېھمانلار ئۇلارنى شۇنداق ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. شۇڭا ئەرلەر بۇنداق چېچىلاڭغۇ ئاياللاردىن خاتىرجەم بولالمايدۇ.
6. چېچەن-پاكىز ئاياللار. چېچەن-پاكىز ئاياللار نېمە كۆرسە لويا ئەينەكنى كۆتۈرۈۋېلىپ، بىرەر تال زەررىچىنى كۆرسىمۇ خاتىرجەم تۇرالمايدۇ، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ، كەلگەن مېھمانلارنىڭمۇ ئىچىنى سقىپ قويىدۇ.
7.تەرسا ئاياللار. كاج ئاياللار ئۆلسىمۇ كېلىشىشنى خالىمايدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ گەپ-سۆزىنى شۇنداق توغرا، دەپ قارايدۇ،خاتالىقىنى بوينىغا ئېلىشنى خالىمايدۇ.
8. زوراۋان، زەھەرخەندە ئاياللار. ئەمەلىيەتتە ئەر-ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش، ئاچچىقى كەلسە كۆزىگە ھېچنېمە كۆرۈنمەي، ئىچىدىكىنى قويماي دەۋېتىدۇ. بەزى ئاياللار ئاچچىقى كەلسە ئەرلىرىنى ئۇرۇپ-تىللاپ، زوراۋانلىق قىلىدۇ. زوراۋان ئاياللارغا قارىغاندا زەھەرخەندە ئاياللار تېخىمۇ قورقۇنچلۇق.
9.تاماق ئېتەلمەيدىغان ئاياللار. بەزى ئاياللار تاماق ئېتىشنى ياقتۇرمايدۇ، ھەر كۈنى ئېرى بىلەن سىرتلاردا تاماق يەپ يۈرىدۇ، لېكىن بىر ئائىلە ئۈچۈن ئۆيدە ئىسسىق تاماق ئېتىش تولىمۇ مۇھىم. بىر كۈن ئىشلەپ ھېرىپ-ئېچىپ كەلگەن ئەرلەر خوتۇنىنىڭ تاماق ئېتەلمەسلىكى سەۋەبلىك سىرتتا غىزالىنىشقا مەجبۇر بولسا، بۇ نېمىدېگەن ئېچىنشلىق-ھە.
مەنبەسى:شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
ئەرلەرنى خاترىجەمسىز قىلىدىغان ئاياللار
پىكىر بايان يوق
0 comments