1 _ ماگنىتنىڭ ئوخشاش قۇتۇبلىرى تىپىشىپ ، ئوخشىمىغان قۇتۇبلىرى تارتىشقاندەك ، ئەر بىلەن ئەركەك زەدەك ئايال ، ئايال بىلەن خىنىم مىجەز ئەر چىقىشالمايدۇ ، پەقەت نوچى ئەر بىلەن لاتاپەتلىك ئاياللا < ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز > قويغاندەك يارشىدۇ .
2 _ بىشەم ئايال ئەرنىڭ ھەم ئاشكارە ھەمراھى ھەم يوشۇرۇن قاتىلى
3 _ كۈلگەك خوتۇن غەيۋەتكە يىقىن ، كۆلۈڭچەك ئەر توھمەتكە .
4 _ ئەر لامزەللە بولسا خوتۇن كوچىغا چاپىدۇ ، خوتۇن كوت – كوت بولسا ئەر ئۆيدىن قاچىدۇ .
5 _ ئاياللار ھەممە ئىشنى بىلىشكە قىزىقىدۇ ، ئەرلەر قىلىشقا .
6 _ ئايال كىشىنىڭ تەربىيەڭنى قوبۇل قىلمىغانلىقى قاشاڭلىقتىن ئەمەس ، بەلكى سىنى ھەم سۆزۈڭنى كۆزگە ئىلمىغانلىقىدىندۇر .
7 _ ئايال كىشىىڭ مال _ دۇنياسى ئەر ئۈچۈن سەرىپ قىلىنغاندا ، ئۇ ئەرنىڭ غۇرۇرىغا تىگىپ تۇردىغان تاشقا ئايلىنىدۇ .
8 _ ئېرىڭنىڭ پەزىلىتى ئۆزۈڭدىن تۆۋەن دوستۇڭنىڭ ئۆيىگە ، ئايالنىڭ پەزىلىتى ئۆزۈڭدىن ئۈستۈن دوستۇڭنىڭ ئۆيىگە مىھماندارچىلىققا ئىلىپ بارساڭ ئاشكارلىىنىدۇ .
9 _ ئەر _ ئايال بىر – بىرىنى ھەقىقى چۈشەنگەن ۋاقىتتا ئارىدىكى مۇھاببەت ۋە نەپرەت ئىنىق ئايرىلىدۇ .
مەنبە : شىنجاڭ قانۇچىلىق گىزىتى
0 comments