ئامېرىكىلىق داڭلىق پسىخىلوگ مورلى ئىنسانلارنىڭ پسىخىك ئېھتىياجىنى يەكۈنلەش ئارقىلىق ئەر – خوتۇنلارنى ماسلاشتۇرۇپ ئىناق قىلىدىغان بەش خىل مەنىۋى ئېھتىياجنى تېپىپ چىققان. 1. ھۆرمەتكە ئېرىشىش ئېھتىياجى: ئادەمدە كىچىكىدىن باشلاپلا قەدىر – قىممەت قارىشى يېتىلىشكە باشلايدۇ، شۇڭا ھەرقانداق ئادەم قەدىر –قىممىتى زىيانكەشلىككە ئۇچرىسا، ئازابلىنىدۇ.ئەر –خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ھۆرمەت، ئىشىنىش مۇھەببەتنى كۈچەيتىپ، كەسىپتە مۇۋاپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئاساسىي كاپالىتى. ھەرقانداق تەنبىھ ۋە كەمسىتىش قىلمىشلىرى قارشى تەرەپنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىپ، كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ. 2. مۇستەقىل ۋە ئۆزىنى ئىپادىلەش ئېھتىياجى: ھەرقانداق ئادەم ئۆز قارىشى ۋە ئىرادىسى بويىچە ئىش قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.شۇنداقلا ھەر بىر ئادەم باشقىلار ئالدىدا ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى نامايەن قىلىپ، ئۆزىنى كۆرسىتىشنى تېخىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ. ئەر – خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىمۇ ھەمىشە تىل ۋە ھەرىكەت ئارقىلىق قارشى تەرەپنى ھەيران قالدۇرىدىغان، ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان ۋە ماختاشقا ئېرىشىدىغان جەريانلار بولۇشى كېرەك. 3. ئالاقە قىلىش ئېھتىياجى : جەمئىيەت ئادەملەر تۇرمۇش كەچۈرۈپ، شادلىققا ئېرىشىدىغان ماكان. جورىسى ياكى سۆيگىنىنى باشقىلار بىلەن ئارىلاشتۇرمايدىغان ھەرىكەت مۇھەببەتنىڭ چوڭقۇر ئەمەسلىكىنىڭ ئىپادىسى بولۇپلا قالماي، يەنە قارشى تەرەپتە روھىي تەڭپۇڭسىزلىق پەيدا قىلىدىغان ناچار ئۇسۇل. 4. ھەۋەس ۋە ھېسسىيات ئېھتىياجى: ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھەۋىسى، قىزىقىشى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا ئامال بار قارشى تەرەپنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ قۇلايلىق شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىش كېرەك.ھېسسىياتتا مۇھەببەت مەركەز بولۇپ، بۇزۇلماس چوڭقۇر مۇھەببەت قارىشى تەرەپنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.بولىسا ئۈمىدسىزلىنىش، نارازىلىق، تېركىشىش، ئۆچمەنلىك پەيدا بولۇپ، ھېسسىيات بۇزۇلىدۇ. 5. دەرد – ئەلىمىنى چىقىرىش ئېھتىياجى: جورىڭىز ياكى سۆيگىنىڭىزنىڭ كەيپىياتى ناچار چاغدا ھەمىشە دەردىنى ئېيتىپ ئىچىنى بوشىتىدىغان ئادەمگە موھتاج بولىدۇ.بۇ چاغدا دەردىنى چىقىرىدىغان تاللاش ئوبيېكتى ئاساسەن سىز، يەنى ئۆز يېقىنى، سۆيگىنى بولىدۇ. بولۇپمۇ ئەر – خوتۇنلار ھەمىشە قارشى تەرەپنىڭ دەردىنى تۆكىدىغان ئوبيېكتى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا ھەرقانداق بىر تەرەپ ئاكتىپلىق بىلەن قارشى تەرەپنىڭ دەرد – ئەلىمىنى قوبۇل قىلىشى، ئاڭلىشى ھەمدە تەسەللىي بېرىپ، مۇۋاپىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ئازابىنى يېنىكلىتىشكە ياردەم بېرىشى كېرەك. شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدىن ئېلىندى. |
ئەر – خوتۇنلارنى ئىناق قىلىدىغان بەش خىل مەنىۋى ئېھتىياج.!!
پىكىر بايان يوق
0 comments