ئەر – خوتۇنلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، ئۇرۇشۇپ قېلىش نىكاھقا زىيانلىق ئىشتۇر . ئۇنىڭ ئالىدىنى ئالىدىغان ئۇسۇل بارمۇ؟
شۋېتسىيە ئالىملىرىنىڭ ئەڭ يېڭى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشچە ، بىر كۈندىكى 1440 مىنۇت ئىچىدە ئەر – خوتۇنلارنىڭ جىدەللىشىنى ئەڭ ئاسان كەلتۈرۈپ چىقىرىغان مەزگىل پەقەت سەككىز مىنۇت ئىكەن . يەنى ئەتىگەندە ئىشقا مېڭىشتىن بۇرۇنقى تۆت مىنۇت ھەمدە ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كەلگەندىن كېيىنكى تۆت مىنۇت . ئەر – خوتۇننىڭ ياش پەرقى
ئاۋسترالىيە دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تەتقىقاتچىسى2001 – يىلىدىن2007 – يىلىغىچە 2500 جۈپ ئەر – خوتۇن ياكى توي قىلماي بىللە تۇرۇۋاتقانلارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئۇزارتىدىغان ئامىللارنى يەكۈنلەپ چىققان .
1 – ئامىل ، ئىككى تەرەپنىڭ ياش پەرقى . ئەگەر ئېرى خوتۇنىدىن توققۇز ياش ياكى ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ بولسا ، ئاجرىشىش نىسبىتى باشقىلاردىن بىر ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ .
2 – ئامىل ، بالا . توي قىلماي تۇرۇپ بالىلىق بولغان ياكى ئالدىنقى نىكاھىدىن بالىسى بار ئەر – خوتۇنلارنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتى %20 بولىدۇ ،لېكىن تويدىن كېيىن بالىلىق بولغان ئەر – خوتۇنلارنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتى %9 بولىدۇ .
3 – ئامىل ، ئىقتىسادىي ئەھۋال . ئەگەر ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناچار ياكى ئەر تەرەپ ئىشسىز بولسا ، %16 ئەر – خوتۇن ئاجرىشىپ كېتىدۇ ،لېكىن ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشىلارنىڭ ئىچىدە پەقەت %9 ىلا ئاجرىشىپ كېتىدۇ . ئاتا – ئانىنىڭ نىكاھ ئەھۋالى ، ئەر – خوتۇنلارنىڭ تاماكا چېكىشى قاتارلىق ئامىللارمۇ نىكاھ مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
مەنبەسى:ئامانلىق ژورنىلى
0 comments