ئەر-خۇتۇن ئوتتۇرسىدىكى چۈشۈنۈش ئاچقۇچلىرى

بەزىلەر دەيدۇ تۇرمۇشتىكى مۇھىم نەرسە مۇھەببەت دەپ. مەن دەيمەنكى تۇرمۇشتىكى مۇھىم نەرسە ئۆز ئارا چۈشۈنۈش، ئۆز-ئارا چۈشۈنۈش بولمىغان ئائىلدە ھەقىقى مۇھەببەت بولمايدۇ.تۇرمۇشتىن ئىلگىرىكى ياكى تۇرمۇشنىڭ بېشىدىكى مۇھەببەت گەرچە مۇھەببەت ئاتالغۇسى بىلەن ئاتالسىمۇ ھەقىقى مۇھەببەت ئەمەس،بەلكى ئىككى جىنىس ئوتتۇرسىدا بولىدىغان تەبئى مايىللىقتىن ئىبارەت خالاس،ئۆز-ئارا چۈشۈنۈش بەخىتلىك تۇرمۇشنىڭ ئاچقۇچى.ئەرلەر ئاياللارغا ئوخشىمايدۇ، ئاياللارمۇ ئەرلەرگە ئوخشىمايدۇ،بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسنىڭ تەپەككۇر قىلىش،گەپ سۆز،مۇئامىلە، ۋە مۇھەببەتنى ئىپادىلەشتە ئۆزىگە خاس تىلى بار،ئەر ئايالىغا، ئايالنىڭ تىلى بىلەن سۆزلىشى ۋە مۇئامىلە قىلىشى كېرەك، ئايالمۇ ئەرگە، ئەرنىڭ تېلى بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك،تۇرمۇشتىكى مەسىللەرنىڭ كۆپىنچىسى،بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپكە ئۆزىنىڭ تىلى بىلەن مۇئامىلە قىلىغانلىقىدىن كىلىپ چىقىدۇ.
تۇرمۇش دىگەنلىك،يۈرۈش تۈرۈش،گەپ سۆز،ئىش -ھەركەت،مۇئامىلە ،ۋە پىكىر قىلىش ئۇسلۇبى تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئىككى جىنىسنىڭ بىللە ياشاشنى كۆرسىتىدۇ،بۇنداق ئوخشىماسلىقلار ئىچىدە بۇ ئىككى جىنىسنىڭ ئوتتۇرسىدا بىرقىسىم مەسىللەرنىڭ يۈز بېرشى نورمال ئەھۋال، بۇيەردىكى مۇھىم مەسىلە يۈز بەرگەن مەسىللەرنى قانداق ھەل قىلىش! ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئۆز-ئارا بىربىرىنى چۈشۈنۈش.

چۈشۈنۈشنىڭ بېرىنجى ئاچقۇچى
ئۆز-ئارا سۆھبەت
كۆپ پاراڭلىشىش(مۇڭدىشىش) – ئەر-خۇتۇن ئوتتۇرسىدىكى مۇڭدىشىش تۇرمۇشنىڭ مۇھىم تۆۋرىكلىرىدىن بىرى،پاراڭلىشىش بولمىغان ئائىلىدە ھۇزۇر بولمايدۇ،مۇھەببەت تېخىمۇ بولمايدۇ.
ئىككىنجى ئاچقۇچى
ھۆرمەت قىلىش
ئىنساننى ھۆرمەتلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ،ھۆرمەتلىگەن ئادەمنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ھۆرمەتلەيدۇ،ئادەم ماددى جەھەتتە ھاۋا،سۇ ،تاماققا ئېھتىياجلىق بولغاندەك،ھۆرمەتلىنىش ئىنساننىڭ تەبئى تەلەپلىرىنىڭ بېرى.

ئۈچىنجى ئاچقۇچى
رېئاللىق
تۇرمۇش قۇرغۇچى ۋە تۇرمۇشقا چىققۇچى ھەرئىككى تەرەپ رېئاللىققا يۈزلىنىشى كېرەك،ئەر ئايالىدىن خىيالىدىكى مەلىكە بولۇپ بەخىتلىك قىلىشنى ئىستەيدۇ،ئايال ئېرىدىن تەسەۋۋۇرىدىكى ئاق ئاتلىق شاھزادە بولۇپ بەخىتلىك تۈرمۇش يارتىپ بېرىشنى تەلەپ قېلىدۇ، مانا بۇ بۈگۈنكى كۆپىنچە تۇرمۇشنىڭ بۇزۇلىشىنىڭ سەۋەبى. رېئاللىقتا ئۇنداق شاھزادە مەلىكىلەر يوق. بەخىتنى ھەرئىككى تەرەپ كۈچىنىڭ يىتىشچە تىرىشىش ئارقىلىق بەرپا قېلىدۇ، شۇڭا رېئاللىقا يۈزلىنىش چۈشۈنۈشنىڭ مۇھىم ئاساسى.

تۆتىنجى ئاچقۇچ
ئۈچىنجى شەخىسنى ئارىلاشتۇرماسلىق
تۇرمۇشتا ئەر~خۇتۇن ئوتتۇرسىدا بىرقىسىم مەسىللەر يۈز بېرىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا چوڭلاردىن مەسلەھەت ئېلىشقا بۇلىدۇ،لېكىن تۇرمۇشىڭىزغا ۋە ئايالىڭىز بىلەن بولغان ئالاقىگە ئۈچىنجى شەخىسنى ئارلاشتۇرماڭ ئامال بار ئۆزىڭىز ھەل قىلىشقا تېرىشىڭ.
‏ئەر-خۇتۇن ئارسىدىكى چۈشۈنۈشنىڭ قاتىلى ھىسابلىنىدىغان تۈۋەندىكى خاتا قاراشلاردىن ساقىلىنىش،يۇقارقى چۈشۈنۈش ئاچقۇچلىرىنىڭ ئالدىنقى شەرتى.
‏ئاياللارنىڭ ئەرلەر توغرىسىدىكى سەلبى قاراشلىرى:

‏چىقىملىرىنى، خەجىلىرىنى يولدىشنىڭ چىقىملىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش

ئەرلەردىن ئۈستۈنلۈك تالىشىشقا ئۇرۇنۇش

ئۆزى قىززىقىدىغان ئىشنى ئائىلىسنىڭ مەنپەتىنى ئويلاشماستىن،ئۇرۇنداشنى تەلەپ قىلىش
ئەرلەردىن ھەرۋاقىت رومانتىك بولۇشنى تەلەپ قىلىش
ئەرلەر جىمغور بۇلۇپ قالغاندا مىنى ياخشى كۈرمەيدىكەن دەپ قارىۋېلىش.
‏ئەرلەرنىڭ ئاياللار ھەققىدىكى سەلبى قاراشلىرى:
ئايالنى تەپەككۇر،مۇئامىلە،سۆھبەت جەھەتتلەردە ئۆزىگە ئوخشاش دەپ قارىۋېلىش

ئاياللارنىڭ تەبىيتى دەپ قاراپ،ئايالىنىڭ شىكايەت،ھال مۇڭلىرىغا پەرۋا قىلماسلىق

ئاياللارغا خۇددى ئەرلەرگە مۇئامىلە قىلغاندەك،ھىسياتتىن خالى ئەقىل تىلى بىلەن مۇئامىلە قىلىش

مەسىلىلەرگە قارىتا ئايالىنىڭ تەدبىر چارىلىرنى، ئىقتىدارىغا گۇمانى پۈزىتسىيەدە تۇرۇپ رەت قىلۋېتىشماددىۋى كاپالەت بىلەن كۇپايىلنىپ ئايالنىڭ روھى كاپالەتكە ئەھمىيەت بەرمەسلىك

كوتۇلداش ئاياللارنىڭ تەبئىيتى،شۇڭا ئاياللارغا سۆزلەشكە ئارام بەرمەسلىك،بىكار قالسىلا ئىشقا سېلىش كېرەك دەپ قاراش

تۇرمۇشتا راھەت بېغىشلاشنى ئاياللاردىنلا كۈتۈش،خۇددى ئايال ئەرنى بەخىتلىك قىلىش ئۈچۈنلا يارتىلغاندەك
خىزمەت بېسىمى،ۋاقىتنىڭ زىچلىقى تۈپەيلى ئايالى بىلەن مۇڭدىشىشقا ۋاقىت يوق،بۇنى ئايالىم توغرا چۈشۈنىدۇ دەپ قارىۋېلىش.
ئاپتور: (‏ئۈمىدۋارمەن)
مەنبە: ئوقۇغىن بلوگى

0 comments

پىكىر بايان يوق