!ئەي قىز مەن سىزنى ياخشى كۆرۇپ قالدىم


ھۆرمەتلىك تورداشلار بۇ تىمامنى كۆرۇپ مىنى باشقىچە چۇشۇنۇپ قالماڭلار،ئەمىلىيەتتە مەن بۇ خەتلەرنى مەلۇم بىر قىزغا قارتىپ يازغان بولماستىن بەلكى بىز ئوغۇللارنىڭ قانداق قىزلارنى ياقتۇردىغانلىقىمىزنى ئىپادىلەپ يازدىم دىسەم توغرا بولار.تۆۋەندىكىلەر بىز ئوغۇللارنىڭ (بولۇپمۇ شەخسەن مىنىڭ ) قىزلار مانا مۇشۇنداق پەزىلەتلەرنى ئۆزىدە ھازىرلىسكەن،دىگەن ئۇمۇدىمىزنىڭ مەھسۇلى.

مەن سىزنى ياخشى كۆرۇپ قالدىم.نىمە ئۇچۇن دەمسىز؟چۇنكى سىز بەك-بەك گۇزەل،مۇنداق دىسەم سىز مىنى قىزلارنى چىرايىغا قاراپ تاللايدىغان ئوغۇللاردىن ۋاپا كەلمەيدۇ دەپ خاتا چۇشۇنۇپ قالماڭ،مىنىڭ سىزنى بەك -بەك گۇزەل دەپ گۇزەللىكىڭىنى تەكرار ئىيىتقىنىمغا دىققەت قىلمىدىڭىزمۇ؟
بۇ سۆزنى تەكرار ئىيىتقانلىقىم سىزنىڭ چىرايىڭىزنى ۋە قەلبىڭىزنى گۇزەل دىگىنىمدۇر.مىنىڭ سىزگە ئاشىق بولۇپ قىلشىمغا سىزنىڭ گۇزەل چىرايىڭىزلا ئەمەس بەلكى،ئەڭ مۇھىمى سىزنىڭ گۇزەل قەلبىڭىز سەۋەپ بولغاندۇر.

مەن سىزنى ياخشى كۆرۇپ قالدىم.نىمە ئۇچۇن دەمسىز؟چۇنكى سىز بەك مۇلايىم،چىرايىڭىزدىن ئىللىق تەبەسسۇم ئۇزۇلمەيدۇ،سىزنىڭ ماڭا ھەممىدىن بەكرەك يارايدىغان يىرىڭىز شۇكى سىزنىڭ يۇزىڭىز بەك تۆۋەن ،ئوغۇللارغا تىكىلىپ قارىمايسىز،داۋاملىق ئۇلاردىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇپ تۇرسىز،مەن سىزنىڭ سەزگۇرلكىڭىزگە قول قويماي تۇرالمايمەن،نىمە ئۇچۇن بۇنداق دەيسىز دىدىڭىزمۇ؟ مەن سىزگە كۆيۇپ-پىشىپ يۇرگەن كۇنلەردە نەچچە قىتىم سىزنى بىردەم بولسىمۇ كۆرىۋىلىش،دىدارىڭىزغا قىنىۋىلىش مەقسىتىدە ھەر خىل بانا سەۋەپلەر بىلەن سىزنىڭ قىشىڭىزغا بارسام سىز مەقسىتىمنى ئۇقۇپ قالغاندەك قولىڭىزنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتقۇزماي مەندىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇپ يۇردىڭىز، سىزنىڭ بۇ شەرمى-ھايالىق ،گۇزەل ئەخلاقىڭىز مىنىڭ قەلبىمدىكى ئوتنى تىخىمۇ كۇچەيتىۋەتتى،ئىيتىپ بىقىڭا ؟منىڭ يۇرۇكۇم سىزدەك قىزغا كۆيمەي كىمگە كۆيسۇن.

مەن سىزنى ياخشى كۆرۇپ قالدىم.نىمە ئۇچۇن دەمسىز؟چۇنكى سىز بەزى قىزلاردەك كالتە كىيىملەرنى ،بەدەنگە چاپلىشىپ تۇردىغان ئالىقانداق پادىچىلار ئىشتىنى دىگەندەكلەرنى كەيمەيسىز، مەن سىزنىڭ باشقا مىللەتلەرنىڭ،چەت ئەللەرنىڭ ناچار ،پۇچەك مەدىنىيىتىنى يۇقتۇرۋالماي دىنىمىز كۆرسەتكەن يول بويىچە ئۆرۇپ ئادىتىمىزگە ۋارىسلىق قىلىپ مىللىچە كىيىملەرنى كىيىپ يۇرگىنىڭىزنى كۆرگىنىمدە سىزگە بولغان ھۆرمىتىم ۋەمۇھەببىتىم تىخىمۇ ئاشىدۇ.

مەن سىزنى ياخشى كۆرۇپ قالدىم.نىمە ئۇچۇن دەمسىز؟چۇنكى سىزنىڭ قولىڭىز بەك ئەپچىل ئىكەن،ئۆي ئىشلىرى دىگەننى گۇل-گۇلىگە كەلتۇرۋىتىدىكەنسىز،ئەتكەن تاماقلىرىڭىزنىڭ ئىسىللىكىنى دىمەيلا قوياي،بىر قىتىم يەپ قالغان ئادەمنىڭ يەنە بىر قىتىم يىگۇسى كىلىپ ئىغىزىغا سۇ يىغىلىپ كىتىدۇ دىسە،سىز بىلەن تۇرمۇش قۇرغان ئەر نىمدىگەن بەخىتلىك ئەر ــ ھە!.
سىزدەك ياخشى قىزنى كىلىن قىلىۋالغان قىيىن ئانىنى تەلىيى ئوڭدىن كەپتۇ دىيىشكە بولىدۇ.

مەن سىزنى ياخشى كۆرۇپ قالدىم.نىمە ئۇچۇن دەمسىز؟چۇنكى سىز بىلىم ئىلىش يولىدا داۋاملىق ئىزدىنىپ تۇرسىز،پايدىلىق ئىلىملا بولىدىكەن،شۇ ئىلىمنى ئۇگۇنىۋىلىشكە ئالدىرايسىز،مەن سىزدە بۇنداق بىلىمگە بولغان ھىرىسمەنلكنى كۆرۇپ سىزنى ياخشى كۆرۇپ خاتا قىلمىغانلىقىمنى ھىس قىلدىم.نىمە ئۇچۇن بۇنداق دەيسىز دىدىڭىزمۇ؟ چۇنكى كەلگۇسىدە ئانا بولۇشقا سىزدەك مانا مۇشۇنداق شەرمى -ھايالىق،ئەدەپ-ئەخلاقلىق،ئىلىم سۆيەر قىزلارلا ئەڭ مۇۋاپىق .مانا مۇشۇنداق ئانىلارلا كەلگۇسىدە مىللىتىمىزنىڭ ياراملىق ئەۋلاتلىرىنى يىتىشتۇرۇپ چىقالايدۇ.مەن سىزدە بۇ گۇزەل پەزىلەتلەرنى كۆرۇپ مىللىتىمىزنىڭ كەلگۇسىدىكى گۇزەل ئىستىقبالىنى كۆرۇپ يىتىۋاتىمەن.

ئىيتىڭە ئەي گۇزەل جانان! مەن سىزدەك قىزنى ياخشى كۆرمەي كىمنىمۇ ياخشى كۆرەي!!!
شەبنەم مۇنازىرە مۇنبىرىدىن

0 comments

پىكىر بايان يوق