| قىزلار سىلەردىكى مۇنۇ ئاداتلەرنى قەتئى ياقتۇرمايدۇ . ..1. ئولتۇرغاندا ئىككى پۇتىنى بىر-بىرىگە ئالماشتۇرۋېلىپ ھەدەپ لىككاڭشىتىپ ئولتۇرۇش . 2. ئولتۇرغاندا شىمنىڭ پۇشقىقىنى ئىگىز كۆتۇرۇۋېلىش . 3. ئۇدۇل كەلگەن يەرگە تۈكۈرۈش . 4. ئەينەككە تولا قاراش ، ھەددىدىن زىيادە ياسانچۇقلۇق قىلىش . 5. كۈلگەندە ئىككى قولى بىلەن ئاغىزىنى تۇسۇۋېلىش . 6. يول ماڭغاندا بەل ۋە ساغىرىسنى ئوينىتىپ مېڭىش . 7. چاي ئىچكەندە ، تاماق يىگەندە ، نەرسە-كېرەك تۇتقاندا چىمچىلاق قولىنى تىك كۆتۇرۇۋېلىش . 8. يول يۈرگەندە سومكىسنى ئالدىغا ساڭگىلىتىپ ئېسىۋېىلىش . 9. ئولتۇرغاندا ئىككى تىزى ھەم پۇتىنى چىڭ جۈپلەپ ئولتۇرۇش . 10. سومكىسىنى بېلىگە ئېسىۋېلىش . 11. ھەمىشە بۇرۇنىنى كوچىلاش . 12. كۆزىنى ھەددىدىن ئارتۇق كۆپ چىمىلدىتىش . 13. خۇشال بولغاندا قوللىرىنى كۆتۈرۈپ ئۇسۇل ئويناپ نايناقلاش . 14.تولا كېكىرىش . 15. قولىنى تۈكۈرۈكتە ھۆللەپ پۇل ساناش . 16. يېنىدىن قىز ياكى چوكانلار ئۆتسە ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ ئۇلارنىڭ قارىسى يۈتكۈچە كۆز ئۈزمەي قاراش . 17. تاماقتىن كېيىن بىر ھازاغىچە چىشنى كولاش . 18. تاماكىنىڭ ئىسىنى بۇرۇنىدىن چىقىرىش . 19. پويىز ، ئاپتوبۇس ، كىنوخانا ، يىغىن زاللىرىدا پۇتلىرنى ئالدىنقى قاتاردىكى ئورۇندۇققا ئارتىۋېلىش . 20. ساقال-بۇرۇتلىرىنى سىلاش ، يۇلۇش . 21. بېشىنى تاتىلاپ چېچىنىڭ كېپىنى ئۆرلىتىۋىتىش . 22. ئاممىۋى سورۇنلاردا قۇلىقىغا تىڭشىغۇچ تىقىۋېلىپ ناخشا-مۇزىكا ئاڭلىغاچ ، سەكرەپ ئۇسۇل ئويناپ كىتىش . 23. ئايغىنى يېشىپ ئۆز پۇتىنى ئۆزى پۇراپ بېىش . 24. خەت يازغاندا ئاغىزىنى يوغان ئېچىۋېىلىش . 25. قوللىرىدىن قاس چىقىرىش . 26. ئورۇن تاللىماستىنلا كەلسە-كەلمەس جايلاردا ئۇخلاپ قېلىش . 27. كوچىلاردا بىر-بىرنىڭ مۈرىسىگە قوللىرىنى ئارتىۋېلىپ ئاغىزىغا كەلگەن پاراڭلارنى قىلىشىپ كۈلۈشۈپ مېڭىش . 28. ئۆزىدىن چوڭلارنى ھۆرمەتلىمەسلىك ، ئۆزىدىن كىچىكلەرنى ئورۇنسىز بۆزەك قىلىش . 29. ئۆرپ-ئادەت ، ئەقىدە-ئېتقادقا كۆڭۈل بۆلمەسلىك . 30. كىيىم-كېچەك ، يۈرۈش-تۇرۇشنىڭ نۇرمال ھالەتتىن غەلىتىلىككە قاراپ تەرەققى قىلىشى . 31. غايە ، ئېتقاد ، ئەخلاقسىزلىققا ياتىدىغان سۆز-ھەركەتلەرنى تولا قىلىش . 32. ﺋﻪﺗﯩﺮﻧﻰ ﺑﻪﻙ ﻗﯧﻨﯩﻖ ﭼﯧﭽﯩﯟېلىش ، ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ھەددىدىن زىيادە ﭼﺎﭺ ﻣﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﺎﻳﻼﭖ ، ﭘﺎﻗﯩﺮﯨﺘﯩﭗ يۈﺭۈش ، ﭼﯧﭽﯩﻨﻰ ﭘﺎﺕ-ﭘﺎﺕ ﻳﯘﻳﯘﭖ ﺗﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﯩﻐﺎ ﺑﻪﻙ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭۋېلىش ……….. قاتارلىقلار !!!ھازىرچە مىنىڭ ياقتۇرمايدىغانلىرىم مۇشۇنچىلىككەن ، مۇنبەردىكى خانىم قىزلارمۇ ياقتۇرمايدىغان ئادەتلىرىڭلار بولسا ئىنكاس شەكىلدە قالدۇرۇپ قويساڭلار ، يىگىتلىرىمىزدە شۇنداق ئادەتلەر بولسا تاشلاپ ئۆزىنى تىخىمۇ مۇكەممەل قىلىۋېلىشىغا ئازراق بولسىمۇ پايدىسىدۇ بولىدۇ دەپ قارىغاچقا يوللاپ قويدۇم .ﻣﻪﻥ ﺋﻮﻳﻼﻳﻤﻪﻥ ، ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ، ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﭗ ﻛﯩﺘﻪﻟﻪﻳﺴﯩﺰ . ﮔﻪﭖ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰﺩﺍ ! ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺧﺎﻟﻰ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ …. ﺳﯩﺰﻣﯘ ، ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺷﯘ ….. ﺷﯘﯕﺎ بۇ-تېمىدا ﻛﻪﯓ ﻗﻮرﺳﺎقلىق بىلەن مۇنازىرە قىلساق دىگەن ئۈمۈتتە مەن !!! كۆپچىلىككە رەھمەت مەنبە : ئويلىغانلىرىم . |
ئەي يىگىتلەر ، ئاگاھ بۇلۇڭلار ! قىزلار سىلەردىكى مۇنۇ ئادەتلەرنى قەتئى ياقتۇرمايدۇ
پىكىر بايان يوق
0 comments