بىر زىيالىدىن:
-ئەڭ ئىسىل بايلىقىمىز نەدە؟-دەپ سورىدىم.
-كىتابخانىدا،-دىدى زىيالى.
بىر تېۋېپتىن سورىدىم:
-ئەڭ ئىسىل بايلىقىمىز نەدە؟
-تەن ساقلىقتا،-دىدى تېۋېپ.
بىر ئارخېئولوگدىن سورىدىم:
-ئەڭ ئىسىل بايلىقىمىز نەدە؟
-يەر شارىدا،بولوپمۇ ئىنسانىيەت ئاياغ باسمىغان تاغ-
ئىدىر،چۆل-جەزىرىلەردە،-دىدى ئارخېئولوگ.
بىر جاھانكەزدىدىن سورىدىم:
-ئەڭ ئىسىل بايلىقىمىز نەدە؟
-پادىشاھنىڭ خەزىنىسى بىلەن باي-غوجاملارنىڭ
ئامبارلىرىدا،-دىدى جاھانكەزدى.
بىر ئوقۇغۇچىدىن سورىدىم:
-ئەڭ ئىسىل بايلىقىمىز نەدە؟
-ۋەتەن-مىللەتنى سۆيىدىغان قابىل ئوقۇتقۇچىلاردا،
-دىدى ئوقۇغۇچى.
بىر ئۆلىمادىن سورىدىم:
-ئەڭ ئىسىل بايلىقىمىز نەدە؟
-تىلىمىزدا،دىلىمىزدا،ئېتىقادىمىزدا،-دىدى ئۆلىما.
دۇنيادىكى نوپوزلۇق تىل-يېزىقتىكى كىتاپ-ژورناللارنى
تولوق ئوقويدىغان بىر دوكتور ساۋاقدىشىمدىن:
-ئەڭ ئىسىل بايلىقىمىز نەدە؟،-دەپ سورىدىم.
خەلقچىل مۇھەررىرلىرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ قان-تەر بەدىلىگە
روياپقا چىققان ۋە چىقىۋاتقان كىتاپ-ژورناللاردۇر،-دىدى
دوكتور ساۋاقدىشىم.
ئاخىرىدا،خەلىقنقڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە مۇيەسسەر بولغان
خەلقپەرۋەر بىر مۇھەررىردىن:
-ئەڭ ئىسىل بايلىقىمىز نەدە؟-دەپ سورىدىم.
-ئەقلىمىزدە،-دىدى مۇھەررىر كىسىپلا.
مەن بۇ جاۋاپنى ئاڭلاپ بۇ سۇئال ھەققىدە ئەمدى يەنە
باشقىلار بىلەن مۇنازىرىلىششنىڭ قىلچە ئورنى
قالمىغانلىقىنى تولوق چۈشەنگەندەك بولدۇم.
مەنبە؛شىنجاڭ مەدەنىيتى ژورنىلى
0 comments