ئاپئاق ساقاللىرى مەيدىسىگە چۈشۈپ تۇرغان ئۈچ بوۋاي بىر ئايالنىڭ ھويلىسى ئالدىدا ئارام ئېلىۋاتاتتى. بۇ ئۈچ بوۋاينىڭ بىرى « بايلىق » ، بىرى « مۇۋەپپىقىيەت » ، يەنە بىرى « مۇھەببەت » ئىدى. ئايال ئۇلارنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىۋىدى، ئۇلار قاقاھلاپ كۈلگىنىچە ئايالغا « رەھمەت » ئېيتتى . ھەم ئازىراقمۇ مىدىرلاپ قويمىدى . ئايال بۇ ئىشتىن تېڭىرقاپ تۇرۇپ قېلىۋىدى ، ئۈچەيلەن ئايالغا :
_ بىز ئۈچىمىز بىرلا ۋاقىتتا بىر ئۆيگە تەڭ كىرەلمەيمىز. سىز بېرىپ ئۆيىڭىزدىكىلەر بىلەن ئويلىشىپ كۆرسڭىز ، سىلەر ئۈچىمىزنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن بەك كىمگە ئېھتىياجلىق ؟- دېدى .
ئايال ئۆيگە كىرىپ ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئېيتتى. ئېرى بۇنى ئاڭلاپ ھەم ھەيران ھەم خۇش بولغان ھالدا :
_ راستىنلا شۇنداق بولسا، بىز بايلىق بوۋاينى ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ ، ئۆيىمىزنى بايلىق بىلەن توشقۇزايلى ، – دېدى .
ئايالى بۇنىڭغا قوشۇلمىدى :
_ سۆيۈملۈكۈم ، بىز نېمىشقا مۇۋەپپىقىيەت بوۋاينى تەكلىپ قىلمايمىز ؟ قىلغان ئىشىمىزنىڭ ھەممىسى مۇۋاپپىقىيەتلىك بولسا، ئۇ ۋاقىتتا تېخىمۇ ياخشى بولمامدۇ ؟- دېدى.
بۇ ۋاقىتتا كېلىنى سۆز قىستۇرۇپ : « بىز يەنىلا مۇھەببەت بوۋاينى تەكلىپ قىلايلى، ئۇنى تەكلىپ قىلىپ ئائىلىمىزنىڭ ھەممە يېرىنى قويۇق مۇھەببەت بىلەن توشقۇزايلى » دېدى.
_ ئۇنداقتا كېلىنىمزنىڭ دېگىنىچە بولسۇن ، – دېدى ئەر – خوتۇن كېلىنىگە قاراپ باش لىڭشىتقان ھالدا .
شۇنىڭ بىلەن ئايال ئۆيدىن چىقىپ مۇھەببەت بوۋاينى ئۆيگە كىرىپ مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلدى. كىم بىلسۇن ، مۇھەببەت بوۋاي ئورنىدىن تۇرۇش بىلەن تەڭلا ، مۇۋەپپىقىيەت بوۋاي بىلەن بايلىق بوۋايمۇ تەڭ ئۇنىڭغا ئەگەشتى . ئايال ئەجەبلەنگەن ھالدا سورىدى :
_ بىز تەكلىپ قىلغىنى « مۇھەببەت » تۇرسا ، سىلەر ئىككىڭلارنىڭ ئەگىشىۋالغىنى قانداق گەپ ؟
ئۈچ بوۋاي خۇشال بولغان ھالدا جاۋاب بەردى :
_ قەيدەردە مۇھەببەت بولسا ، شۇ يەردە بايلىق ھەم مۇۋەپپىقىيەتمۇ بولىدۇ .
مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى(جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيۇ تورى)دىن ئېلىندى
0 comments