بىزگە قانداق قىزلار كېرەك

ئانا بىر قولىدا بۆشۈكنى تەۋرەتسە، بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ . شەرىم- ھايالىق، ئەخلاقلىق، پاك دىيانەتلىك بولۇش قەدىمدىن تارتىپ قىز- ئاياللارغا قويغان ئەخلاق ئولچىمىدۇر.
نۆۋەتتە ھاراققا بېرىلىش قىسمەن قىزلىرىمىز ئارىسىدا ئەۋج ئېلىپ ، جەمئىيىتىمىزدە « ئىچەرمەن قىزلار » توپىنى شەكىللەندۈرۈپ قويماقتا.
ئا xx مەلۇم ئۇنۋېرسىتېتنى پۈتكۈزگەن، ھازىرچە ئىشسىز .
    نىمە سەۋەبتىن ھاراق ئىچىدىغان بولۇپ قالدىڭىز ؟

مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن خىزمەتكە ئورۇنلىشالمىدىم، كۈنلىرىم بېسىم ئىچىدە ئۆتۈشكە باشلىدى، نەتىجىدە كەيپىياتىم ياخشى بولمىسىلا ھاراق ئىچىدىغان بولۇپ قالدىم .

ئاتا – ئانىڭىز بۇ ئىشنى بىلەمدۇ؟ ئاتام بۇرۇن تۈگەپ كەتكەن، ئاكامنىڭ مەن بىلەن كارى يوق. ئانام دەسلىپىدە قاقشىغان، لىكىن قاقشاشلىرى كار قىلمىغاندىن كېيىن گەپ قىلمايدىغان بولىۋالدى .

    ز xx ئالى مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرس كەسپىنى پۈتكۈزگەن، مەلەۇم ئىدارىنىڭ خىزمەتچىسى. نىمە سەۋەپتىن ھاراق ئىچىدىغان بولۇپ قالدىڭىز؟ مېنى ئۆزى خالاپ ھاراق ئىچەمدىكىن دەپ ئويلاپ قالماڭ، ئالى مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن ئىچىپ سالدىم. بىزنىڭ ئىدارىدە خىزمەتداشلار ئولتۇرۇشى بەك كۆپ، ئولتۇرۇشلار ھاراقسىز ئاخىرلاشمايدۇ، بۇنداق سورۇنلارغا بارمىسىڭىز، باشلىق رەنجىيدىغان گەپ، بۇ خىزمەتكە تولىمۇ تەستە ئېرىشكەچكە، شۇڭا ئامالسىزلىقتىن ئىچىمەن. ھاراق ئىچىدىغانلىقىڭىزنى ئاتا-ئانىڭىز بىلەمدۇ؟ ئاتام بۇرۇنلا تۈگەپ كەتكەن، ئانامنىڭ بىلىپ قېلىشىنى خالىمايمەن شۇڭا ھاراق ئىچكەن كۈنلەردە ئۇ ئۇخلاپ قالغاندا ئۆيگە كىرىمەن

    نۆۋەتتە جەمىيىتىمىزدىكى قىسمەن قىز- ئاياللىرىمىز ئارىسىدا پەيدا بولغان ھاراققا بېرىلىشتەك بۇ ناچار ئىللەت ھەر قانداق بىر ئادەمنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ.

    شىنجاڭ مائارىپ  ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، شائىر، يازغۇچى ئابدۇلئەھەد ئابدۇرېشىت بەرقى بۇ ھەقتە مۇنداق دىدى:

     بىزگە قانداق قىزلار كېرەك ؟ دېگەن بۇ سۇئال ئادەمنى سەل قىينايدۇ، چۈنكى نۇرغۇن ئادەم « مەن » دېگەن نۇقتىدىن پىكىر قىلىشقا ئادەتلەنگەن، ئۇلار ماڭا قانداق قىز كېرەك؟ دېگەن سۇئالغا قىينالمايلا جاۋاپ بېرەلەيدۇ-يۇ ، « بىزگە » دېگەن سۆز ئالدىدا تېڭىرقاپ قالىدۇ. ھازىر قىممەت قاراشلىرىمىز تۇراقسىز بىر دەۋىردە ياشاۋاتىمىز، بەزىلەر قىزلارنىڭ ئوچۇق- يوۇق، سورۇنلاردا ئۆزى بىلەن تەڭ ئولتۇرالايدىغان، ئىچەلەيدىغان بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ ياكى ماڭا شۇنداق قىزلار كېرەك، دەپ ئويلايدۇ، ئەمما شۇنداق قىزلارنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلارنىڭ ئايالىنىڭ، قىزىنىڭ ياكى سىڭلىسىنىڭ شۇنداق بولۇپ قېلىشىنى خالىماسلىقى مۇمكىن.

  قىسقىسى، بىر ئانىنىڭ قىزىغا قويغان تەلىپى بىلەن ئاتىنىڭ، ئاكىنىڭ، ئۇستازىنىڭ، جمئىيەت ئەربابلىرىنىڭ قىزلارغا قويغان تەلىپى ئوتتۇرىسىدا ئوخشىماسلىقلاىر بولىدۇ. ئېنىقكى، ئاياللارنىڭ ساپاسى بىۋاستە مىللەتنىڭ ساپاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاياللار مەسىلىسى ھەل بولمىغان، ئاياللارنىڭ چېھرىدە بەخت، خاتىرجەملىك نۇرلىرى چاقنىمىغان مىللەت، ئەل مەڭگۈ قەد كۆتىرەلمەيدۇ.

    ھەر قانداق بىر قىز ئانا بولىدۇ. ئايال كىشى بىر مۇنبەت زېمىن، ئۇنىڭدىن پۈتكۈل دۇنيا كۆكلەيدۇ. قىز – ئاياللارنى بۇ سالاھىيەت نۇقتىسىدىن كۆزەتكەندە، بىز ئۇلارنىڭ ئويۇنچى، ئىچەرمەن، ئىدىيەسى « ئېچىلىپ كەتكەن » بولۇشنى خالىمايمىز. ھەر قانداق بىر ئادەم ئانىنىڭ ۋۇجۇدىدىن تۆرەلگەندىن باشلاپ، ئانىنىڭ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىدۇ.، ئانا روھىيىتىدىكى ھەر قانداق نەرسە قان ئارقىلىق بالىنىڭ ۋۇجۇدىغا سىڭىدۇ. ئانا بالىنىڭ تۇنجى ئۇستازى . بۇ نۇقتىنى تۇنىغاندىن كېيىن، قىزلارغا ئادەتىكى بىر ئادەم سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى بىر ئانا، بىر مۇنبەت تۇپراق، .ئۇستاز سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشقا تېگىىشلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز.

   بىزگە زادى قانداق قىزلار  كېرەك؟ بىزگە كۆڭۈل ئېچىشىمىز ئۈچۈن ئارزۇلىنىدىغان قىزلار ئەمەس، بەلكى توي قىلىشىمىز، باللىرىمىشنىڭ ئانىسى قىلىنىشى ئۈچۈن ئارزۇلىنىدىغان ئەخلاقلىق، بىلىملىك، شەرم- ھايالىق، دىيانەتلىك قىزلار كېرەك.

  مەنبە : شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى » 2012 –يىلى 12- سېنتەبىر

0 comments

پىكىر بايان يوق